خىتايدا ئۇيغۇر سەرگەردان بالىلار كۆڭۈل بۆلۈشكە مۇھتاج
2005.01.19
شىنخۇا خەۋەر تور بېتىنىڭ سەيشەنبە ئېلان قىلغان بىر خەۋىرىدىن مەلۇم بولىشىچە، يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مالى ئىسىملىك بىر ھەيئەت ئەزاسى "سەرگەردان بالىلار مەسىلىسى، نۆۋەتتە جەمىيەت خاراكتېرلىك بىر مەسىلىگە ئايلاندى، جەمىيەتنىڭ بۇ بالىلارنىڭ ھاياتلىق مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ ئۇلارنى نورمال تۇرمۇش شارائىتىغا ئىگە قىلىشنى سورايمەن" دىگەن مەزمۇندا بىر دوكلات سۇنغان.
ئىجتىمائىي مەسىلە
مەزكۇر دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇيغۇر ئېلىدىكى سەرگەردان بالىلارنىڭ سانى بارغانچە كۆپىيىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇر سەرگەردان بالىلارنى نۆۋەتتە خىتاينىڭ ھەر قايسى ئۆلكە، شەھەر ۋە ناھىيە ھەم يېزىلىرىدىمۇ ئۇچراتقىلى بولىدىكەن.
خىتاي ئۆلكىلىرىدە سەرگەردانلىق ھاياتى كەچۈرۋاتقان بۇ بالىلارنىڭ كۆپىنچىسى نامراتلىق، ئوقۇشسىزلىق تۈپەيلى، باشقىلارنىڭ ئالدىشىغا ئۇچراپ خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئېلىپ كېلىنگەن، شۇنداقلا ئۇلار شۇ جايلاردىكى ھەر خىل قەبىھ جىنايەت گورۇھلىرىنىڭ ئوغرىلىق ۋە يانچۇقچىلىققا سالىدىغان قورالىغا ئايلىنىپ قالغان. بۇ بىر تەرەپتىن بۇ بەختسىز بالىلارنىڭ ئەقلى، جىسمانىي ھەم روھىي جەھەتتىكى ساغلاملىقىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزگەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن جەمىيەتنىڭ ئامانلىقىغىمۇ سەلبىي تەسىرلەرنى كۆرسەتمەكتە ئىكەن.
دوكلاتتا كۆرسىتىلگەن ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلاردىن ئاشكارىلىنىشىچە، ھازىرغىچە خىتاي ئۆلكىلىرىدىن يىغىپ كېلىنگەن سەرگەردان بالىلار، ھەر خىل پاراۋانلىق ئورۇنلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇر ئېلىدە يىغىلغان بالىلارنىڭ ٪ 91 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن.
كۆپ سانلىقى ئۇيغۇر بالىلىرى
ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى خەلق ئىشلىرى ئىدارىلىرىدىن ئىگىلىشىمىزچە، ئۇيغۇر ئېلىدە بولسۇن ياكى خىتاي ئۆلكىلىرىدە بولسۇن سەرگەردان بولۇپ ھەر خىل يامان تۇرمۇش شارائىتلىرىدا تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان سەرگەردان بالىلارنىڭ٪ 90 تىن كۆپرەكى يەنىلا نامرات ئائىلىلەردىن چىققان ئۇيغۇر بالىلىرى ئىكەن.
ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئۈچىنچى ئومۇمىي يىغىنىدىمۇ، خوتەننىڭ خەلق ۋەكىلى ئابلىز داموللا، "يانچۇقچى ئۇيغۇر بالىلار خىتاي ئۆلكىلىرىدە بىز شىنجاڭلىقلارنىڭ يۈزىنى تۆكتى" دەپ پىكىر قىلغان. ئۇ كىشىنىڭ پىكرىچە خىتاي ئۆلكىلىرىدە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن ھەر خىل جىنايەت گۇرۇھلىرى تەرىپىدىن ئوغرىلىققا سېلىنغان بۇ سەرگەردان بالىلار، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلار ئالدىدىكى ئوبرازىنى يامان كۆرسىتىۋاتقان بولۇپ، ئۇ جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنىڭ بۇ ئىشقا جىددى پوزىتسىيە تۇتۇپ، ئامما بىلەن ماسلىشىپ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەندىشىلىرى
ئەمما بۇ مەسىلىگە قارىتا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى تېخىمۇ چوڭقۇر مۇھاكىمىلەر يۈرگۈزۈپ، سەرگەردان بالىلارنىڭ جەمىيەتكە كۆرسىتىۋاتقان سەلبى تەسىرىدىن بەكرەك، ھېچقانداق ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارى بولمىغان، زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقان سەرگەردان بالىلارنىڭ ئۆزىگە بەكرەك كۆڭۈل بۆلۈش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.
ئۇلار كۈنسايىن ئېغىرلاۋاتقان سەرگەردان بالىلار مەسىلىسىنىڭ ئۈنۈملۈك ھەل قىلىنىشى يەنىلا دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىنىڭ تېگىشلىك قانۇن تەدبىر قوللىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئەڭ ئاۋال خىتايدا نارەسىدە بالىلارنى ئالداش، ئۇلارنى ھەر خىل جىنايەت يولىغا باشلاش قىلمىشلىرىغا قاتتىق زەربە بەرگەندىن سىرت، ئالدانغان ھەر بىر بالىنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئېنىقلاپ، ئۇلارنىڭ پاراۋانلىق ئىشلىرىنى سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. بولۇپمۇ يېتىم بالىلارغا ئالاھىدە مېھرى- مۇھەببەت يەتكۈزۈش كېرەك، بۇ ئەلۋەتتە جەمىيەتنىڭ بىردەك كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئەرزىيدىغان مۇھىم مەسىلە دەپ قارىماقتا.
بۇ ھەقتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى مەمەت توختى ئەپەندى ئۆز پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دىدى :
ئۇيغۇر سەرگەردان بالىلار مەسىلىسى كۆپ قېتىم تەكىتلىنىۋاتقان جەمىيەت خاراكتېرلىق چوڭ مەسىلىگە ئايلانغان بولسىمۇ، ئەمما ھازىرغا قەدەر خىتاي ئۆلكىلىرىدە ھەمدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى چوڭ شەھەر ھەم ناھىيىلىرىدە تۈرلۈك ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتلەرگە قېلىۋاتقان سەرگەردان يېتىم- يېسىر بالىلارنى قۇتقۇزۇش ئىشلىرى ھازىرغا قەدەر پالەچ ھالەتتە تۇرماقتا.
ئاخباراتلاردىن مەلۇمكى سەرگەردان بالىلار مەسىلىسى پەقەت ئۇيغۇر ئېلىدىلا ئەمەس بەلكى پۈتۈن خىتاي مىقياسىدىمۇ ئۈنۈملۈك تەدبىر ئېلىنمىغان ئېغىر بىر مەسىلە سۈپىتىدە ساقلانماقتا. (گۈلچەھرە)
- ئۇيغۇر بالىلىرى ئالدانماقتا، سېتىلماقتا، سەرگەردان بولماقتا ..... (2)
- ئۇيغۇر بالىلىرى ئالدانماقتا، سېتىلماقتا، سەرگەردان بولماقتا ..... (1)
- ئۇيغۇر بالىلىرى ئالدىنىپ خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئوغرىلىققا سېلىنماقتا (3)
- ئۇيغۇر بالىلىرى ئالدىنىپ خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئوغرىلىققا سېلىنماقتا (2)
- ئۇيغۇر بالىلىرى ئالدىنىپ خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئوغرىلىققا سېلىنماقتا (1)