تەيۋەننىڭ پرېزىدېنت سايلىمىغا ئىككى كۈن قالغاندىكى جىددىي رىقابەت

تەيۋەندە پرېزىدېنت سايلىمىدا سودىگەرلەر، بولۇپمۇ چوڭ قۇرۇقلۇقتىن كۆچۈپ كەلگەنلەر ما يىنجيۇنىڭ قايتا سايلىنىشىنى قوللايدۇ. يەرلىك تەيۋەنلىكلەر سەي يىڭۋېن خانىمنى قوللايدۇ.
مۇخبىرىمىز ۋەلى
2012.01.12
sey-yinwen-xanim-saylam-305.jpg دېموكراتىيە ۋە ئىلغارلىق پارتىيىسى (مىنجىنداڭ) نىڭ نامزاتى سەي يىنۋېن خانىم(سولدا) ئۆزىنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئارىسىدا. 2012-يىلى 9-يانۋار، تەيۋەن.
AFP

تەيۋەندە 1‏-ئاينىڭ 14-كۈنى ئەتىگەن سائەت 8 دىن كەچ سائەت 4 كېچە پرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇنىڭغا يەنە 2 كۈن قالدى. تەيبېيدە چىقىدىغان «ئاسىيا خەۋەرلىرى» گېزىتىدە بايان قىلىنىشىچە، ھازىر تەيۋەندە سودىگەرلەر، بولۇپمۇ چوڭ قۇرۇقلۇقتىن كەلگەنلەر كۆك بايراقچىلارنىڭ (گومىنداڭ)نىڭ نامزاتى 69 ياشلىق ما يىنجيۇنىڭ قايتا سايلىنىشىنى قوللايدۇ. چۈنكى ما يىنجيۇ تەيۋەن پرېزىدېنتى بولۇپ تۇرغان ئۆتكەن تۆت يىل ئىچىدە، چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى كوممۇنىست ھۆكۈمىتى بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلىغان، تەيۋەن بىلەن كوممۇنىست خىتاي ئوتتۇرىسىدا تاموژنا بېجىدا ئېتىبار بېرىش كېلىشىمى ئىمزالىغان، تەيۋەن سودىگەرلىرىنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇققا سالغان مەبلىغىنى كۆپەيتكەن ئىدى. ئەمما يەرلىك تەيۋەنلىكلەر، كوممۇنىست خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتلەردە كۆپ ئاچچىق ساۋاققا ئىگە جامائەت ئەربابلىرى، سىياسىيونلار يېشىل بايراقچىلارنىڭ (دېموكراتىيە-ئىلغارلىق پارتىيىسىنىڭ) نامزاتى 55 ياشلىق سەي يىڭۋېن خانىمنى قوللايدۇ. تەيۋەندىكى خەلقچى پارتىيە (چىڭمىنداڭ) نىڭ نامزاتى سۇڭ چيۇيۈگە بېرىلگەن ئاۋاز بەك ئاز.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە يەنە، ھازىر كوممۇنىست خىتاينىڭ تەيۋەن سايلىمىغا قارىتا قوللانغان ھەرىكىتى ناھايىتى يوشۇرۇن ھەم قەبىھ. خىتاي ھازىر تەيۋەن سودىگەرلىرىگە، ئەگەر ما يىنجيۇغا ئاۋاز بەرمىسە، بۇنىڭدىن كېيىن چوڭ قۇرۇقلۇقتىن ئالىدىغان مەنپەئەتلەرگە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ تەھدىت سېلىپلا قالماي، تەيۋەن سودىگەرلىرىنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى خوتۇنلىرىنىمۇ، ما يىنجيۇغا ئاۋاز بېرىش ئۈچۈن تەيۋەنگە يولغا سالماقتا.

كۆك بايراقچىلارغا تەۋە ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، گەرچە ھازىر ما يىنجيۇ ئېرىشكەن ئاۋازنىڭ سانى سەل كۆپتەك كۆرۈنسىمۇ، ئاخىرقى مىنۇتلاردا ما يىنجيۇغا بېرىلگەن ئاۋاز 5% دىن 10% غىچە كەملەپ كېتىش ئېھتىمالى بار. بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ، كوممۇنىست خىتاينىڭ تەيۋەن مۇستەقىلچىلىرىگە (يېشىل بايراقچىلارغا) قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ھەرىكەتلىرى تۈپەيلىدىن مۇشۇنداق ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن ئىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۈگۈن تەيبېيدە كۆك بايراقچىلارنىڭ نامزاتى ما يىنجيۇ ئۆزى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، جۇڭخۇا مىنگو دېگەن رامكا ئاستىدا تۇرۇش، خىتاي بىلەن بىرلەشمەسلىك، مۇستەقىل بولماسلىق، ئۇرۇش قىلماسلىق، ئىقتىسادنى ياخشىلاپ، ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئىش پۇرسەتلىرى يارىتىش سىياسىتى قوللىنىدىغانلىقىنى تەكرار جاكارلاپ داۋاملىق ئاۋاز توپلىغان.

تەيۋەن دېموكراتىيە-ئىلغارلىق پارتىيىسىنىڭ باياناتچىسى سۇ مېيچىنمۇ بۈگۈن مۇخبىرلارغا، ئەگەر يېشىل بايراقچىلار سايلامدا يېڭىپ چىقسا، بۇنىڭدىن كېيىن تەيۋەنلىكلەرنىڭ خىتاي بىلەن ئالاقە قىلىشىغا قارشى تۇرمايدىغانلىقىنى، ئەمما ما يىنجيۇ ھۆكۈمىتىدەك «تەيۋەننىڭ تۇخۇمىنى چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ سېۋىتىگە سېلىپ» تەيۋەن ئىقتىسادىغا خېيىم-خەتەر پەيدا قىلىشقا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، تېخىمۇ كۆپ ئاۋازغا ئېرىشىشكە تېرىشقان.

خىتاينىڭ «يەرشارى ۋاقىت گېزىتى»نىڭ بۈگۈن تەھلىل قىلىشىچە، ھازىر تەيۋەندىكى پرېزىدېنت سايلىمىدا ئاۋاز توپلاش پائالىيەتلىرى ناھايىتى جىددىي كېتىۋاتىدۇ، ئەمما بۇ قېتىم يەنىلا بۇرۇن يۈز بېرىپ ئۆتكەندىكىدەك، ئادەتتە جىم تۇرۇۋېلىپ ئاخىرقى مىنۇتتا ئاۋاز بېرىپ، نامزاتلارنىڭ ئاۋاز نىسبىتىدە توساتتىن چوڭ ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدىغان «ئەگەشمە كېسەل» دىن خالى بولۇش قېيىن.

ئۇچۇر ئارخىپلىرىغا قارىغاندا، تەيۋەن سايلىمىنىڭ قانۇن ئاساسى جۇڭخۇا مىنگو ئاساسىي قانۇنىدىن كەلگەن. جاڭ جېشى 1949‏-يىلى چوڭ قۇرۇقلۇقتا ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ قېچىپ چىقىپ تەيۋەننى ئىگىلىۋالغاندىن كېيىن، تەيۋەندە سايلام ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرغان. 1954-، 60- ، 66- ۋە 72‏-يىللىرى ئۆتكۈزۈلگەن سايلاملاردا مۇستەبىت جاڭ جېشى جۇڭخۇا مىنگو پرېزىدېنتى بولۇپ سايلانغان. 78-، 84-يىللىرى ئۆتكۈزۈلگەن سايلاملاردا، جاڭ جېشىنىڭ ئوغلى جاڭ جىنگو جۇڭخۇا مىنگو پرېزىدېنتى بولۇپ سايلانغان. 90‏-يىلىدىكى سايلامدا، لى دېڭخۇي تەيۋەن پرېزىدېنتى بولۇپ سايلانغان. 96‏-تەيۋەندىكى سايلامدىمۇ لى دېڭخۇي قايتا سايلانغان. لى دېڭخۇي ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە باشلىغاندىن كېيىن، مىللەتچى پارتىيە (گومىنداڭ) ئۇنى پارتىيىدىن چىقىرىۋەتكەن. 2000‏-يىلى دېموكراتىيە-ئىلغارلىق پارتىيىسىنىڭ نامزاتى چېن شۈيبيەن تەيۋەن پرېزىدېنتى بولۇپ سايلانغان. ئۇ، 2004‏-يىلىدىكى سايلامدا يەنە قايتىدىن سايلانغان. خىتاي ئۇنى مۇستەقىل بولۇشقا يۈزلەندى دەپ ھەربىي تەھدىت سېلىشقا باشلىغان. 2008‏-يىلى مىللەتچى پارتىيىنىڭ (گومىنداڭنىڭ) نامزاتى ما يىنجيۇ تەيۋەن پرېزىدېنتى بولۇپ سايلانغان.

تەيۋەندە 1991‏-يىلى 4‏-ئايدىن كېيىن جەمئىي 7 قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ئاساسىي قانۇن ئاساسىدا، ھازىرقىدەك تەيۋەننىڭ پرېزىدېنتىنى ئومۇم خەلق بىۋاسىتە سايلاپ چىقىدىغان، زۆرۈر بولسا ۋەزىپىدىن قالدۇرالايدىغان، خەلق سايلاپ چىققان پرېزىدېنت تەيۋەننىڭ تېررىتورىيە پۈتۈنلۈكىنى قوغداپ، ئەركىنلىك، دېموكراتىيە پرىنسىپلىرىغا ئاساسەن سىياسەت تۈزىدىغان، پۈتۈن جەمئىيەت ئىلغارلىققا ئېچىۋېتىلىدىغان، ھۆكۈمەت قانۇن بويىچە ئىش بېجىرىدىغان، پۈتۈن خەلق ھۆكۈمەتنى نازارەت قىلىدىغان تۈزۈم يولغا قويۇلىدىغان بولدى.

ئۇنىڭدىن بۇرۇن تەيۋەن ياپونىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا تۇرغاندىمۇ، 1935‏-يىلدىن باشلاپ، ھەر يىلى ئوبلاست، شەھەر، ناھىيە، مەھەللە، ئايماق پارلامېنت ئەزالىرىنى خەلق ئومۇم سايلام ئارقىلىق سايلاپ يېڭىلاپ تۇرىدىغان تۈزۈم يولغا قويۇلغان ئىدى. پەقەت تەيۋەن جۇڭخۇا مىنگو دەۋرىگە كىرگۈچە بولغان ئارىلىقتا ئۇرۇش تۈپەيلىدىن ئىككى قېتىم سايلام ئۆتكۈزۈلمەي قالغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.