مىسىردىكى ئەزھەر ئىسلام تەتقىقات ئاكادېمىيىسى خىتايدا بېسىلغان قۇرئان نۇسخىلىرىنى بازارلاردىن چەكلىدى

خىتاي كېيىنكى ۋاقىتلاردا قۇرئان كەرىمىنى ھېچقانداق بىر ئىسلامىي ئورگاننىڭ رۇخسىتىنى ئالماستىن، پەقەت پۇل تېپىش مەقسىتى بىلەن بېسىپ ئىسلام ئەللىرىدە بازارلارغا سالغان.

0:00 / 0:00

ئەمما خىتايلار بېسىپ تارقاتقان قۇرئان كەرىم نۇسخىلىرىدا، قۇرئان ئايەتلىرى كىرگۈزۈلگەن يانفونلاردا كۆپلىگەن خاتالىقلار كۆرۈلگەنلىكتىن ئىسلام ئەللىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرى خىتايدا بېسىلغان قۇرئان نۇسخىلىرىنى ۋە خىتايدا ئىشلەنگەن ھەم ئىچىگە قۇرئان ئايەتلىرى كىرگۈزۈلگەن يانفونلارنى بازارلاردىن چەكلەش ھەققىدە قارارلارنى چىقىرىشقا باشلىدى.

لوندوندا چىقىدىغان «ئوتتۇرا شەرق» گېزىتىنىڭ 2011-يىلى 16-ئۆكتەبىر كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان مىسىرلىق ۋەلىد ئابدۇراھمان ئىسىملىك كىشىنىڭ قەلىمى بىلەن يېزىلغان بىر ماقالىدە، مىسىردىكى ئەزھەر ئىسلام تەتقىقات ئاكادېمىيىسىنىڭ خىتايدا بېسىلغان قۇرئان نۇسخىلىرىنى ۋە قۇرئان كىرگۈزۈلگەن يانفونلىرىنى بازارلاردىن مەنئى قىلىش ھەققىدە مەخسۇس قارار چىقىرىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ماقالىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان: مىسىر ئەزھەر بىلىمگاھىنىڭ ئۆلىمالىرى ئۆزلىرىنىڭ ئۈستىدىكى دىنىي مەسئۇلىيەتنى ياخشى بىلىدۇ. شۇڭا مىسىردا ۋە كۆپلىگەن ئىسلام ئەللىرىدە بېسىلىدىغان قۇرئان كەرىم نۇسخىلىرى ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئۇلار بېسىشقا رۇخسەت بەرگەن قۇرئان نۇسخىلىرى بېسىلىدۇ، ئۇلار بېسىشتىن چەكلەپ قويغانلىرى قەتئىي نەشر قىلىنالمايدۇ. بۇ ئۇزۇن يىللىق تارىختىن بېرى داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان ئىش. ئەمما كېيىنكى ۋاقىتلاردا خىتايغا ئوخشىغان مۇسۇلمان ئەمەس مەملىكەتلەرمۇ پەقەت تىجارەت مەقسىتى بىلەنلا قۇرئان كەرىمىنى بېسىپ، ئەرزان باھادا ئىسلام ئەللىرىنىڭ بازارلىرىغا سېلىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ بىرەر رەسمىي دىنىي ئورگاندىن رۇخسەت ئالماي ياكى ئۇلارنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ قۇرئان كەرىمىنى ئۆزلىرى خالىغانچە نەشر قىلىشى كۆپلىگەن خاتالىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

خىتايدا ئىشلەنگەن ئېلېكترونلۇق قۇرئانلارمۇ خاتالىقلارغا تولغان

ماقالىدە يەنە مۇنداق يېزىلغان: ئەزھەرنىڭ تەرجىمە ۋە تەلىم ئىشلىرى مۇدىرى زىيائۇددىن مۇھەممەدنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىزنىڭ بەزى ۋىجدانسىز تىجارەتچىلىرىمىز نەرخى ئەرزان دەپ خىتايدا بېسىلغان قۇرئان نۇسخىلىرىنى مىسىر بازارلىرىغا ئېلىپ كېلىپ تۆكۈۋەتكەن، بۇ نۇسخىلارنى ئوقۇغان ئادەتتىكى كىشىلەرمۇ بۇ نۇسخىلاردىكى نۇرغۇن خاتالىقلارنى بايقىغان. مۇندىن باشقا خىتايدا ئىشلەنگەن ئېلېكترونلۇق قۇرئانلار، ئىچىدە قۇرئان ئايەتلىرى بولغان يانفونلار خاتالىقلارغا تولغان. شۇنىڭ بىلەن ئەزھەر ئىسلام تەتقىقات ئاكادېمىيىسى خىتايدىن كەلگەن بۇ قۇرئان نۇسخىلىرىنى تەتقىق قىلىپ كۆرۈپ نۇرغۇنلىغان ئېغىر خاتالىقلارنى تاپقان. مەلۇمكى، خىتايلار قۇرئان كەرىمىنى بېسىپ چىقىش ئۈچۈن بىرەر قېتىممۇ ئەزھەر ئىسلام تەتقىقات ئاكادېمىيىسىگە تەلەپ سۇنغان ئەمەس. بەلكى پەن-تېخنىكىنىڭ ياردىمى بىلەن ئەسلى نۇسخىدىن كۆچۈرۈپ باسقان. شۇنداقتىمۇ سۈكۈت قىلىشقا قەتئىي بولمايدىغان نۇرغۇن خاتالىقلار كۆرۈلگەن. چۈنكى ئۇلار دىنىي تەلىماتلارغا قەتئىي رىئايە قىلمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئەزھەر ئىسلام تەتقىقات ئاكادېمىيىسى خىتايدا بېسىلغان قۇرئان نۇسخىلىرىنى، ئېلېكترونلۇق قۇرئانلارنى ۋە ئىچىدە قۇرئان ئايەتلىرى بار يانفونلارنى بازارلاردىن قەتئىي چەكلەش توغرۇلۇق مەخسۇس قارار چىقاردى.