ساۋاب ئۇقۇمى ۋە ساۋاب كاتىگورىيىسى

ساۋاب ئىنسانلارنىڭ ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشى ۋە ئىتائەتمەنلىكى بىلەن زىچ ئالاقىدار بولۇپ، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشنىڭ ئۆلچىمى كۆپىنچە بۇ دۇنيادىلا ئىپادىلىنىدۇ، ئېرىشىدىغان ساۋابنىڭ ئۆلچىمى بولسا ئاخىرەتتە گەۋدىلىنىدۇ.

0:00 / 0:00

مانا بۇ، مۇسۇلمانچىلىق قائىدىسىدىكى چوڭقۇر ھېكمەتكە باي "ياخشى-يامان" كۆز قارىشى بولۇپ، بۇنىڭدىن كۆرۈشكە بولىدۇكى، مۇسۇلمانلار قانداقلا شارائىتتا بولمىسۇن، ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا كۈچلۈك تەشەببۇس قىلىنغان.

ئانا ۋەتەننىڭ ئوخشاش بولمىغان بىلىمگاھلىرىدا ئوقۇشىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە ئىلمىي خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئابدۇللا ھاجىم ئىمان ۋە ئۇنىڭ جەمئىيەتتىكى رولى ھەققىدىكى سۆھبىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىدى.

ئابدۇللا ھاجىم بىلەن سۆھبەت

ئابدۇللا ھاجىم ساۋاب ماس كېلىدىغان كاتېگورىيە ھەققىدە مۇنداق دىدى:"مۇسۇلمانلارنىڭ ئېتىقاد ئىدىيىسىدىكى ساۋاب كۆز قارىشى، پەقەت شەرىئەت مەجبۇرىيەتلىرىنى ئۈستىگە ئالغان، بالاغەتكە يەتكەن مۇسۇلمانلارغىلا يەنى ئىجتىمائىي ئىقتىدارغا ئىگە بولغۇچىلارغىلا قارىتىلغان. ئۇلار شەرىئەتنىڭ ھەر قانداق تەكلىپلىرىنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قوبۇل قىلالايدۇ. شىئۇڭا بالاغەتكە يەتمىگەن بالىلار ئۈچۈن ساۋاب-گۇناھ مەسىلىسى مەۋجۇد ئەمەس. ئۇنداقتا، خەيرلىك ئىشلارنى قىلغان مۇسۇلمان ئەمەس كىشىلەرمۇ ساۋابقا ئېرىشەمدۇ؟ دېگەن مەسىلە ئۈستىدە ئۆلىمالار ئىختىلاپلاشقان. ھەكىم ئىبنى ھىزام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن:" مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن " ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! مەن مۇسۇلمان بولۇشتىن بۇرۇن مېيىت يۇيۇش، سەدىقە بېرىش، قۇللارنى ئازاد قىلىش، تۇغقانلارغا ياردەم قىلىش قاتارلىق ياخشى ئىشلارنى قىلاتتىم، بۇ ئىشلىرىم ئۈچۈن ساۋابقا ئېرىشەمدىمەن؟"دەپ سورىۋىدىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا:" سەن ئىلگىرى قىلغان ياخشى ئىشلىرىڭ سەۋەبلىك مۇسۇلمان بولغان" دەپ جاۋاب بەردى". بۇ سېنىڭ بۇرۇن قىلغان ياخشى ئىشلىرىڭ سەۋەبلىك ئاللاھ ساڭا ھىدايەت ئاتا قىلىش ئارقىلىق مۇكاپات بەرگەن، بۇرۇنقى ۋە مۇسۇلمان بولغىنىڭدىن كېيىن قىلغان ئەمەللىرىڭ ھەممىسى قوشۇلۇپ ساڭا مەنسۇب بولىدۇ، دېگەنلىكتۇر."

ساۋابقا ئېرىشىشنىڭ شەرتلىرى

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە:" كىمكى زەررىچىلىك ياخشى ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى كۆرىدۇ؛ كىمكى زەررىچىلىك يامان ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ" دېگەن. بۇ ئەڭ ئاساسلىق پرىنسىپ بولۇپ، ئاللاھ ساۋاب بېرىشتە كىشىلەرنىڭ نەسەبىگە، تاشقى تۇرۇقىغا ۋە چىراي - شەكلىگە قاراپ ئەمەس، بەلكى قەلبىگە ۋە ياخشى ئەمەللىرىگە قاراپ بېرىدۇ. ئادەمنى ساۋابقا ئېرىشتۈردىغان ھەل قىلغۇچ شەرت نىيەتتۇر. ھەتتا بىرەر ياخشى ئىشنى قىلىشنى ئويلاپ كۆڭلىگە پۈككەن بولسىمۇ ئۇنى قايسىبىر سەۋەب بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان ئادەمگىمۇ ئاللاھ ساۋاب بېرىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام :"كىمكى بىرەر ياخشى ئىشنى قىلىشنى نىيەت قىلسا، ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ياخشى نىيىتى يۈزىسىدىن ئۇنىڭغا ساۋاب يېزىلىدۇ" دېگەن. ئەمما بىر يامانلىقنى قىلىشقا بەل باغلىغان بولسىمۇ ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرمىغان كىشىگە گۇناھ يېزىلمايدۇ. نىيەت دۇرۇس ۋە توغرا بولماستىن قىلىنغان ئەمەللەر ھېسابقا ئېلىنمايدۇ. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام :"ئەمەللەرنىڭ قوبۇل بولىشى نىيەتلەرگە باغلىقتۇر" دېگەن.