سېنكاكۇ ئارىلىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ياپونىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى يەنە ئۆتكۈرلەشتۈرۈۋەتتى

سېنكاكۇ ئارىلىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى چۆرىدەپ پارتلىغان تالاش-تارتىش ياپونىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرىلەپ ئۆتكۈرلەشتۈرۈۋەتتى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2012.08.20
senkaku-xitay-namayish-305.jpg ياپونىيىلىكلەرنىڭ سېنكاكۇ ئارىلىغا ياپونىيە بايرىقىنى تىكىشىگە قارشى خىتايدا بولغان نامايىش. 2012-يىلى 19-ئاۋغۇست، خاڭجۇ.
AFP

يېقىندا 14 نەپەر خىتاينىڭ مەزكۇر ئارالغا چىقىپ، بايراق تىكىشكە ئۇرۇنۇشى ياپونىيە دېڭىز ساقچىلىرى تەرىپىدىن توسۇۋېلىنغان ئىدى. ئارقىدىن بەزى ياپونىيىلىكلەرنىڭ سېنكاكۇ ئارىلىغا چىقىپ ياپونىيە بايرىقىنى تىكىشى، خىتايلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى. يەكشەنبە كۈنى خىتايدا ياپونغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشى پارتلىغان. ئانالىزچىلار، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، ھەر خىل ئاممىۋى يىغىلىشلارنى قاتتىق چەكلەۋاتقان پەيتتە، ياپونغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈشكە يول قويغانلىقىغا دىققەت قىلغان.

19‏-ئاۋغۇست كۈنى بىر قىسىم ياپونىيە يەرلىك پارلامېنت ئەزالىرىنى، د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر ئۆمەكنىڭ ياپونىيە كونتروللۇقىدىكى سېنكاكۇ ئارىلىغا چىقىپ، ياپونىيە بايرىقىنى مەزكۇر ئارالغا تىكلىشى خىتاينىڭ دەرھال نارازىلىقىنى قوزغىغان. شۇ كۈنى خىتاينىڭ شىنجىن، گۇاڭجۇ، شىنياڭ قاتارلىق 20 نەچچە شەھىرىدە ياپونىيىگە قارشى نامايىش پارتلاپ، نامايىشچىلار ياپونىيىدە ئىشلەپچىقىرىلغان ئاپتوموبىل، ياپونلارغا قاراشلىق سودا ئورۇنلىرىغا ھۇجۇم قىلغان.

شىنجىن شەھىرىدە 2000 كىشى ياپونغا قارشى لوزۇنكا ۋە خىتاي بايراقلىرىنى كۆتۈرۈپ،مەزكۇر شەھەردىكى ياپونلارغا قاراشلىق سودا ئورۇنلىرىنى، ياپون رېستورانلىرىنىڭ ئىشىك‏-دېرىزىلىرىنى ئۇرۇپ چاققان، ياپونىيە بايرىقىنى كۆيدۈرگەن. بۇ خىل نامايىش يەنە، خىتاينىڭ چىڭداۋ، تەييۈەن، خاڭجۇ، خاربىن، چېڭدۇ، گۇاڭجۇ قاتارلىق 20 نەچچە شەھىرىدە يۈز بەرگەن.

خىتايلارنىڭ ياپونىيىگە قارشى نامايىشى 2009‏-يىلى بىر قېتىم يۈز بەرگەن بولسىمۇ، بىراق بۇ قېتىمقى نامايىش 2005‏-يىلدىن بۇيان ئۆتكۈزۈلگەن ياپونغا قارشى ئەڭ زور كۆلەملىك نامايىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى 18‏-قۇرۇلتاي ھارپىسىدا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك نارازىلىق، قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى قاتتىق باستۇرۇۋاتقان مەزگىلدە بۇ خىل مىللەتچى يىغىلىشلارغا يول قويۇپ، ئۇنىڭغا سۈكۈت قىلىشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.

بەزى ئانالىزچىلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، سېنكاكۇ ئارىلىنىڭ ئىگىلىك مەسىلىسىدىكى تالاش-تارتىشنىڭ ھازىرقىدەك نازۇك بىر مەزگىلدە كۈچىيىپ كېتىشى تاسادىپىيلىق ئەمەس. ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىسى جاڭ ۋېيگو ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەقسىتى سېنكاكۇ ئارىلىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى تالاش-تارتىشنى كۈچەيتىپ، خەلقنىڭ دىققەت ‏-نەزىرىنى تاشقى مەسىلىگە بۇراش، بۇ ئارقىلىق 18‏-قۇرۇلتاي، بو شىلەي ۋەقەسى قاتارلىق ئىچكى مەسىلىلەردىكى تالاش-تارتىشنى پەسەيتىشتۇر.

جاڭ ۋېىيگو: ديايۈي ئارىلى مەسىلىسىنى نېمىشقا مۇشۇنداق بىر پەيتتە كۆتۈرۈپ چىقىدۇ؟ بىز ھەممىمىز بىلىمىز، بۇنىڭدىكى بىر سەۋەب 18‏-قۇرۇلتاي، يەنە بىر سەۋەب بو شىلەينىڭ دېلوسى. بو شىلەي دېلوسى پارتىيە ئىچى ۋە سىرتى پۈتكۈل دۇنيانى مەشغۇل قىلىۋالدى. كومپارتىيە ناھايىتى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىپ، قانۇنلۇق ئورنى پارتىيە ئىچى ۋە سىرتىدىكىلەرنىڭ جىددىي رىقابىتىگە دۇچ كەلدى. بۇنداق ئېغىر بېسىم ۋە زىددىيەت ئاستىدا بىز ئىلگىرى كومپارتىيىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئىگىلىك ھوقۇق كرىزىسىدىن پايدىلىنىپ، مىللەتچىلىك تۇيغۇسىنى قوزغىتىپ، خەلقنىڭ دىققەت ‏-نەزىرىنى بۇراشقا ئۇرۇنغان. بىراق، مۇۋەپپەقىيەتلىك بولالمىغان ئىدى. بىراق بۇ قېتىم سېنكاكۇ مەسىلىسىدە قىسمەن غەلىبە قىلغاندەك قىلىدۇ. ئۇ سېنكاكۇ مەسىلىسىنى كوزىر قىلىپ، ئاۋام پۇقرانىڭ نارازىلىقىنى بۇ مەسىلىگە بۇرىغاندەك قىلىدۇ. ئۇ بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھاكىمىيىتى دۇچ كەلگەن ئېغىر سىياسىي بېسىمنى يەڭگىللەتمەكچى، دەپ كۆرسەتتى.

ياپونىيىلىك پائالىيەتچىلەر سېنكاكۇ ئارىلىغا چىقىپ ياپونىيە بايرىقىنى تىكلەشتىن سەل بۇرۇن، خوڭكوڭدىكى ئاتالمىش«دياۋيۈي ئارىلىنى قوغداش كومىتېتى» ناملىق بىر تەشكىلاتنىڭ ئون نەچچە ئەزاسى سېنكاكۇ ئارىلىغا كېلىپ، خىتاي ۋە تەيۋەن بايرىقىنى تىكلەشكە ئۇرۇنغان. بىراق ئارالغا چىققان 7 كىشى بىلەن پاراخوتتىكى قالغان 7 كىشى ياپونىيە ساقچىلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىشىغا ئۇچرىغان ئىدى. يەكشەنبە كۈنى ئارالغا چىققان ياپونىيىلىك پائالىيەتچىلەرنىڭ ئىچىدىكى كونسېرۋاتىپ پارلامېنت ئەزاسى كوئىچى مۇكوياما بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا سۆھبەت ئېلان قىلىپ: بۇنىڭدىن 4 كۈن ئاۋۋال خىتايلار بۇ ئارالغا قانۇنسىز چىققان. شۇڭا بىز ئۆز تۇپرىقىمىزغا مەھكەم ئىگە بولۇشىمىز لازىم، دېگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ياپونىيىلىك ئاكتىپلارنىڭ ھەرىكىتىنى تەنقىدلەپ، ياپونىيىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي تەرەپ «ياپونىيە ئوڭچىلىرىنىڭ قانۇنسىز ھەرىكىتى ئىگىلىك ھوقۇقىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى»نى تەكىتلىگەن. لېكىن ياپونىيە ئىچكى كابىنېت باياناتچىسى ئوسامۇ فۇجىمۇرا، ئارالغا چىققان ياپونلارنىڭ رۇخسەت ئالمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: بۇ ۋەقە ياپونىيىنىڭ ئىچكى مەسىلىسى، خىتاينىڭ شىكايەت قىلىش ھوقۇقى يوق. چۈنكى بۇ ئاراللار ياپونىيە زېمىنى، دەپ كۆرسەتكەن.

لېكىن، جاڭ ۋېيگو ئەپەندى بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ سېنكاكۇ ئارىلى مەسىلىسىدە خىتاي خەلقىنىڭ مىللەتچىلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ئۇنى سىياسىي كوزىر قىلىپ ئوينىشى، رۇسىيە ۋە شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادىكى خىتاي بىلەن زېمىن ئىختىلاپى بار دۆلەتلەرنى ئەندىشىگە سالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مەدەنىي دۆلەتكە خاس ئۇسلۇب بىلەن ھەرىكەت قىلىش نۆۋەتتىكى خىتاي دۇچ كەلگەن زور مەسىلە.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: جۇڭگونىڭ ھەرىكىتى زامانىۋى مەدەنىي دۆلەتلەر ئەمەل قىلىدىغان ھەرىكەت مىزانىدىن تېخى يىراق. ئۇنىڭ ئاساسلانغان زېمىن تەلىپى جۇڭگو ھازىرقى زامان دۆلىتىگە ئايلىنىشتىن بۇرۇنقى نەچچە يۈز يىللىق، نەچچە مىڭ يىللىق ئەنئەنىۋى دۆلەت قارىشىغا تايانغان. بىراق ھازىرقى دەۋر تەرەققىياتى بۇنىڭدىن پۈتۈنلەي پەرقلىنىدۇ. ھازىرقى زامان دۆلەتلىرىنىڭ ھەرىكىتى خەلقئارا قانۇن، تۇپراق كونتروللۇق ھوقۇقى قاتارلىق نىزاملارنى ئاساس قىلىدۇ. ئەگەر ئۇلار زېمىن مەسىلىسىگە قەدىمكى نۇقتىنەزەردىن قاراپ، ئۆزىنىڭ چېگراسىنى ئۆزى سىزىۋالسا، بۇ قوشنا ئەللەرنى ساراسىمغا سېلىپلا قالماي، بۇ يەنە پۈتكۈل دۇنيانىڭ مەدەنىي تەرتىپىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. جۇڭگو دۇنيادىكى 2‏-چوڭ كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلانغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ قانداق قىلىپ مەدەنىي بىر دۆلەتكە خاس ھەرىكەت قىلىشى مۇھىم.

ياپونىيە ئاكتىپلىرىنىڭ سېنكاكۇ ئارىلىغا چىقىپ، ياپونىيە بايرىقىنى تىكلەش ھەرىكىتىگە، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى قاتناشقان. لېكىن بۇ د ئۇ ق خادىملىرىنىڭ ياپونىيە-خىتاي ئارىسىدىكى سېنكاكۇ ئارىلىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق ئىختىلاپىغا تۇنجى قېتىم پوزىتسىيە بىلدۈرۈشى ئەمەس. د ئۇ ق ئىلگىرى توكيو شەھەر باشلىقى سېنتارو ئىشىخارا قوزغىغان سېنكاكۇ ئارىلىنى توكيو ھۆكۈمىتى سېتىۋېلىش ھەرىكىتىگە ئىئانە بېرىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خوڭ لېي، «ئۇيغۇر بۆلگۈنچىلەر بىلەن ياپونىيىلىك ئوڭچىلارنىڭ تىل بىرىكتۈرۈپ، جۇڭگونى بۆلۈشكە ۋە جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن. بەزى كۆزەتكۈچىلەر، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ياپونىيە-خىتاي ئارىسىدىكى بۇ خىل زېمىن ئىختىلاپىغا ئارىلىشىپ تەرەپ تۇتۇشى، خىتاي مىللەتچىلىكىنىڭ تىغ ئۇچىنى ئۇيغۇرلارغا قارىتىپ، ئۇيغۇرلارغا ئىلگىرىلەپ بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان. جاڭ ۋېيگو ئەپەندى بۇ خىل ئېھتىماللىقنىڭ بارلىقىنى چەتكە قاقمىسىمۇ، بىراق بۇ ئەھۋالنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ياپونلار بىلەن بىرگە سېنكاكۇ ئارىلىغا چىقىشنىڭ ئۆزى خىتايغا بولغان بىر خىل قارشىلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ : ئاجىز ئورۇندىكى بىر مىللەت ساڭا ئۆزىنىڭ قارشىلىقىنى بىلدۈرگەندە، ئۇ، سېنى خۇشال قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىشى كېرەك، سەن بىئارام بولىدىغان، سېنى نارازى قىلىدىغان ۋە سېنى خاپا قىلىدىغان ھېچقانداق ئىش قىلماسلىقى كېرەك، دەيدىغان گەپ بولمايدۇ. بۇ مۇمكىن ئەمەس. بۇ ئىش سېنىڭ ئىرادەڭگە باقمايدۇ. قەيەردە ئېزىش بولسا، شۇ يەردە قارشىلىق بولىدۇ. بۇ ناھايىتى نورمال ھادىسە. بۇنىڭ ھەيران قالارلىق ھېچقانداق يېرى يوق. بۇ كومپارتىيىنىڭ ئۆزىنىڭ مەنتىقىسى. مەيلى ئۇيغۇر رايونىدا بولسۇن، مەيلى تىبەت ياكى ئىچكى موڭغۇلدا بولسۇن، سەن ئۇلارنى شۇنچىلىك قاتتىق ئەزگەن ئىكەنسەن، ئۇلارنىڭ ساڭا قارشىلىق قىلىشى ناھايىتى نورمال. بۇ ئۇلارنىڭ تەبىئىي ھوقۇقى ۋە ئىنساننىڭ ماھىيىتى. ئەلۋەتتە، قارشىلىق قىلغان كىشىلەر بىر قەدەر ئاقىلانە ۋە تەدبىرلىك بولسا، جۇڭگو كومپارتىيىسى بىلەن جۇڭگونى ئايرىپ مۇئامىلە قىلالىسا، تارىخ بىلەن ھازىرقى رېئاللىقنى ئايرىسا، ھەر خىل پۇرسەتلەرنى توغرا قوللانسا، قارشىلىقىنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ زور بولۇشى مۇمكىن. ئەمما، سەن ئۇلارنىڭ قارشىلىق قىلىش ھوقۇقىنى ئىنكار قىلالمايسەن. چۈنكى، ئۇلارنىڭ قارشىلىق قىلىش-قىلماسلىقى، قانداق قارشىلىق قىلىشى ئۇلارنىڭ ئىلىكىدىكى مەسىلە، دەپ كۆرسەتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.