خىتاينىڭ سەھىيە ساھەسىدە يۈز بېرىۋاتقان مەسىلىلەر خەلقنى غەزەپلەندۈرمەكتە

خىتايدا يالغۇز كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئېغىر دەرىجىدە مەۋجۇت بولۇپ قالماستىن، بەلكى ئىجتىمائىي ساھەلەردە، بولۇپمۇ سەھىيە ساھەسىدە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان دەرىجىدە ئېغىر مەسىلىلەرمۇ مەۋجۇت.

0:00 / 0:00

بۇ مەسىلە ئىلگىرى خىتايدا سەھىيە خىزمىتى ئىشلىگەن خادىملار ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كېلىۋاتقان مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ شۇنداقلا ئۇيغۇر ئىلىدا ئىقتىسادى قىيىنچىلىقى بولغان بىر ئىنساننىڭ كېسەلگە گىرىپتار بولسا داۋالىنىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلمەيدىغانلىقى، خىتايدا دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن 10 مىڭ يۈەن تاپشۇرۇش كېرەكلىكى، ئەگەر پۇل تاپشۇرۇلمىسا، كېسەل قانچە ئېغىر بولغان تەقدىردىمۇ داۋالاش دەرھال توختىتىلىدىغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە ئىنكاس قىلماقتا. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۈگۈن بىز، بۇرۇن خىتاينىڭ سەھىيە ساھەسىدە خىزمەت قىلغان خادىملارنى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى زىيارەت قىلدۇق.