توكيو شەھىرى باشلىقىنىڭ سېنكاكۇ ئاراللىرى ھەققىدىكى يېڭى تەشەببۇسى خىتاينىڭ نېرۋىسىغا تەگدى

توكيو شەھىرىنىڭ باشلىقى ئىشىخارا شىنتارونىڭ سېنكاكۇ ئاراللىرىغا بېرىشنى جاكارلىشىغا ۋە بۇ ھەقتە ياپونىيە باش مىنىستىرى يوشىخىكو نودا بىلەن سۆزلىشىشنى تەلەپ قىلىشىغا خىتاي ناھايىتى تېز ھەم قاتتىق ئىنكاس قايتۇردى.

0:00 / 0:00

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، توكيو شەھىرىنىڭ باشلىقى ئىشىخارا شىنتارو بۈگۈن سېنكاكۇ ئاراللىرىغا بارىدىغانلىقىنى جاكارلىدى ۋە بۇ ھەقتە ياپونىيە باش مىنىستىرى يوشىخىكو نودا بىلەن سۆزلىشىشنى تەلەپ قىلدى. توكيو شەھىرىنىڭ باشلىقى ئىشىخارا شىنتارو بۇنىڭدىن بۇرۇن سىنكاكۇ ئاراللىرىنى، ئىشىگاكى ناھىيىسىدىكى بىر شەخسنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىن سېتىۋېلىپ، ئۇنىڭغا دۆلەت ئىگىدارچىلىق قىلىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

ياپونىيىدە چىقىدىغان «ئاساخى شىنبۇن» گېزىتى بۈگۈن ئىشىخارا شىنتارونىڭ، ئەڭ كېچىككەندە بۇ يىل يازدا سىنكاكۇ ئاراللىرىغا بارىدىغانلىقى، ئۇنىڭ پىلانى سېنكاكۇ ئاراللىرىغا يۈز ئائىلە ياپون كۆچۈرۈش، زاۋۇت قۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىنغان ھامان، بۇنىڭغا خىتاينىڭ ھەربىي مۇنازىرە تور بەتلىرى، خەلق گېزىتىنىڭ قارمىقىدىكى يەرشارى ۋاقىت گېزىتى، شىنخۇا، سىنا، سۇمۇرغ تورلىرى ناھايىتى تېز ھەم ئەسەبىيلىشىپ ئىنكاس قايتۇردى. خىتاينىڭ «يەرشارى ۋاقىت گېزىتى» توكيو شەھەر باشلىقى ئىشىخارانىڭ سېنكاكۇ ئاراللىرىنى شەخسىيلەرنىڭ قولىدىن دۆلەت ئۆزى سېتىۋېلىش پىكرىنى، بۇ، خىتايغا ئۇرۇش ئېلان قىلغاندىن باشقا نەرسە ئەمەس، دەپ بايان قىلدى. خىتاينىڭ بەزى ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى ھەتتا ئىشىخارا شىنتارو ئەپەندىنىڭ ئوبرازىنى سۆكۈشكە ئۇرۇنغان ئىبارىلەرگىمۇ يول قويدى.

ئۇچۇر ئارخىپلىرىغا قارىغاندا، ئىشىخارا سېنتارو بىر مەشھۇر ياپون يازغۇچىسى، رەسسام ۋە سىياسەتچى. ئۇ ھازىر 80 ياشتا. ئۇ، مىجەزى ئوچۇق-يورۇق، ئۆتكۈز سۆزلۈك كىشى. ئۇنىڭ سىياسىي جەھەتتە مۇتەئەسسىپ ئوڭچى ۋە ھېس-تۇيغۇ جەھەتتە قىزغىن مىللەتسۆيەرلىكىنى ياپون خەلقى ياخشى كۆرىدۇ.

ئىشىخارا سېنتارونىڭ «قۇياش مەۋسۇمى» ناملىق رومانى 1956‏-يىلى ياپونىيىدە ئەڭ ئالىي ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇ، 1956-يىلى ياپونىيە كېڭەش پالاتاسى ئەزالىقىغا سايلانغان. 1968‏-يىلى يەنە ياپونىيە ئاۋام پالاتاسى ئەزالىقىغا سايلانغان.

ئىشىخارا شىنتارونىڭ نۇتۇقلىرىدىكى «خىتاينىڭ ياپونىيىگە قاراتقان ھەرىكەتلىرىنى بارماقنى چەنلەپ تۇرۇپ ياق دەپ رەت قىلىش كېرەك» دېگەن سۆز ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ ھوقۇققا ئېرىشىدىغانلارغا قاراتقان ئاچچىق مەسخىرىلەر، خەلق ئىچىدە خۇددى ئۇ يازغان رومانلارغا ئوخشاش مەشھۇر. ئىشىخارا سېنتارو ئەپەندى ئىزچىل ھالدا «ياپونىيىنىڭ خىتايغا تاجاۋۇز قىلىش تارىخى» دىكى «نەنجىن قىرغىنچىلىقى» دېگەنلەرنى، خىتاي ئويدۇرۇپ چىققان دەلىلسىز سەپسەتە، دەپ قاراپ ۋە ئۇنى دەرسلىكتىن تەلتۆكۈس چىقىرىۋېتىشنى تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. خىتايلارمۇ ھەرخىل تەشۋىقاتلىرىدا ئىزچىل ھالدا ئۇنىڭغا «خەلقئارادا تونۇلغان خىتايغا قارشى شەخس»، «ياپونلار زاتى ئېسىل مىللەت دەپ كۆرەڭلەيدىغان شەخس» دەپ ھۇجۇم قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.

توكيو خەلقىنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشكەن ئىشىخارا شىنتارو ئەپەندى 1999-يىلى توكيو شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقلىقىغا سايلانغاندىن بۇيان، 2003‏-يىلى، 2007‏-يىلى، 2011-يىلىدىكى سايلاملاردىمۇ قايتىدىن سايلىنىپ كېلىۋاتىدۇ.

توكيو شەھىرىنىڭ باشلىقى ئىشىخارا شىنتارونىڭ بۈگۈن سېنكاكۇ ئاراللىرىغا بېرىشنى جاكارلىغانلىقى، ياپونىيە پارلامېنتى ئەزاسى كېيجى فۇرۇيا يېتەكچىلىك قىلىدىغان «ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغان ياپون پارلامېنت ئەزالىرى ئۇيۇشمىسى» دېگەن تەشكىلات ياپونىيىدىكى لىبېرال دېموكرات پارتىيىسىنىڭ بىناسىدا قۇرۇلغان؛ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تۆتىنچى قېتىملىق چوڭ يىغىنى يېقىندا ياپونىيىدە ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدا تۇرغان؛ ياپونىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ قارشىلىقىغا قارىماي، يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن كېلىدىغان ئۇيغۇرلارغا ۋىزا بېرىۋاتقان پەيتكە-خىتاي ئۈچۈن سەزگۈر كۈنلەرگە توغرا كەلدى.