مانا شۇ مۇھاكىمىلەر گەۋدىلىك ئورۇن ئالغان ئاساھى شىنبۇن، جاپان تىمەس، يومىئوئۇرى شىنبۇن قاتارلىق گىزىتلەردە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەھلىللەر ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز. مەتبۇئاتلاردا بايان قىلىنىشىچە، ياپونىيە-كورىيە مۇناسىۋەتلىرى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئورتاق ئىقتىسادى بىر گەۋدە قۇرۇشتىن ھالقىپ، ھەتتا ھەربىي ئاخبارات ئالماشتۇرۇشتەك يېقىنچىلىق مۇناسىۋىتىگە يەتكەن بىر پەيتتە شۇنداقلا كورىيە، چاۋشيەن بىلەن تىركىشىۋاتقان مۇشۇنداق نازۇك بىر ۋەزىيەتتە ئويلىمىغان يەردىن كورىيە پرېزىدېنتى لېي ميۇڭ باك ئەپەندى 8-ئاينىڭ 10-كۈنى ياپونىيە-كورىيە ئارىسىدىكى تالاش-تارتىشتىكى ئارال—دوكدو ئارىلىغا زىيارەت ئېلىپ بېرىپ، بۇ ئارالنىڭ كورىيىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىرگە، تارىختىكى كونا خاماننى يەنە سورۇپ ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تېخىچە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى توغرىسىدا كورىيە خەلقىدىن ئەپۇ سورىمىغانلىقى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ چىگىشىنى تۈگىتىشكە سەۋەبچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.
بۇ كورىيە تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق پرېزىدېنتنىڭ بۇ ئارالنى زىيارەت قىلىشىدۇر. بۇ ۋەقەدىن كېيىن ياپون خەلقىنىڭ ۋە ياپون ھۆكۈمىتىنىڭ كورىيىگە بولغان ئىشەنچى يوقالدى. شۇ كۈنى ياپونىيە باش مىنىستىرى نودا ئەپەندى توكيودىكى كورىيە باش ئەلچىسىنى چاقىرتىپ «پرېزىدېنت لېي ميۇڭ باكنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ.» دېدى ۋە كورىيە تەرەپ بىلەن بۇ ئارال مەسىلىسىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سوت مەھكىمىسى ئارقىلىق سۆزلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە شۇنداقلا 8-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا توكيودا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق يىغىنىنى ئەمەلدىن قالدۇردى.
ئۇزۇن يىللىق دوستلۇققا ئىگە ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنىڭ بۇزۇلۇشى ۋە ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى تالاش-تارتىشتىكى زېمىن مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى خىتاي دۆلىتىنى قاتتىق خۇشال قىلىۋەتتى. بۇ ۋەزىيەتتىن پايدىلانغان خىتاي ھۆكۈمىتى دەرھال خوڭكوڭدىكى «دياۋيۈ ئارىلىنى قوغدىغۇچى ئەترەت» نى تەشكىللەپ دەرھال ياپونىيىگە يولغا سالدى. بۇ ئارالنى قوغدىغۇچى ئەترەتتىكى خىتايلار 15-چېسلا ياپون ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 16:00 دىن ئىلگىرى خوڭكوڭ، تەيۋەن، خىتاي بايراقلىرى ئېسىلغان كېمىسىنى ھەيدەپ دياۋيۈ ئارىلىغا يېتىپ كەلدى ۋە يەتتە نەپەر خىتاي ئارالغا چىقىپ خىتاي بايرىقىنى كۆتۈرۈپ «بۇ ئارال خىتاينىڭ ئارىلى» دەپ جار سالدى. بۇ قېتىم يېتىپ كەلگەن خىتايلار جەمئىي ئون بەش نەپەر خىتاي پۇقراسى بولۇپ، بۇنىڭ بەش نەپىرى خوڭكوڭلۇق، يەتتە نەپىرى كېمە خادىمى، ئىككى نەپىرى بولسا «خوڭكوڭ سۇمۇرغ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى» نىڭ مۇخبىرلىرىدۇر. بۇ كۈن دەل ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلاشقان كۈنى يەنى ياپونلار ئۇرۇشتا تەسلىم بولغان كۈن ئىدى.
ئون بەش نەپەر خىتاي پۇقراسى دەل مۇشۇ كۈندە قولغا ئېلىنىپ ئوكىناۋاغا ئېلىپ بېرىلدى. «چېگرادىن قانۇنسىز كىرگەن» دېگەن جىنايەت بىلەن قولغا ئېلىنىپ قوللىرى كويزىلانغان خىتاي پۇقرالىرى ساقچىلار تەرىپىدىن ياللىنىپ مېڭىلغاندا «دياۋيۈ ئارىلى بىزنىڭ زېمىنىمىز، ياپون جاھانگىرلىرى چىقىپ كەتسۇن» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاشتى. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن تەيۋەن، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دەرھال بايانات ئېلان قىلدى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى فۇ يىڭ ياپونىيە تەرەپ بىلەن كەسكىن سۆزلەشكەنلىكىنى ۋە خىتاينىڭ دياۋيۈ ئارىلى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئاراللارغا قارىتا ئىگىلىك ھوقۇققا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، ياپونىيە تەرەپتىن ئون بەش نەپەر خىتاي پۇقراسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشىنى ھەمدە ئۇلارنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
شۇ كۈنى خىتاينىڭ خوڭكوڭ، چېڭدۇ قاتارلىق شەھەرلىرىدە خىتاي مىللەتچى ياشلىرى «دياۋيۈ ئارىلىنى قوغداش ئەترىتى» دىكى قېرىنداشلىرىنىڭ ياپونلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ۋە ئۇلارنى قوللاش يۈزىسىدىن نامايىش ئېلىپ بارغان. نامايىش جەريانىدا ياپون ماللىرىغا بايقۇت قىلىش كېرەك دېگەندەك شوئارلارنى توۋلىغان. ياپونىيە-كورىيە، ياپونىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى يىرىكلەشكەندىن كېيىن ياپون خەلقىنىڭ ئۆزىگە قوشنا بولغان ئەللەرگە بولغان ئىشەنچى تېخىمۇ تۆۋەنلەپ كەتتى.
ئىلگىرىدىن تا ھازىرغىچە خىتاي دۆلىتىگە ئانچە ئىشەنمىسىمۇ، ئەمما كورىيە بىلەن چوڭقۇر دوستلۇق ئورنىتىپ كېلىۋاتقان ياپونلار ئۈچۈن كورىيىلىكلەرنىڭ بۇ قېتىمقى ھەرىكىتى ياپونلارنى تېخىمۇ ئۈمىدسىزلەندۈردى. ئۇنداقتا ياپون-كورىيە،ياپون-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى قاياقلارغا تەرەققىي قىلىدۇ دېگەن سوئاللىرىمىزغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن ئۇزۇن يىللارچە كورىيە، خىتاي، ياپون دىپلوماتىيە مۇناسىۋەتلىرىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇتەخەسسىس، ئەمما ئۆزىنىڭ نام-شەرىپىنى ۋە خىزمەت ئورنىنى دېيىشنى خالىمىغان بىر پروفېسسور خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى:
-ياپونىيە-كورىيە ئارىسىدىكى ئارال مەسىلىسى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان مەسىلىدۇر. ھەر-قېتىم مۇشۇنداق تالاش-تارتىش بولغاندا ياپونىيە تەرەپ تىنچ دىپلوماتىك ئۇسۇللار بىلەن كورىيە تەرەپنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارا سوت مەھكىمىسىگە ئورتاق بىرلىكتە ئەرز سۇنۇشنى ۋە سوت مەھكىمىسىنىڭ جاۋابى ئارقىلىق ئىش كۆرۈشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، كورىيە تەرەپ ھازىرغا قەدەر بۇ تەكلىپنى رەت قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.
بۇ قېتىممۇ ئوخشاشلا ئىپادە بىلدۈرمىدى. ئەمما، خىتاي بىلەن بولغان دياۋيۈ ئارىلىنىڭ مەسىلىسى باشقىچە ئىش. خىتاي دۆلىتىنىڭ ئاسمىنىمۇ يوق، قانۇنىمۇ يوق بىر دۆلەت. خىتايلارنىڭ تارىخى كىتابلىرىدا بولسۇن ۋە ياكى ئۆتكەن زاماندىكى ئوقۇشلۇق كىتابلىرىدىكى جۇغراپىيە دەرسلىرىدە بولسۇن، بۇ ئارالنىڭ نامى خاتىرىلەنمىگەن. پەقەتلا بۇ ئارالدىن نېفىت تېپىلغاندىن كېيىن بۇ ئارالنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى خىتايلارغا تەۋە بولۇپ قالدى.
دياۋيۈ ئارىلى ياپونىيىنىڭ زېمىنىدۇر. خىتايلار بىزنىڭلا دېسە، خىتاينىڭ زېمىنى بولۇپ قالىدىغان ئىش يوق. خىتايلار تىبەت، ئۇيغۇرلاردەك قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقى يوق مىللەتلەرنىڭ تۇپرىقىنى ئىگىلەپ ئۇلارنى خالىغانچە بوزەك قىلغان بىلەن، ياپونىيىنى ئۇنداق قىلغىلى بولماس. بىز ئەلۋەتتە مەدەنىيەتلىك، تىنچلىق سۆھبىتى ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىشنى ئويلايمىز. ئەگەر خىتايلار بۇنى رەت قىلسا، بىزمۇ شۇنىڭغا لايىق ئىش كۆرىمىز-دە. ئەمما تىنچلىق بىزنىڭ مەڭگۈلۈك شوئارىمىزدۇر.