گورجى كلارك: سايلامدا كىمنىڭ ئۇتۇپ چىقىشى ئامېرىكىنىڭ پالاۋدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا تەسىر قىلماسلىقى مۇمكىن

گۈئانتانومىدىن قويۇپ بېرىلگەن 6 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ پالاۋغا كېلىپ ئورۇنلاشقىنىغا 3 يىل بولۇپ قالدى. گۇانتانامودا 2-بىر دۆلەتكە ئورۇنلىشىشنى كۈتۈپ ئۇزۇن يىل ساقلىغان ئۇيغۇرلار، پالاۋغا كەلگەن 3 يىلدىن بۇيان، 3-بىر دۆلەتكە مەڭگۈلۈك ئولتۇراقلاشتۇرۇلۇشنى كۈتۈپ كېلىۋاتىدۇ.

0:00 / 0:00

ئۇلار ئامېرىكا پرېزىدېنتلىق سايلىمىدا ئوبامانىڭ مەغلۇپ بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىدە ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ قېلىشىدىن، ئۆزلىرىنىڭ 3-دۆلەتكە كېتەلمەسلىكىدىنمۇ ئەنسىرەيدۇ. شۇڭا ئۇلار يەكشەنبە كۈنى ئۆزلىرىنىڭ پالاۋدىكى ۋاقىتلىق تۇرۇشى يەنە قانچىلىك داۋام قىلىدىغانلىقىنى سوراپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.

ئامېرىكا پرېزىدېنت باراك ئوباما 2008-يىلدىكى سايلامدا، پرېزىدېنتلىققا سايلانسا گۇانتانامو لاگېرىنى دەرھال تاقايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىراق ئارىدىن 4 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، گۇانتانامو لاگېرى تاقالمىدى. لاگېردىكى گۇناھسىز، دەپ ئاقلانغان ئۇيغۇرلاردىن 3 كىشى داۋاملىق مەزكۇر لاگېردا تۇتۇپ تۇرۇلۇپ، 2-بىر دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشنى كۈتۈپ تۇرىدۇ. تىنچ ئوكياندىكى پالاۋغا ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان 6 نەپەر ئۇيغۇر بولسا، 3 يىلدىن بۇيان ئۆزلىرىنىڭ 20 مىڭ ناپۇسلۇق بۇ تىنچ ئوكيان ئارىلىدىكى ۋاقىتلىق ئورۇنلىشىشى يەنە قانچىلىك سوزۇلىدىغانلىقىنى كۈتۈپ، تاقەتسىزلەنمەكتە.

شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇلار، يەكشەنبە كۈنى ياپونىيە كيۇتو ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا سۆھبەت ئېلان قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ پالاۋدىكى ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى يەنە قانچىلىك داۋاملىشىدىغانلىقىنى سورىغان ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغا جاۋاب بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.

ئۇلار يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقان يەنە بىر مەسىلە، سەيشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان ئامېرىكا پرېزىدېنتلىق سايلىمى. ئۇلار سايلامدا كىمنىڭ ئۇتۇپ، كىمنىڭ مەغلۇپ بولۇشىغا دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەپ، ئوباما ئۇتتۇرۇپ قويسا، ئۆزلىرىنىڭ ئەھۋالى قانداق بولىدىغانلىقى، ئۇلارىنىڭ ھالىنى سورايدىغان ھېچقانداق بىر ھۆكۈمەت ئەمەلدارى چىقماي قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ياپونىيە ئىقتىسادى خەۋەرلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، پالاۋدىكى ئۇيغۇرلاردىن ئەخمەت ئابدۇلەھەد ئەپەندى، ياپونىيە كيۇتو ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا ئېلخەت ئارقىلىق يوللىغان بايانىدا ئەسكەرتىپ، ئەگەر ئوباما ئۇتتۇرۇپ قويسا، بىزنىڭ ئەھۋالىمىز قانداق بولىدۇ، ئۇلار بىزنى ئۇنتۇپ كېتەمدۇ ياكى بىزنىڭ باشقا دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلۇش مەسىلىمىزنى كۆرمەسكە سالامدۇ؟ دېگەن.

بىز ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىغا تېلېفون قىلىپ، ئەخمەت ئابدۇلەھەدنىڭ سوئالىغا قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقى، پالاۋدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە قانچىلىك ساقلايدىغانلىقىنى سورىدۇق. دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر ئەمەدارى، سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ، بىز داۋاملىق ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ۋاقىتلىق، دەپ قارايمىز. بىز پالاۋدىكى 6 نەپەر ئۇيغۇرغا مەڭگۈلۈك ئولتۇراقلىشىدىغان بىر جاي تېپىشقا كۈچىمىزنىڭ بارىچە تىرىشىمىز ۋە توختىماي ھەرىكەت قىلىمىز، دەپ كۆرسەتتى. دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ئەمەلدارى يەنە، پالاۋنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارغا ياردەمدە بولغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ سەۋرچانلىقىغا رەھمەت ئېيتىشنى ئۇنتۇپ قالمىدى.

گۇئانتانامودىكى تۇتقۇنلارغا ئادۋوكاتلىق قىلىۋاتقان ئامېرىكا ئاساسى قانۇنلۇق ھوقۇق مەركىزىنىڭ سابىق ئادۋوكاتى جورجى كلاركنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سايلامدا كىم ئۇتۇپ چىقسا چىقسۇن، بۇ ئامېرىكىنىڭ پالاۋدىكى ئۇيغۇرلارنى باشقا بىر دۆلەتكە مەڭگۈلۈك ئولتۇراقلاشتۇرۇش پوزىتسىيىسىگە تەسىر كۆرسىتىشى ناتايىن.

ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ: بۇنداق بولۇشىدىن گۇمان قىلىمەن. مېنىڭچە بۇ سىياسەتنىڭ ھۆكۈمەت ۋە پارتىيە ئالمىشىش بىلەن تەسىرگە ئۇچرۇشى ناتايىن. ئەگەر رومنېي سايلامدا ئۇتۇپ دۆلەت ئىشلار مىنىستىقى ئۆزىنىڭ سىياسىتىنى ئۆزگەرتسە، بۇ مەن ناھايىتى ھەيران قالىدىغان بىر ئىش بولىدۇ. دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى بۇ ئىشنى قىلىدىغان كىشىلەر سىياسەتچىلەر ئەمەس، ئۇلار كەسپىي دىپلوماتلار. شۇڭا مېنىڭچە ئۇلارنىڭ قارارى ئۆزگىرىدۇ، دەپ قارىمايمەن. لېكىن بۇ مېنىڭچە شەخسى پەرىزىم. ئەلۋەتتە، مەن ئۇلارنىڭ قانداق قارار قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن. بىراق مېنىڭ قارىشىمچە، ئۇلارنىڭ پوزىتسىيىسى ئۆزگەرمەيدۇ، دەپ كۆرسەتتى.

گۇانتانامودىن قويۇپ بېرىلىپ ئالبانىيىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلاردىن ئابابەكرى قاسىم ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پالاۋدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى نوقۇل مەدەنىيەت، تىل جەھەتتىكى مەسىلە ئەمەس. پالاۋدا تۇرمۇشنىڭ قىيىنلىقى، ئىش تېپىشنىڭ تەسلىكى ئۇلارغا بېسىم بولۇۋاتقان يەنە بىر مەسىلە.

گۇناتانامودىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان مەسىلە.كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى كېننىس رۇس، ياپونىيە كيۇتو ئاگېنتلىقىغا ئېلان قىلغان گۇانتانامودىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى باياناتىدا ئوباما ھۆكۈمىتىنى تەنقىدلەپ: ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى كىشىنى ئالاھىدە بىئارام قىلىدۇ. چۈنكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ خەۋپلىك كىشىلەر ئەمەسلىكى ۋە ھېچقانداق خاتالىق سادىر قىلمىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. لېكىن پرېزىدېنت ئوباما ئۇلارنى ئامېرىكا ۋە ياكى باشقا دۆلەتكە قويۇپ بېرىپ، سىياسىي مەبلىغىنى سەرپ قىلىشقا ئىستەكسىزلىك قىلدى، دېگەن.

جورجى كلاركنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئوباما 2008-يىلدىكى سايلامدا ۋەدە قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ھازىرغا قەدەر گۇانتانامونى تاقىماسلىقى كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ. جورجى كلارك: بۇ كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ. ئۇنىڭ ئۆز سۆزىدە تۇرۇپ، گۇانتانامونى تاقىماسلىقى كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ. ئەگەر ئۇ بېشىدىلا تېز ھەرىكەت قىلىپ، ئۆزىنىڭ كۈچىنى قوللانغان بولسا، بەلكى بۇ ئىشنى قىلالىغان بولاتتى. مېنىڭچە ئۇ بۇنىڭدا خاتالاشتى. ھازىر بۇ مەسىلە ئۇلارنىڭ كۈنتەرتىپىدىكى ئاساسلىق مەسىلە ئەمەس. ئەسلى ئۇلار بۇ مەسىلىنى ئاساسلىق ئورۇنغا قويۇشى كېرەك ئىدى، ئەپسۇسكى ئۇلار بۇ قېتىم مەزكۇر مەسىلىنى مۇھىم ئورۇنغا قويمىدى، دەپ كۆرسەتتى.

پرېزىدېنت ئوباما 2009-يىلى پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندا گۇانتانامو تاقاشنى بۇيرۇپ، لاگېردىكى ئەل‏-قائىدە مەنسۇپلىرىنى ئامېرىكا تۇپرىقىدىكى نورمال سوت مەھكىمىلىرىدە سوتلاشنى قارار قىلغان. لاگېردىكى گۇناھسىز، دەپ ئاقلانغان ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكىغا قوبۇل قىلىش ھەققىدە بەزى ئۇرۇنۇشلاردا بولغان. بىراق ئۇنىڭ ئۇرۇنۇشى ئامېرىكا جەمئىيىتى، دۆلەت مەجلىسىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر ۋە بىر قىسىم دېموكراتلارنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا دۇچ كەلگەن. دۆلەت مەجلىسى قانۇن چىقىرىپ،گۇانتانامودىن قويۇپ بېرىلگەن ھەر قانداق كىشىنى ئامېرىكىغا قوبۇل قىلىشنى چەكلىگەن ئىدى.

ئابابەكرى قاسىمنىڭ قارىشىچە، پالاۋ قاتارلىق جايلاردىكى ئۇيغۇرلارنى باشقا دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە تولۇق كۈچ چىقارمىغان. ئۇ، ئەگەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تولۇق كۈچ چىقارسا، بۇ ئىشلارنىڭ ئاللىبۇرۇن ھەل بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەخمەت ئابدۇلئەھەد ئەپەندىنىڭ كيوتۇ ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ۋە ئۇنىڭ بالىلىرىنىڭ پالاۋدىكى ھاياتى نورمال بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ بىردىن-بىر ئىستىكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بىرەر دۆلەتكە بېرىش ياشاش. جورجى كلارك، گۇانتانامودىن قايتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئەللەرگە ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى، بىراق ھازىرغا قەدەر بىرەر دۆلەت چىقمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: سىزگە ئۇلارنى قوبۇل قىلىدىغان بىر دۆلەت چىقىشى كېرەك. بىراق ھازىرغىچە، توررا ئىش قىلىپ، ئۇلارنى قوبۇل قىلىدىغان بىر دۆلەت چىقمىدى. پالاۋ ئۇلارنى قوبۇل قىلىپ زور ئىش قىلدى. بىراق پالاۋدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە توپلىشىپ ياشايدىغان ئۇيغۇر جامائىتى يوق. شۇڭا ئۇيغۇر ئاھالىسى توپلىشىپ ياشايدىغان دۆلەتلەر ئۇلارنى قوبۇل قىلسا، توغرا قىلغان بولىدۇ. مەسىلەن، ئاۋسترالىيە، تۈركىيە، گېرمانىيە شۇنداقلا ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ياشايدىغان باشقا ھەر قانداق دۆلەت.

جورجى كلاركنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھېچقانداق بىر دۆلەت ئوتتۇرىغا چىقىپ، پالاۋدىكى ئۇيغۇرلارغا مەڭگۈلۈك پاناھلىق بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرمىگەن بولسىمۇ، بىراق ھېچقانداق بىر دۆلەت ئۇلارنىڭ پاناھلىق ئىلتىماسىنى رەت قىلىپ باقمىغان. ئۇ، بۇنىڭ سىياسىي سەۋەب ھەققىدە پىكىر بايان قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىراق بەزى ئانالىزچىلار، نۇرغۇن دۆلەتلەر خىتاينىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇلارنىڭ پاناھلىق ئىلتىماسىغا جاۋاب بېرىشنى ئارقىغا سۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.