مەمەت توختى: خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي ئۆلكىلىرىگە سېتىلىپ ۋە ئالدىنىپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان بالىلاردىن ئەپۇ سورىشى كېرەك!

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر بالىلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئالداپ، سېتىپ جىنايى ئىشلارغا مەجبۇرلاش بىلەن شۇغۇللانغان ئادەم بېدىكلىرى ۋە جىنايى گۇرۇھلارغا قاتتىق زەربە بېرىشنى باشلىغان.

0:00 / 0:00

بۇ بىر قانچە ئايدىن بۇيان، يۈزگە يېقىن شايكىنى يوق قىلغان، 500 جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئالغان، 400 دەك بالىنى قۇتقۇزغان.

خىتاي سوت مەھكىمىلىرى يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۈرۈمچى ۋە كورلا شەھىرى، شۇنداقلا يەنە مەكىت ۋە يەكەن ناھىيىسىدە، ئۆسمۈر-بالىلارنى ئېلىپ قېچىش، سېتىش ۋە جىنايى ئىشلارغا سېلىش قىلمىشى بىلەن شۇغۇللانغان 8 كىشى ئۈستىدىن ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، ئۇلارنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۆلۈم جازاسى، كېچىكتۈرۈپ ئۆلۈم جازاسى ۋە مۇددەتلىك، مۇددەتسىز قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلغان.

ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر «ئۇ ئۇيغۇر ئۆسمۈر بالىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنىڭ يىللاردىن بېرى قوغدالمىغانلىقىدەك مەسىلىنىڭ ئېغىرلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دەپ مۇلاھىزە قىلماقتا. بۇ ھەقتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياۋروپا بىرلىكىدىكى ئالاقىلەشكۈچى خادىمى مەمەت توختىنىڭ مۇلاھىزىلىرىنى، يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.