بۇ پائالىيەتلەردىن بىرى، 3-ئىيۇن كۈنى توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن ساياھەت بايرىمى بولدى. 3-ئىيۇن كۈنى ئەتىگەن سائەت ئوندىن كەچ سائەت سەككىزگىچە داۋام قىلغان بۇ بايرامنى ياپونىيىدىكى ئەڭ چوڭ ساياھەت شىركەتلىرىدىن بىرى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، بۇ بايرامدا دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ساياھەت جايلىرى تونۇتۇلغاننىڭ سىرتىدا ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرى ۋە دۇنيادىكى خىلمۇ خىل توقۇنۇشلارمۇ ئاڭلىتىلىدىكەن.

بىر كۈندە 6-7 مىڭ ئەتراپىدا كىشى زىيارەت قىلىدىغان بۇ ساياھەت بايرىمىغا ئۇيغۇرلاردىن در. تۇرمەمەت ھاشىم بىلەن ئەركىن تىبەت ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ توكيودىكى شۆبە باشلىقى تسەرىن دورجى ئەپەندىنى تەكلىپ قىلىپ دوكلات بەرگۈزگەن. در. تۇرمەمەت ھاشىم دوكلاتىدا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ گۈزەل تەبىئەت مەنزىرىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مەشھۇر جايلىرى توغرىلىق ياپونىيىلىكلەرگە مەلۇمات بەرگەننىڭ سىرتىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى ھەققىدىمۇ مەلۇمات بەرگەن. ياپونىيىنىڭ پايتەختى توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ ساياھەت بايرىمى ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ مەيدان، ياپون، تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بايراقلىرى بىلەن بېزەلگەن بولۇپ، ياپونىيىلىكلەرنىڭ قاتتىق دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىغان. بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان ساياھەت شىركىتىنىڭ مەسئۇلى موموكو كوكاي خانىم پائالىيەت ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى:
«بىز دۇنيانى ساياھەت قىلىش نامىدا چوڭ بىر پائالىيەت ئۆتكۈزدۇق. بۇ پائالىيەتتە ئۇسۇل، ناخشىغا ئوخشاش ھەر خىل نومۇرلار بار. بۇ پائالىيەتكە ياپونىيىدىكى داڭلىق ناخشا ئۇسسۇل گۇرۇپپىلىرى، تونۇلغان سەنئەتچىلەرمۇ قاتناشتى. بۇ ساياھەت فېستىۋالىغا توكيو شەھىرى ۋە توكيو ئەتراپىدىكى رايونلاردىن كۆپ ساندا كىشى كېلىپ قاتنىشىۋاتىدۇ.»
موموكو كوكاي خانىم بۇ پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى:
«بۇ پائالىيەتنىڭ مەقسىتى ئاساسەن دۇنيانى ساياھەت قىلىش. ياپونىيىلىكلەر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىشتىن بۇرۇن، ئۇ رايونلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ھەققىدە مەلۇمات ئىگىسى بولۇشنى خالايدۇ. شۇڭا بىز ئۇلار بارىدىغان دۆلەتلەردىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگىمۇ ئۇلارنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بۇ ساياھەت فېستىۋالىنى ئۇيۇشتۇردۇق.»
موموكو كاكاي خانىم خىتايغا بارىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ سانىنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقىنى، ساياھەتچىلەرنىڭ تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە دىققىتىنى بۇراش ئۈچۈن بۇ پائالىيەتتە تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارغا ئورۇن بەرگەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
«خىتايغا زىيارەتكە بارىدىغان ياپونىيىلىكلەرنىڭ سانى ناھايىتى كۆپ. ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى خىتايدا بەكلا ئېغىر. شۇڭا بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە ئۇيغۇر دوستىمىز در. تۇرمەمەت ھاشىم بىلەن تسەرىن دورجى ئەپەندىنى تەكلىپ قىلىپ دوكلات بەرگۈزدۇق. بۇلار تىبەت ۋە ئۇيغۇردىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئاڭلاتتى، بۇنىڭدىن كىشىلەر قاتتىق تەسىرلەندى.»
بىز بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان ھاياكو ئىسىملىك بىر ياپون بىلەنمۇ نەق مەيداندىن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. ئۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىنكى تەسىراتىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
«مېنىڭ بۇ يەرگە كېلىشىمدىكى مەقسەت مەن تىبەت مەسىلىسىنى بۇرۇندىن تارتىپ بىلەتتىم. شۇڭا تىبەت ھەققىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاش ئۈچۈن كەلگەن ئىدىم. ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنىڭمۇ تىبەتلەرنىڭكىگە ئوخشاشلا ئېغىر ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتىم. ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك-ئىچمەكلىرى، گۈزەل مەنزىرىلىرى ھەققىدە مەلۇمات ئىگىسى بولدۇم، مۇشۇنداق گۈزەل بىر زېمىن ئۇيغۇرلارنىڭ قولىغا ئۆتسە ھەجەپ ياخشى بولاتتى دەپ ئويلىدىم. مەن بۇندىن كېيىن ئۇيغۇر دەۋاسىغىمۇ ياردەم قىلىمەن.»