ئۆز ئانا تىلىنى بىلمەيدىغان بالىنىڭ مىجەز - خۇلقىمۇ ئۆزى سۆزلىشىپ يۈرگەن تىلدىكى غەيرى مىللەتنىڭ ئۆزگىچىلىكىگە ماس شەكىللىنىدۇ. دېمەك، ئۆز ئانا تىلىنى بىلمىگەن بالا ئۆزىنىڭ مىللىي ئەنئەنە، ئۆرپ - ئادەتلىرى، مۇزىكا، سەنئىتىگە يۇقۇشمايدىغان بولۇپ ئۆسىدىغانلىقى مۇقەررەر. كىچىكلەرنىڭ چوڭلارغا بولغان ھۆرمەت - ئىززەت قائىدە يوسۇنلىرىدىمۇ ئۇلارنىڭ پەرۋاسىز ئۆسىدىغانلىقىمۇ ئەنە شۇنىڭدىن. بۇ ئىشتىكى چوڭ مەسئۇلىيەت ۋە جاۋابكارلىق ئاتا - ئانىلارنىڭ ئۈستىگە يۈكلىنىدۇ.
سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئالىم ئابدۇلمۇتەللىپ ھاجىم بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىدى.
ئابدۇلمۇتەللىپ ھاجىم بىلەن سۆھبەت
ئابدۇلمۇتەللىپ ئانا تىلنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:" بۇ جايدىكى بىزنىڭ يېشىمىزدىكى، ھەتتا ياشىنىپ قالغانلارنىڭمۇ كۆپىنچىسىنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى بىلمەيدىغانلىقى مېنى بەكمۇ ئەپسۇسلاندۇردى. بۇ ھەقتە باشقا قېرىنداشلىرىمىز بىلەنمۇ سۆھبەتلەشكەن ئىدۇق. بۇ جايدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزىنىڭ ئانا تىلىنى سۆزلىيەلمەيدىغانلىقى، ھەتتا ئۇلار بىلەن سۆزلەشكىنىمىزدە، ئارىمىزغا تەرجىمان كېتىدىغانلىقى ئادەمنى ئويغا سالىدىغان بىر مەسىلە. ئۇلار ئۇيغۇرچە سۆزلىگەندىمۇ يېرىمى ئۇيغۇرچە، يېرىمى ئەرەبچە سۆزلەيدىغان بىر خىل ھالەت شەكىللىنىپ قالغان. شۇڭا بۇ جايدىكى ۋە باشقىمۇ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى، بالىلىرىغا ئۆگىتىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. چۈنكى ئۆزىنىڭ ئانا تىلىنى ئۇنتۇپ قالغانلىق ئۆزىنىڭ مىللىتىنى ئۇنتۇپ قالغانلىق، ئۆزىنىڭ ئۆرپ - ئادىتىنى ئۇنتۇپ قالغانلىقتۇر."
سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئانا تىل كرىزىسى
ئابدۇلمۇتەللىپ ھاجىم سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىنى ئۇنتۇپ قېلىشىغا سەۋەب بولغان ئامىللار ئۈستىدە توختۇلۇپ مۇنداق دېدى:" بۇ مەسىلىنى بىر قانچە تەرەپتىن ئىزدىنىشكە توغرا كېلىدۇ. بىرىنچىدىن بۇ جايغا مۇندىن يېرىم ئەسىر ئىلگىرى كېلىپ يەرلىشىپ قالغان پېشقەدەم ئۇيغۇرلار بۇ يەردىكى يەرلىك ئەرەبلەر بىلەن مۇئامىلە قىلىش جەريانىدا ئۇلارنىڭ تىلىغا مۇھتاج بولغانلىقتىن، ئۆز تىلىنى قوللىنىش شارائىتىدىن كۆپرەك ئەرەب تىلىنى قوللىنىش پۇرسىتى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار ئەرەب تىلىغا كۆنۈپ كەتكەن. كېيىنكى مەزگىللەرگە كەلسەك، ئۇلار ئىككىنچى ئەۋلاد پەرزەنتلىرىگە قارىتا ئۆز ئانا تىلىنى ئۆگىتىش شارائىتىنى ھازىرلىمىغان. ئىككىنچىدىن، سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ئىككىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇرلارغا كەلسەك، ئۇلار ئەتراپىدىكىلەر بىلەن مۇئامىلە قىلىش جەريانىدا پۈتۈنلەي ئەرەب تىلىغا ئۆتۈپ كەتكەن. ئانا تىلىنى ئۆگىنىش شارائىتى بولمىغان. ئاتا - ئانىلىرىمۇ ئۇلارغا ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگەتمىگەن. بۇ بىرىنچىدىن شارائىتنىڭ تەسىرى بولسا، ئىككىنچىدىن ئاتا - ئانىلارنىڭ ئۆز تىلىنى پەرزەنتلىرىگە ئۆگىتىشتىكى مەسئۇلىيەتسىزلىكىنىڭ ئالامىتى. ئۆزبېك قېرىنداشلارنى ئالايلى، ئۇلار پەرزەنتلىرىنى ئۆي ئىچىدە ئۆزبېك تىلىدا سۆزلەشكە مەجبۇرلايدىكەن. ئۇلار سىرتقا چىققاندا قانداق تىلدا سۆزلىسىمۇ، ئۆيىدە ئۆز تىلىنى سۆزلىگەنلىكتىن، ئانا تىلىنى مۇكەممەل بىلىدىكەن. بۇ ئاتا - ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا ئۆز ئانا تىلىنى ئۆگىتىشكە ئەھمىيەت بەرگەنلىكنىڭ نەتىجىسى ئىدى. ئەپسۇسكى بىز ئۇيغۇرلارغا قارايدىغان بولساق، بۇ جايدىكى ئۇيغۇر ئاتا - ئانىلار بالىلىرىغا ئۆز ئانا تىلىنى ئۆگىتىشكە ئەھمىيەت بەرمىگەن، سەل قارىغان. شۇ سەۋەبتىن بۇ يەردە تۇغۇلغان ئۇيغۇر بالىلىرى ئۇيغۇرلار بىلەن سۆزلىشىش ئۈچۈن تەرجىمانغا مۇھتاج بولىدىغان بولۇپ قالغان. بۇ ھەقىقەتەن خەتەرلىك ئەھۋال. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قايسى مىللەتكە تەۋە ئىكەنلىكىنى بىلەلمەيدىغان دەرىجىگە يېتىپ قالغان."
قانداق قىلغاندا ئانا تىلنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ ؟
ئابدۇلمۇتەللىپ ھاجىم قانداق قىلغاندا ئانا تىلنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:" بۇنىڭدا ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئۆز ئارا ھەمكارلىقى ۋە ماسلىشىشىغا توغرا كېلىدۇ. مەسىلەن: مەككىدە ئېچىلغاندەك ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنى ئېچىپ ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىتىش، ئۇيغۇر تىلىنى ئۇنتۇپ كەتكەنلەرگە ئۇيغۇر تىلى كۇرسلىرىنى ئېچىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاتا - ئانىلار ئۆيلىرىدە قۇدرىتىنىڭ يېتىشىچە ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشى لازىم. ئاساسلىقى ئائىلىلەردە ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشىش بەك مۇھىمدۇر. شۇنداق قىلغاندا ئانا تىلنى ئۆگىنىشكە ۋە ئۇنتۇپ قالماسلىققا ئاسان شارائىت يارىتىلىدۇ."