خىتاي دائىرىلىرى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن بىر قاتار جىددىي ئىقتىسادىي تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش بىلەن بىرلىكتە يەنە، ئىدىيە قۇرۇلۇشىنىمۇ چىڭ تۇتۇپ ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇر رايونىدا "مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى" ۋە "ئۈچ ئايرىلالماسلىق" قاتارلىق شۇئارلارنى تېخىمۇ كۈچەپ تەشۋىق قىلىشقا باشلىدى. خىتاي دائىرىلىرى چوڭلارغا قاراتقان تەشۋىق بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، ياش - ئۆسمۈرلەر ئارىسىدىمۇ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسىنى كۈچەيتىپ، ئۇلاردا كىچىكىدىن باشلاپلا مىللەتلەر بىر - بىرىدىن ئايرىلالماسلىق ۋە ھەممە كىشى جۇڭخۇا پۇقراسى دەيدىغان ئىدىيىنى تۇرغۇزۇش خىزمىتىنى ئىشلەشكە باشلىغان.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ تارقاتقان خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى ياش - ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا بىر مىليون ياش - ئۆسمۈرنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە "قولنى قولغا تۇتۇشۇش" ھەرىكىتى ۋە شۇنداقلا " تۆت چۈشەنچە بىرلىكى" دەيدىغان بىر ئىستراتېگىيىنى تۈزۈپ چىققان. ئىگىلىنىشىچە، بۇ " تۆت چۈشەنچە بىرلىكى" دېگەنلىك ھەر مىللەت ياش - ئۆسمۈرلىرى ئارىسىدىكى چۈشەنچە بىرلىكى، خەنزۇ ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت ياش - ئۆسمۈرلىرىگە بولغان چۈشەنچە بىرلىكى، ھەر مىللەت ياش - ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئاتا - ئانىلىرى ئارىسىدىكى ئۆز - ئارا چۈشەنچە بىرلىكى دېگەنلىك ئىكەن.
خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، يۇقىرىدىكى شۇئارلارغا بىنائەن جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىدىن 5000 نەپەر ئاز سانلىق مىللەت ئۆسمۈرلىرى بىلەن ئۈرۈمچى ۋە سانجىدا ئولتۇرۇشلۇق 5000 مىڭ نەپەر خىتاي ئۆسمۈرلىرى ئارىسىدا ئايدا ئىككى پارچە سالام خەت يېزىشىش، ھەپتىدە بىر قېتىم تېلېفوندا سۆزلىشىش بەلگىلەپ بېرىلگەن.
بىز بۇ ھەقتە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن قەشقەرنىڭ مەلۇم بىر ناھىيىسىگە تېلېفون قىلىپ، بىر ئۇيغۇر قىز بىلەن نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. تۆۋەندە سۆھبىتىمىزنىڭ بىر قىسىم يەرلىرىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچى. ئۇ بىزدىن ئۆزىنىڭ ئىسمى ۋە ئېنىق ئورنىنى ئاشكارىلىماسلىقىمىزنى تەلەپ قىلدى.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، سىلەر يۇقىرىدا ئاڭلىغاندەك تېلېفونىمىزغا چىققان بۇ قىز ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەقىقىي ئارزۇسىنىڭ ۋە كۆڭلىدىن كەچكەنلەرنى بەلكىم شۇ ئاخىرقى سۆزى بىلەن بىزگە يىغىنچاقلاپ بەرگەن بولسا كېرەك. يەنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتقىنىدەك، ئۇيغۇر رايونىدىكى مىللىي زىددىيەت قانداقتۇ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئاپتونومىيە قانۇنىدا بەلگىلەنگەنلەرنى ئەينەن ئىجرا قىلىش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىي، دىنىي ھەق - ھوقۇقلىرىغا ھەقىقىي تۈردە ھۆرمەت قىلىش بىلەن ھەل بولىدۇ.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.