«بۇ زەربە بېرىش خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى بارلىق ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان بولۇشى مۇمكىن...»

شىنخۇا تورىنىڭ نەنچاڭدىن يوللىغان تېلېگراممىسىغا قارىغاندا، 26-مارت نەنچاڭدا «شىنجاڭلىق بالىلارنى ئالداپ جىنايەتلەرگە زورلىغان جىنايەت گۇرۇھلىرىغا زەربە بېرىش تەييارلىق خىزمەت يىغىنى» چاقىرىلغان.

0:00 / 0:00

بۇ يىغىندا خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى مۇئاۋىن مىنىستىرى جاڭ شىنفېڭ شىنجاڭلىق بالىلارنى ئالداپ جىنايەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئادەم بېدىكلىرى ۋە جىنايەت گۇرۇھلىرىغا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ مەملىكەت مىقياسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ۋە «ئادەم بېدىكلىرىگە زەربە بېرىش ۋە شىنجاڭلىق سەرگەردان بالىلارنى قۇتقۇزۇپ قايتۇرۇش شىنجاڭنىڭ ۋە جۇڭگونىڭ مۇقىملىقى، جەمئىيەت ئامانلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.» دەپ كۆرسەتكەن.

بۈگۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئالاقىچىسى مەمەت توختى ئەپەندى بۇنىڭغا قارىتا ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئادەم بېدىكلىرىگە مەملىكەت مىقياسىدا زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى قوزغىشىدىكى مەقسىتى ۋە بۇنى ھازىرقى ۋەزىيەتتە ئېلىپ بېرىشىنىڭ سەۋەبلىرىنى مۇلاھىزە قىلدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن مۇخبىرىمىزنىڭ مەمەت توختى ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدىن ئاڭلايسىلەر.