سەئۇدى ئەرەبىستانىغا كېلىپ يەرلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلارمۇ ئەينى ۋاقىتتىكى ئوڭۇشسىزلىقلار ۋە ھەر تۈرلۈك قىيىنچىلىقلار ئالدىدا يېڭىلمەستىن، باشقا مىللەتلەر ئالدىدا، ئەجدادلىرىنىڭ جاپادىن قورقماس روھىنى ئىسپاتلىغان ئىكەن. ئابدۇراھمان ئاقسۇمۇ شۇلارنىڭ قاتارىدىن سانىلىدۇ.
مۇھەممەد قاسىم ھاجىم بىلەن سۆھبەت
مۇھەممەد قاسىم ھاجىم ئابدۇراھمان ھاجىم ئاقسۇنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دىدى: " ئابدۇراھمان ئاقسۇ مەشھۇر باي ئابدۇغۇپۇر ھاجىمنىڭ شېرىكى ئىدى. ئۇ ۋەتىنىمىزنىڭ ئاقسۇ شەھىرىدىن ئىدى. 1928 - يىللاردا ئاقسۇنىڭ ئايكۆل يېزىسىدا تۇغۇلغان بولۇپ، ئاتا - ئانىسى ۋە بىر تۈركۈم يېقىنلىرى بىلەن بىرلىكتە ئانا يۇرتىدىن ئايرىلىپ، سەئۇدى ئەرەبىستانىغا كېلىپ يەرلەشكەن ئىكەن. ئابدۇراھمان ھاجىمنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىغا 1931 - يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ناھايىتى كىچىك ياشتا كەلگەنلىكى مەلۇم. ئۇ سەئۇدى ئەرەبىستانىغا كەلگەندىن كېيىن مەككە مۇكەررەم شەھرىدە ئولتۇراقلاشقان ۋە تىجارەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان ئىكەن."
ئابدۇراھمان ئاقسۇنىڭ پائالىيەتلىرى
مۇھەممەد قاسىم ھاجىم ئېيتىشىچە، 1960 - يىللاردا سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى مەشھۇر ئۇيغۇرلاردىن قەشقەرلىك ئابدۇغۇپۇر ئەمىن ھاجىم، قەشقەر توققۇزاقلىق ئابدۇلفەتتاھ ھاجىم، مۇھەممەد توختى ھاجىم ۋە ئابدۇراھمان ئاقسۇ قاتارلىق 4 كىشى جىددە شەھىرىدە شېرىك تىجارەت قىلغان ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئىشلىرى ئوڭدىن كېلىپ، 1980 - يىللارنىڭ باشلىرىدا بۇ 4 كىشى سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ئەڭ چوڭ مەشھۇر ئۇيغۇر بايلىرىغا ئايلانغان ئىكەن. شۇ ۋاقىتتا ئابدۇراھمان ئاقسۇ بۇ شېرىكلىكتىن ئايرىلماقچى بولغىنىدا، قالغان ئۈچ شېرىك ئابدۇراھمان ئاقسۇغا 40 مىليون رىيال(10 مىليون 666 مىڭ دوللار) پۇلنى بۆلۈپ بەرگەن ئىكەن.
ئابدۇئاھمان ئاقسۇنىڭ ياردەمسۆيەرلىكى
مۇھەممەد قاسىم ھاجىم ئابدۇراھمان ئاقسۇ ھەققىدە يەنە مۇنداق دىدى:" ئابدۇراھمان ئاقسۇ ئاجىزلارغا ياخشىلىق قىلىشنى سۆيىدىغان ۋە ئىلىم - مەرىپەت ئىگىلىرىنى ھۆرمەتلەيدىغان كىشى ئىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلەتتى. ئۇيغۇرلارغا پايدىلىق بولغان ھەر قانداق ئىش ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسىسىنى ئايىمايتتى. قولى كەڭ، ساخاۋەتلىك كىشى بولۇپ، ئۇيغۇرلاردىن يېتىم - يېسىر ۋە ئاجىز - ئۇرۇقلارغا ھەمىشە ياردەم قولىنى سۇناتتى. ئانا يۇرتتىن كەلگەن ئۇيغۇر ھاجىلارنىڭ خىزمەتلىرىنى قىلاتتى، ئۇلارنى مېھمان قىلىپ ھال سورايتتى. ئۇنىڭ مېھمان دوستلۇق خىسلىتىنى ئانا ۋەتەندىن كەلگەن ھاجىلىرىمىزمۇ تەقدىرلەيتتى ۋە ئۇنى ماختايتتى."
ئابدۇراھمان ئاقسۇ 1998 - يىلى رامىزان ئېيىدا مەككىدە 70 ياشلار ئەتراپىدا ۋاپات بولغان ئىكەن.