سەنۇبەر سەنئەت ئۆمىكى كونيادا ئويۇن كۆرسەتتى

جالالىدىن رۇمىنىڭ قەبرىسى ۋە ئەنئەنىۋىي تۈرك مەدەنىيەت پۇرىقىنى ساقلاپ قېلىشى بىلەن، تۈركىيىنىڭ ئەڭ قەدىمىي شەھەرلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدىغان كونيا شەھىرىدە توققۇزىنچى نۆۋەتلىك خەلقئارا مىستىك مۇزىكا فېستىۋالى ئۆتكۈزۈلدى.

0:00 / 0:00


22 - سېنتەبىردىن 30 - سېنتەبىرگىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ مۇزىكا فېستىۋالى 2004 - يىلىدىن بېرى كونيا شەھەرلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئويۇشتۇرۇلۇپ كەلگەن بولۇپ، بۇ قېتىمقى پائالىيەت كونيا شەھەرلىك ھۆكۈمەت، سەلچۇق ئۇنىۋېرسىتېتى، كونيا شەھەرلىك كۈلتۈر - ساياھەت باشقارمىسى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ بىرلىشىشى ئارقىلىق ئۆتكۈزۈلگەن. كونيا خەلقئارا مىستىك مۇزىكا فېستىۋالى دۇنيا مىستىك مۇزىكا فېستىۋاللىرى ئىچىدىكى ئەڭ ئاممىباب ۋە چوڭ تىپتىكى فېستىۋاللاردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. فېستىۋالدا كۆرگەزمە قىلىنغان مۇزىكىلار ئوچۇق كونسېرت بولۇپ، بېلەت تارقىتىلمايدۇ. خەلق ئاممىسى پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى سەنئەتكارلار ئېلىپ كەلگەن مىستىك مۇزىكىلاردىن ھوزۇرلىنىپ قەدىمىي تۈسكە ئىگە بولغان كونيا شەھىرىدە خۇددى ئۆزلىرىنى تېخىمۇ قەدىمىي چاغلارغا بېرىپ قالغاندەك ھېس قىلىدۇ.

توققۇزىنچى نۆۋەتلىك خەلقئارا مىستىك مۇزىكا فېستىۋالىغا ئىلى خەلق ناخشىلىرىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنلاپ ئەلگە تونۇلغان داڭلىق ناخشىچى سەنۇبەر تۇرسۇن ۋە سەنۇبەر تۇرسۇن سەنئەت ئەترىتىدىكى باشقا ئارتىسلارمۇ قاتناشتى. سەنۇبەر تۇرسۇن سەنئەت ئەترىتى سەنۇبەر تۇرسۇن، ھەسەن تۇرسۇن، ھۈسەن تۇرسۇن ۋە مىجىت يۇنۇسلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان شەخسىي سەنئەت ئەترىتى بولۇپ، ھەسەن ۋە ھۈسەن تۇرسۇنلار سەنۇبەرنىڭ قېرىندىشى، مىجىت يۇنۇس بولسا شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسىدۇر.

ئىران، بۇلغارىيە، ئافغانىستان، چېخ جۇمھۇرىيىتى، شەرقىي تۈركىستان، گىرۇزىيە، ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن مۇزىكا ئەترەتلىرى ئورۇنلىغان مىستىك مۇزىكىلار ئوخشاشمىغان كۈلتۈرلەرنىڭ نامايەندىسى سۈپىتىدە ساياھەتچىلەر ۋە يەرلىك خەلقنى ئۆزىگە جەلپ قىلىۋالدى. كونسېرتلار ھەركۈنى كەچ سائەت توققۇزدا جالالىدىن رۇمى كۈلتۈر مەركىزى ۋە ساما زالىدا ئېلىپ بېرىلدى. بولۇپمۇ، 27 - سېنتەبىر كۈنى سەنۇبەر مۇزىكا ئەترىتى تەرىپىدىن ساتار، دۇتتار ۋە تەمبۇرلار بىلەن ئورۇنلانغان ئۇيغۇر مۇقام مۇزىكىلىرى ۋە سەنۇبەرنىڭ مۇڭلۇق ئاۋازى تاماشىبىنلارنى ھاڭ - تاڭ قالدۇردى.

27 - سېنتەبىر كۈنىدىكى كونسېرتقا كونيا، قەيسەرى، ئىستانبۇل قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن ئۇيغۇرلاردىن باشقا كونيا خەلقى، تۈركىيىنىڭ باشقا شەھەرلىرىدىن كەلگەن تۈرك خەلقى ۋە باشقا دۆلەتلەردىن بولۇپ تەخمىنەن بەش يۈزدىن ئوشۇق تاماشىبىن قاتناشتى.

بۇ كونسېرتنى ئاڭلىغان، قۇربان قۇداينىڭ ئوغلى كونيادىكى ئاتېللا قوداي ئەپەندى كونسېرت ھەققىدىكى تەسىراتىنى ئاڭلاتتى.

ئاتېللا قوداي ئەپەندى سۆزىدە، تۈرك خەلقىنىڭ ئۇيغۇر ناخشىلىرىنى سۆيۈپ ئاڭلايدىغانلىقىدىكى سەۋەب، ئىككى خەلقنىڭ سەنئەت مەنبەسىنىڭ بىر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.