ياپونىيەدە «سېنكاكۇ ۋە ئوكىناۋانى خىتاينىڭ تەھدىتىدىن قوغدايلى!» ناملىق خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

17-سېنتەبىر كۈنى ياپونىيىنىڭ ئوكىناۋا ئۆلكىسىنىڭ ناھا شەھىرىدە «سېنكاكۇ ۋە ئوكىناۋانى خىتاينىڭ تەھدىتىدىن قوغدايلى!» ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

0:00 / 0:00

بۇ قېتىمقى خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنىنى خىتاينىڭ تەھدىتىدىن سېنكاكۇ ۋە ئوكىناۋانى قوغداش پائالىيىتى كومىتېتى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ،ئۇندىن باشقا ئوكىناۋانىڭ ئەركىنلىكىنى قوغداش ئۇيۇشمىسى، خىتاينىڭ تەھدىتىدىن بالىلارنى قوغداش ئۇيۇشمىسى، ئوكىناۋانىڭ ئەركىنلىكى ۋە تەرەققىياتىنى قوغداش ئاياللار ئۇيۇشمىسى ۋە ئوكىناۋا ئىسلاھات ئۇيۇشمىسى قاتارلىق ئورۇنلار مەزكۇر خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنىنى قوللاپ-قۇۋەتلىگەن. بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىدا ياپونىيە ئۆزىنى قوغداش ئەترىتىنىڭ سابىق ھاۋا قىسىملىرى گېنېرالى، ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، سابىق كيۇشۇ ھاۋا ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى موتومۇرا ئەپەندى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئوتتۇرا-ئاسىيا تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇدىرى تۇرمۇھەممەت ھاشىم،موڭغۇل ئەركىنلىك ئىتتىپاقى پارتىيىسىنىڭ باش كاتىپى دائىچىن ئەپەندى ۋە ئامېرىكىلىق تارىخ تەتقىقات ئوقۇتقۇچىسى مارتېن ئەپەندى قاتارلىق كىشىلەر ئۆز ماقالىلىرىنى ئوقۇغان. بۇندىن باشقا ئوكىناۋادىكى ھەر-قايسى ئۇيۇشمىلارنىڭ مەسئۇللىرىمۇ ئۆز تەتقىقات ماقالىلىرىنى ئوقۇپ ئۆتكەن. يىغىن جەريانىدا ئوتتۇرا-ئاسىيا تەتقىقات ئورنى تەرىپىدىن مەخسۇس ئىشلەنگەن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلغان ئون مىنۇتلۇق ھۆججەتلىك فىلىممۇ كۆرسىتىلگەن. يىغىن ئوكىناۋا ئۆلكىسىنىڭ ناھا شەھىرىدىكى روۋاجىل مېھمانخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، چۈشتىن كېيىن سائەت بىردىن سائەت ئۈچكە قەدەر داۋالاشقان، يىغىنغا جەمئىي مىڭغا يېقىن كىشى قاتناشقان. بىز بۇ قېتىمقى يىغىن ھەققىدە تولۇق مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، مەزكۇر يىغىنغا ئىشتىراك قىلىۋاتقان ۋە شۇنداقلا «خىتاي كومپارتىيىسى ئۇيغۇرلارغا نېمە ئىشلارنى قىلىپ كەلدى؟» دېگەن ماقالىسىنى سۇنغان دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم ئەپەندى، ياپونىيىلىك گېنېرال موتۇمۇرا ئەپەندى ۋە موڭغۇل ئەركىنلىك ئىتتىپاقى پارتىيىسىنىڭ باش كاتىپى دائىچىن ئەپەندىلەر بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. ئۇلار بۈگۈنكى يىغىن ھەققىدە مەلۇمات بەردى. يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن تەپسىلىي ئەھۋالنى ئاڭلىغايسىلەر.