شىنخۇا ئاگېنتلىقى 15-يانۋار توققۇز ئايدىن بۇيان خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەن قورۇمىغا يەتمىگەن سەرگەردان بالىلارنىڭ 1332 نەپەرگە يەتكەنلىكىنى شۇنداقلا بۇلارنىڭ 90% تىن كۆپرەكى يېزا نوپۇسىدىكى بالىلار ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. بۇنىڭدىن 9 ئاي ئىلگىرى خىتاي دائىرىلىرى ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئېقىپ يۈرگەن شىنجاڭلىق بالىلارنى «ئۆيى بارلىرىنى ئۆيىگە قايتۇرۇش، ئوقۇشى بارلىرىنى مەكتەپكە قايتۇرۇش، ھۈنىرى بارلىرىنى ھۆنەرگە قويۇش كېسىلى بارلىرىنى داۋالاش» پىلانى بويىچە،قايتۇرۇپ كەلگەندىن كېيىن ئۇلارغا زۆرۈر بولغان مائارىپ شەرت شارائىتى ھازىرلاپ، ئۆز يۇرتىدا ساغلام ئۈسۈپ يېتىلىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.
خىتاي مەتبۇئاتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە جامائەت خەۋپسىزلىك، خەلق ئىشلىرى، مائارىپ ۋە ھۆكمەت دائىرىلىرى بىرلىكتە ئىش ئېلىپ بېرىپ سەرگەردان بالىلارنى قۇتقۇزۇشتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنى قايتۇرۇپ ئېلىپ كەلگەندىن كېيىن يەنە نۇرغۇن رىقابەتكە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالماقتا.
خەۋەرلەردە، قۇتقۇزۇۋېلىنغان بالىلارنىڭ ئىچىدە بەزىلىرى نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايلارغا ئوقۇشلۇق قايتۇرۇلغان، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ قىسقا مۇددەتلىك تەربىيىسىنى قوبۇل قىلغان يەنە بەزىلىرى كېسەل بولغانلىق ۋە يارىلانغانلىق سەۋەبلىك دوختۇرخانىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، بەزىلىرى ئېغىر زەخىملەندۈرۈشكە، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاچقا مەخسۇس پسىخىكىلىق ۋە ئىش ھەرىكەت تەربىيىسى ئېلىپ بېرىلغان. قورۇمىغا يەتمىگەن بالىلارنىڭ قايتىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىدە سەرسان بولۇپ يۈرۈشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ھەر قايسى جايلاردىكى خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى قۇتقۇزۇۋېلىپ، يۇرتلارغا قايتۇرۇۋالغاندىن كېيىن ئاپتونوم رايوندىن تارتىپ ھەر قايسى ۋىلايەت شەھەر، ناھىيە يېزا بازار، مەكتەپ ئائىلىگە قەدەر قەۋەتمۇ قەۋەت مەسئۇلىيەتنامە تۈزگەن. يەنى بۇ بالىلارنى باشقۇرۇش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشتا مۇكەممەل تەدبىر قوللىنىۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلماقتا.
ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن ئىنكاسلار ۋە بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلاردىن ئاشكارىلىنىشىغا قارىغاندا ئۇيغۇر ئېلىدىن ئادەم بېدىكلىرىگە ئالدىنىپ ياكى سېتىۋېتىلىپ خىتاي ئۆلكىلىرىدە سەرسانلىقتا، تۈرلۈك جىنايەتلەرگە مەجبۇرلانغان، ئېغىر روھىي ۋە جىسمانىي زىيانكەشلىكلەرگە ئۇچرىغان كۆپ ساندىكىسى دېھقان بالىلىرى بولغان بۇ بەختسىز بالىلار، يۇرتلىرىغا ئۆز ئائىلىسىگە قايتۇرۇلغان بولسىمۇ،خىتاي دائىرىلىرىنىڭ پەقەت باشقۇرۇش ۋە ئۇلارنى كونترول قىلىشنىلا مەقسەت قىلغان، زۆرۈر بولغان پسىخىكىلىق داۋالاش ۋە مېھرى شەپقەتنى ئاساس قىلمىغان بەزىبىر تەدبىرلىرى بۇ بالىلارنىڭ قايتىدىن مەكتەپتىن ۋە ئائىلىسىدىن يەنى شەپقەتسىز جەمئىيەتتىن قېچىشىغا سەۋەب بولۇۋاتقان ئىكەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ شىنخۇا مۇخبىرىغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار خىتاي ئۆلكىلىرىدىن قايتۇرۇپ كېلىنگەن سەرگەردان بالىلارنىڭ ئائىلىسىگە قايتۇرۇلغاندىن كېيىن، بولۇپمۇ دېھقان ئائىلىسىدىكى بالىلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ قايتا قېچىپ كەتكەنلىكى،بەزىلىرىنىڭ ئوقۇش ۋە خىزمەتلەرگە، دېھقانچىلىق ئەمگەكلىرىگە، ئاددىي تۇرمۇشقا رايى بارماي، تۈرلۈك يامان خۇيلىرى بىلەن ئائىلىسىگە يۈك بولۇۋاتقانلىقىدەك ئەھۋاللاردىن خەۋەر تاپقان.
قەشقەرنىڭ مەلۇم ناھىيىسىنىڭ خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىدە قۇتقۇزۇپ قايتۇرۇپ كېلىنگەن بالىلارنىڭ خىزمىتىنى ئىشلەۋاتقان نام شەرىپىنى ئاشكارىلاشتىن ئېھتىيات قىلغان بىر ئايال كادىر، خىتاي ئۆلكىلەردىن قايتۇرۇپ كېلىنگەن سەرگەردان بالىلارنى باشقۇرۇشتا راستىنىلا تەشۋىقاتتىكىدەك قاتمۇ- قات تەدبىرلەر ئېلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ خانىم نېمە ئۈچۈن سەرسان بالىلارنىڭ كۆپ ساندىكىسىنىڭ دېھقان بالىلىرى ئىكەنلىكىدىن سەۋەبنى «ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ نامراتلىقى» دەپ كۆرسەتتى.
خىتاي ئۆلكىلەردىكى سەرسانلىقتىن قۇتقۇزۇۋېلىنغان بۇ بالىلارنى قۇتقۇزۇش ئىشلىرىنىڭ بىر دەملىكلا خىزمەت ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرگەن بۇ خانىم ئۇلارنىڭ مۇكەممەل كەسپىي پسىخىكا داۋالاشقا، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈشىگە موھتاج ئىكەنلىكى ئەمما يېزىلاردا بۇ سەۋىيىگە يېتىشكە تېخى ئۇزۇن مەزگىل كېتىدىغانلىقىنى، ئەڭ مۇھىمى بالىلارنى قۇتقۇزۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا مەسئۇل كادىرلاردىمۇ بۇ بالىلارغا قارىتا ھەقىقىي كۆيۈنۈشنىڭ كەمچىللىكىنى بۇ ھەممىدىن مۇھىم ئامىل ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
بۇ خانىم يەنە ئەگەر جەمئىيەت بۇ بالىلارغا قۇچاق ئاچمىغاندا، ئۇلارنىڭ قەلبىنىڭ ئۆز ئائىلىسى ئۆز يۇرتىدىمۇ بەرىبىر سەرسانلىقتا قالىدىغانلىقىنى، ئاخىردا ئۇلارنىڭ ئائىلە، جەمئىيەتكىمۇ كېرەكسىز ئادەملەرگە ئايلىنىپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
دېمەك سەرسانلىقتا قالغان ئۇيغۇر بالىلىرىنى خىتاي يۇرتلىرىدىن، ئادەم بېدىكلىرىدىن قۇتقۇزۇش بىلەنلا يىگىرمە يىللارچە داۋاملاشقان ئۇيغۇر سەرگەردان بالىلار مەسىلىسىنىڭ پۈتۈنلەي تامام بولغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. بالىلاردىكى سەرگەردانلىقنى تۈگىتىش ئۈچۈن ساننى ئەمەس بەلكى ئەمەلىي ھەقىقىي ئۈنۈمنى كۆرۈش كېرەك، بالىلارنىڭ جىسمىنى قۇتقۇزۇپ قايتۇرۇپ ئېلىپ كېلىش ئۇلارنىڭ زەخىملەنگەن روھىنى تەڭ قۇتقۇزغانغا باراۋەر ئەمەس، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن قايتۇرۇپ كېلىنگەن سەرگەردان بالىلارنى قۇتقۇزۇش ئىشلىرى ئەمەلىيەتتە ئۇلارنى يۇرتىغا قايتۇرۇپ كەلگەندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدىغان ئۇزۇن مۇددەتلىك، سىستېمىلىق مېھىر شەپقەت يەتكۈزۈش جەريانىدۇر.