ئىتالىيىدە زور تۈركۈمدىكى خىتاي ساختا تاۋارلىرى بايقالدى

بۈيۈك ئىرا تورىنىڭ يېقىندا بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ يىل 1-ئايدىن 7-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا ئىتالىيە ساقچىلىرى خىتايدىن ئەتكەسچىلىك يولى بىلەن كىرگۈزۈلگەن 52 مىليون دانىدىن كۆپرەك ساختا تاۋارنى قولغا چۈشۈرگەن. بۇنىڭ ئىچىدە 22 مىليوندىن كۆپرەكى خەتەرلىك بۇيۇملار بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

0:00 / 0:00

ئۇزۇندىن بۇيان كۆپلىگەن چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرى خىتايدا ئىشلىنىپ باشقا دۆلەتلەرگە ئەتكەسچىلىك يولى بىلەن كىرگۈزۈلگەن ساختا تاۋارلارنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ئۈزۈلدۈرمەي ئاشكارىلاپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ قېتىم ئىتالىيىدە قولغا چۈشۈرۈلگەن ساختا تاۋارلار سانىنىڭ ۋە تۈرىنىڭ كۆپلۈكى بىلەن جامائەتچىلىكىنى ھەيران قالدۇرغان.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىتالىيە پۇل-مۇئامىلە ئورگىنىغا قاراشلىق ئەتكەسچىلىككە قارشى تۇرۇش ئەترىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇلار بۇ قېتىمقى زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە قانۇنسىز ئۇنسۇرلاردىن 97 نى قولغا چۈشۈرگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ 41% ئى ئىتالىيىلىكلەر ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان قانۇنسىز كارخانا خوجايىنلىرى 155 نەپەر بولۇپ، ئۇلار ئوغرىلىقچە يۆتكەپ كەتمەكچى بولغان 242 مىليون ياۋرۇ مۇسادىرە قىلىنغان. ئىتالىيىنىڭ فلورىنسا شەھەرلىك ساقچى خادىملىرى خىتايلار بىلەن ئىتالىيىلىكلەر بىرلىشىپ ئىلىپ بارغان ساختا تاۋارلار سودىسى ھەمدە پۇل يۆتكەش قىلمىشىنىڭ شۇنچە زور ھەجىمدە ئىكەنلىكىدىن چۆچۈپ كەتكەن.

ساقچى تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى پۈتكۈل ئىتالىيە بويىچە ئىلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە ئۇلار ھەر كۈنى 35 قېتىمىدىن تەكشۈرۈش ئىلىپ بارغان بولۇپ، قولغا چۈشۈرۈلگەن ساختا پويىز بېلىتى ئىككى مىليون دانىدىن ئاشىدىكەن. بۇ بېلەتلەرنىڭ ھەر بىرىنىڭ باھاسى 14 ياۋرۇ بولۇپ، ھەممىسى خىتايدا ياسالغان ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا ساقچى تەرەپ يەنە نەچچە يۈزمىڭ دانە تۇغۇتتىن ساقلىنىش قاپچۇقى ھەمدە بىر مىليون دانىدىن ئارتۇق ئەتكەسچىلىك يولى بىلەن كىرگۈزۈلگەن ئويۇنچۇقلارنى قولغا چۈشۈرگەن.

بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشتە يەنە، جىنايەتچىلەر گۇرۇھى ياۋروپانىڭ شىمالىدىكى دېڭىز پورتلىرىدىن پايدىلىنىپ ئىتالىيىگە كىرگۈزگەن خىتايدا ئىشلەنگەن كۈن نۇرىدىن ساقلىنىش كۆزەينىكى،«نايكى» ۋە «ئادىداس» ماركىلىق ئاياق بولۇپ 11 مىليوندىن كۆپرەك ساختا تاۋار يىغىۋېلىنغان.

ساقچى تەرەپنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رىم شەھىرىدە قولغا ئېلىنغان يەتتە نەپەر خىتاينىڭ ئىقرارىغا ئاساسەن ئۇلار سىلىتسىيە ئارىلىنىڭ پالېرمو پورتىدا خىتايدا ئىشلەنگەن ساختا تازىلاش پاراشوكىدىن 9 مىڭ ساندۇقنى قولغا چۈشۈرگەن.

ئىتالىيىنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان باسنو شەھىرىدە ساقچىلار زور مىقداردىكى «ئالما» ماركىلىق كومپيۇتېر ۋە «نوكيا» ماركىلىق يانفون قاتارلىق ساختا تاۋارلارنى ئىنتېرنېت تورى ئارقىلىق ساتىدىغان بىر گۇرۇھنى، ۋىنىتسيىدە بولسا خىتايدا ئىشلەنگەن شۋېتسارىيىنىڭ داڭلىق ماركىلىق قول سائەتلىرىنى ساتىدىغان جىنايەتچىلەر گۇرۇھىنى ئېنىقلاپ چىققان.

بۇنىڭدىن ئىككى يىل بۇرۇنقى 2010-يىلى ئىتالىيە ساقچى ئورگانلىرى خۇددى بۇ قېتىمقىغا ئوخشاش تۇيۇقسىز زەربە بېرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق 581 خىتاينى قولغا ئېلىپ، جىنايەتچىلەر خىتايغا يۆتكەپ كېتىش ئالدىدا تۇرغان تۆت مىليارد 500 مىليون ياۋرۇنى (45亿欧元 ) قولغا چۈشۈرگەن ئىدى.

ئىجتىمائىي ئەخلاقنىڭ كۈنسايىن ناچارلىشىشى، ھوقۇقدارلار تەبىقىسىدە پارىخورلۇق، بۇزۇقچىلىق قاتارلىق قىلمىشلارنىڭ ئەۋج ئېلىشى سەۋەبىدىن ھاكىمىيەتنىڭ چىرىكلىشىشى نەتىجىسىدە، خىتاي بۈگۈنكى كۈندە دۇنيادىكى ئەڭ زور ساختا تاۋارلار ۋە زەھەرلىك بۇيۇملار ئۇۋىسىغا ئايلىنىپ قالغان. خىتايدا ئەڭ نازۇك ھەربىي ۋە ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرىدىن تارتىپ ئادەتتىكى يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك ھەمدە سەھىيە تارماقلىرىغىچە ساختىلىق ئارىلاشمىغان مەھسۇلاتلارنى تېپىش مۇمكىن ئەمەس. چىرىكلەشكەن ئەمەلدارلار، قانۇننى ئىجرا قىلغۇچىلار ۋە چېگرا-تاموژنا خادىملىرى بىلەن قانۇنسىز سودىگەرلەرنىڭ تىل بىرىكتۈرۈشى نەتىجىسىدە، نۆۋەتتە خىتاينىڭ ساختا تاۋارلىرى دۇنيانىڭ بارلىق بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە تارالماقتا.

غەربىي جەنۇبى ئاسىيا، ئوتتۇرا ئاسىيا، ئافرىقا ھەمدە ئەرەب ئەللىرىنى قاپلىغان خىتاينىڭ ساختا تاۋارلار ئەتكەسچىلىكىنىڭ ياۋروپا بازارلىرىغا يېيىلىشى ئىقتىسادشۇناسلارنى ئەنسىرىتىۋاتقان مەسىلە بولۇپ قالدى. ياۋروپانىڭ سودا-سانائەت ۋە پۇل-مۇئامىلە ساھەسىدىكى ئەربابلار نۆۋەتتە ياۋروپادا يۈز بېرىۋاتقان پۇل-مۇئامىلە كرىزىسنىڭ ناھايىتى زور دەرىجىدە خىتاينىڭ ساختا ماللار ئەتكەسچىلىكى بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىشماقتا.