رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، دۇنيانى يېتەكلەپ كېتىۋاتقان سەككىز چوڭ سانائەت دۆلىتى باشلىقلىرى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن باشلاپ، فرانسىينىڭ نورماندى دېڭىز ساھىلىغا جايلاشقان دىيۇۋىل ئارامگاھىدا ئىككى كۈن ئالىي دەرىجىلىك يىغىن ئۆتكۈزگەن ئىدى. بۇ يىغىن بۈگۈن 27-كۈنى خىتابنامە ئېلان قىلدى. بۇ ئالىي دەرىجىلىك يىغىننىڭ خىتابنامىسىدە، بۇ يىل ئەرەب دۇنياسىدا يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەرنى، ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيىنىڭ پۈتۈن يەر شارىغا كېڭىيىۋاتقانلىقى، بۇ، دۇنيا تىنچلىقىنىڭ داغدام يولى دەپ كۆرسەتتى.
سىنگاپوردا چىقىدىغان بىرلەشمە سەھەر گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئىتالىيە، گېرمانىيە، كانادا، ياپونىيە، رۇسىيىدىن ئىبارەت سەككىز چوڭ سانائەت دۆلىتى باشلىقلىرى فرانسىيىدە ئىككى كۈن ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، دۇنيانىڭ يېڭى ۋەزىيىتى، دۇنيا ئىقتىسادى، ئىنتېرنېت ۋە يادرو قوراللارنىڭ بىخەتەرلىكى ، خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە تەشكىلاتىنىڭ باش ساھىبىنى تەيىنلەش مەسىلىسى قاتارلىق تېمىلارنى مۇزاكىرە قىلدى. بۇ يىغىن پۈتۈن دۇنيادىن، ئەرەب ئالىمىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە ئەھمىيەت بېرىشنى ۋە ئاپەتكە ئۇچرىغان ياپونىيىگە ھېسداشلىق قىلىشنى تەلەپ قىلدى. بۇ ئالىي دەرىجىلىك يىغىن يەنە لىۋىيە، سۈرىيىلەردىن خەلقنى قوراللىق باستۇرۇشنى دەرھال توختىتىشنى، ئىسرائىلىيە، پەلەستىنلەردىن ئەھمىيەتلىك تىنچلىق سۆھبىتى باشلاشنى تەلەپ قىلدى.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، فرانسىيىدە ئېچىلغان بۇ قېتىمقى سەككىز دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىشىغا، ئافرىقىدىكى 17 دۆلەتنىڭ ۋەكىلى تەكلىپ قىلىندى. ئۇلار بۇ يىغىن ئېچىلىشتىن بىر كۈن بۇرۇنلا ھۆكۈمەت خادىملىرىغا، شىركەت خادىملىرىغا ۋە ئىنتېرنېتنى توسۇۋالغۇچىلارغا چەكلىمە قويۇش، بىلىم ھوقۇقىنى قوغداش، تېررورچىلىققا زەربە بېرىش جەھەتلەردە كەڭ دائىرىلىك مۇھاكىمە باشلاپ پىكىردە بىرلىككە كېلىپ بولغان ئىدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، سەككىز چوڭ سانائەت دۆلىتىنى باشلىقلىرى فرانسىيىدە ئۆتكۈزگەن ئالىي دەرىجىلىك يىغىن، دېموكراتىك تۈزۈم تىكلەش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئەرەب دۆلەتلىرىگە 40 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ياردەم بېرىشنى قارار قىلدى. بۇ ئالىي دەرىجىلىك يىغىننىڭ، كازافىي دەرھال تەختتىن چۈشۈشى لازىم دېگەن قارارىنى يەتكۈزۈشنى ۋە ئەلچىخانىسى ئارقىلىق بېجىرىشنى، لىۋىيە مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا كېلىشتۈرگۈچىلىك رولىنى ئويناۋاتقان رۇسىيە پرېزىدېنتى مېدېۋىدېفقا ھاۋالە قىلدى.
خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، سەككىز چوڭ سانائەت دۆلىتى باشلىقلىرىنىڭ فرانسىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئالىي دەرىجىلىك يىغىنى، بۈگۈن ناھايىتى كۈپ بېسىملارغا دۇچ كەلگەن. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، بەزى ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى ھېچ يۈز خاتىرە قىلماستىن تۇرۇپ «سەككىز چوڭ دۆلەتنىڭ دەسمايىسى غالتەككە چىقىپ بولغان ئىدى» دەپ كۆرسەتسە، يەنە بەزى ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى «ئەمدى ئوباما سەككىز چوڭ دۆلەت دېگەننى بىكار قىلىۋېتىشى كېرەك» دەپ كۆرسەتكەن، ئەمما بۇ خىتاي گېزىتى، قايسى ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى شۇنداق دېگەنلىكىنى ئىسپاتلىمىدى.
فرانسىيە رادىئو ئىستانسىسىنىڭ بايان قىلىشىچە، لىۋىيىنىڭ باشكەنتى ترىپولىدا، 5-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۇدا بەش قېتىم چوڭ پارتلاش يۈز بەرگەندىن كېيىن، لىۋىيە باش مىنىستىرى ئۇرۇش توختىتىشنى تەلەپ قىلدى. ياۋروپا -ئامېرىكا بىرلەشمە قىسىملىرى ھۇجۇمىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ھەتتا كىچىك -كىچىك توپقا بۆلۈنۈپ ھەرىكەت قىلىۋاتقان كازافىي قىسىملىرىغا تاقابىل تۇرىدىغان تىك ئۇچۇرلارنى ئورۇنلاشتۇردى.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما لىۋىيىنىڭ ئۇرۇش توختىتىش تەلىپىگە جاۋابەن، ئەمەلىيەتتە كازافىي ھازىر لىۋىيىنىڭ غەربىدىكى مىسراتا شەھىرىگە داۋاملىق
ھۇجۇم قوزغاۋاتىدۇ، ئەگەر جېنىنى ئامان قالسۇن دېسە، دەرھال لىۋېيىدىن كېتىشى كېرەك، ئۇنىڭسىز مەسىلە ھەل بولمايدۇ، دېگەن.
0:00 / 0:00