دەسلەپتە رۇسىيە، خىتاي، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستان قاتارلىق بەش مەملىكەتتىن تەركىب تارتقان بۇ تەشكىلات 2001 - يىلى شاڭخەيدە ئۆزبەكىستاننى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن «شاڭخەي ئالتىلىكى» ياكى «شاڭخەي ەمكارلىق تەشكىلاتى»غا ئۆزگەرتىلگەن ئىدى.
ۋاقىت ئۆتكەنسېرى بۇ تەشكىلاتقا ئەزا بولۇپ كىرگۈچىلەرنىڭمۇ سانى ئۆسمەكتە ئىكەن. پاكىستان، ئىران، موڭغۇلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر كۆزەتكۈچىلەر ۇقىغا ئىگە بولغان بولسا، ئەمدى تۈركىيىنىڭمۇ ئۇنىڭغا ئەزا بولۇپ كىرىشكە ئىنتىلىۋاتقانلىقى ەققىدە مەلۇماتلار پەيدا بولماقتا.
مۇشۇ ئاينىڭ 6 - ۋە 7 - كۈنلىرى خىتاي پايتەختى بېيجىڭدا تەشكىلاتنىڭ نۆۋەتتىكى ئۇچرىشىشى بولۇپ ئۆتمەكچى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە شاڭخەي ەمكارلىق تەشكىلاتى بۇ قېتىمدا قانداق مەسىلىلەرنى كۈن تەرتىپىگە قويماقچى، تەشكىلاتقا ئەزا بولۇپ كىرىمەن دېگۈچىلەرگە نىسبەتەن قانداق مەۋقە تۇتۇلماقچى، «ئۈچ خىل خەۋپ» كە قارشى قانداق كۈرەش ئېلىپ بېرىلماقچى، دېگەنگە ئوخشاش سوئاللار بەس - مۇنازىرىگە ئايلانماقتا.
يېقىندا شاڭخەي ەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى مۇراتبەك ئىمانالىيېفنىڭ «رۇسىيە گېزىتىگە» بەرگەن سۆ ئېلان قىلىنىپ، ئۇنىڭدا باش كاتىپ بۇ تەشكىلاتنىڭ ئالغا قويغان بەزى پىلانلىرى ەققىدە ئۆز پىكىرلىرىنى قىلغان ئىدى.
نۆۋەتتىكى ئۇچرىشىشتا مۇە قىلىنىدىغان مەسىلىلەر قاتارىدا ئۇ تەشكىلاتقا ئەزا مەملىكەتلەر ئارا دوستلۇق ۋە ەمكارلىقنى مۇستەەملەش ئۈچۈن قوشۇمچە چارىلەرنى قوللىنىش، خەلقئارا ۋە رايون خاراكتېرگە ئىگە مۇ مەسىلىلەر بويىچە پىكىر ئالماشتۇرۇش، 2012 - ۋە 2013 - يىللاردا تەشكىلاتقا رەئىسلىك قىلىش ەققىدە قارار قوبۇل قىلىش، ئۇچرىشىش نەتىجىسىدە ئېلىنغان قارار - خۇلاسىلەرنى مەخسۇس بىر ۆججەتكە بېكىتىشنى كۆزدە تۇتماقتا.
مۇراتبەك ئىمانالىيېفنىڭ ئېيتىشىچە، بۇنىڭدىن تاشقىرى يەنە شاڭخەي ەمكارلىق تەشكىلاتى تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي ئىستراتېگىيىلىك يۆنىلىشلىرىنىڭ كېلەچەك پىلانلىرىنى، تەشكىلاتنىڭ رايوندىكى تىنچلىقنى، بىخەتەرلىكنى ۋە مۇقىملىقنى خەتەر ئاستىغا قويىدىغان ئەۋاللارغا قارىتا جاۋاب بېرىشنىڭ سىياسىي - دىپلوماتىيىلىك چارىلىرى ۋە مېخانىزمى توغرىلىق نىزامنامىنىڭ يېڭى نۇسخىسىنى بېكىتىش ەمدە ئەزالىققا نامزاتلارنىڭ كۆپىيىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇلارنى قوبۇل قىلىشنىڭ ۆججىتىنى ئىشلەپ چىقىش ۋەزىپىسىمۇ تۇرماقتا. بولسا ئافغانىستان ۋە تۈركىيىنىڭ كۆزەتكۈچىلىك ۇقىنى ئېلىش مەسىلىسى مەۋجۇت بولۇپ، بۇمۇ ئۆز نۆۋىتىدە ەر خىل پىكىرلەرنى قىلماقتا.
باش كاتىپ سۆ يەنە بىر مۇ مەسىلە «ئۈچ خىل خەۋپ» كە قارشى كۈرەش ئېلىپ بېرىش ئىستراتېگىيىسىنى بەلگىلەش بولۇپ، مۇراتبەك ئىمانالىيېف بۇ يۆنىلىشتە تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ ەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، تەشكىلاتنىڭ 2012 - ۋە 2013 - يىللارغا بەلگىلەنگەن تېررورچىلىق، بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش پروگراممىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مەقسىتىدە تېررورغا قارشى بىرىككەن ەربىي مەشىقلەرنى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى، رايوندىكى ۋە خەلقئارادىكى بىخەتەرلىكنى تەمىنلەش تەشكىلاتنىڭ باش مەقسىتى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
مۇراتبەك ئىمانالىيېف «رۇسىيە ئاۋازىغا» بەرگەن سۆە تەشكىلاتنىڭ ئۆزىنىڭ ەربىي قۇدرىتىنى ئاشۇرۇشنى نىيەت قىلمايۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن. ئۇ شۇنداقلا ئافغانىستانغا ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ياردەم بېرىشنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنىڭ تەرەپدارى ئىكەنلىكىنى، ئەمدى ئىران مەسىلىسىگە توختىلىپ، ئۇنىڭ تەشكىلاتقا ئەزا بولۇش ئىلتىماسىنىڭ مەخسۇس كومىسسىيە تەرىپىدىن قارىلىۋاتقانلىقىنى، تۈركىيە مەسىلىسىنىڭمۇ مۇشۇ يىلى ەل قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بولۇپمۇ قازاقىستان جۇۇرىيىتىنىڭ بىرىنچى پرېزىدېنتى فوندى يېنىدىكى ئىقتىسادى ۋە سىياسىتى ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى ۋەلىخان تۇلېشوف تۈركىيىنىڭ ياۋروپاغا ئېلىپ بارىدىغان مۇ بىر يول ئىكەنلىكىدىن ئۇنىڭ تەشكىلاتقا ئەزا بولۇپ كىرىشىگە ەم قازاقىستاننىڭ ەم خىتاينىڭ مەنپەئەتدار ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن قازاقىستاننىڭ تۈركىيىنىڭ تەشكىلاتقا شېرىك سۈپىتىدە بېكىتىلىشىنى تولۇق قوللاپ - قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ ەقتە «رېگنۇم» ئاخبارات ئاگېنتلىقى ئېلان قىلغان «قازاقىستان تۈركىيىنىڭ شاڭخەي ەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ دىئالوگ بويىچە شېرىك ۇقىنى ئېلىش نىيىتىنى قوللايدۇ» ناملىق ماقالىدا ئېيتىلغان.
0:00 / 0:00