ئۇيغۇر بالىلىرى ئالدانماقتا، سېتىلماقتا، سەرگەردان بولماقتا ..... (1)

0:00 / 0:00

گەرچە خىتايدا سەرگەردان بالىلارنى باشقۇرۇش ۋە پاراۋانلىق ئىشلىرىغا ھەر قايسى خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى مەسئۇل بولۇپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بۇ مەسىلىگە قارىتا مەخسۇس قانۇنى - نىزام بولمىغاچقا، ھازىرغا قەدەر خىتاي جەمىيىتىدە سەرگەردانلىق ھاياتىنى كەچۈرىۋاتقان بالىلارنىڭ ۋەزىيىتى ناچار بولۇپ كەلگەن .

ئۇنداقتا ئۇيغۇر سەرگەردان بالىلىرىنىڭ ئەھۋالى قانداق بولىۋاتىدۇ؟ جەمىيەتنىڭ ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈشى قانچىلىك؟ بۇنىڭغا دائىر مەلۇماتلارنى مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە تەييارلىغان پروگراممىدىن ئاڭلاڭ.