سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سۈرىيە مەسىلىسى ھەققىدە ئاخىرقى سۆزىنى سۆزلىدى

سۈرىيىدىكى ئەسەد ئائىلىسى ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن سۈرىيە خەلقىگە قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ۋەھشىيلەرچە باستۇرۇش، ئۆلتۈرۈش ۋە تۇتقۇن قىلىش جىنايەتلىرى خەلقى ئالەمنىڭ غەزىبىنى تاشۇرماقتا.

0:00 / 0:00

ئەلۋەتتە ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭمۇ بۇ ۋەھشىيلىككە قارشى پىكىر-قاراشلىرى بولۇپ، ھەممىسى دېگۈدەك سۈرىيىدىكى قىرغىنچىلىقنى ئەيىبلىمەكتە.

سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى سۈرىيە ھاكىمىيىتىنى قان تۆكۈشنىڭ ئاقىۋەتلىرىدىن كۆپ قېتىم ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، سۈرىيە تەرەپتىن ئىجابىي ئىنكاس بولمىدى. شۇنىڭ بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ سۈرىيىدىكى باش ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كەتتى. شۇ كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى ئابدۇللا سۈرىيە ھاكىمىيىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى ۋە سۈرىيە خەلقىگە «سىلەرگە قىلىنىۋاتقان جىنايەتلەرنى دىن ۋە ئەخلاق قوبۇل قىلمايدۇ» دېدى.

لوندوندا چىقىدىغان«ئوتتۇرا شەرق»گېزىتىنىڭ 2011-يىلى8-ئاۋغۇست سانىدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە پادىشاھ ئابدۇللانىڭ سۈرىيە ھاكىمىيىتىگە ۋە سۈرىيە خەلقىگە قارىتىپ سۆزلىگەن نۇتۇقلىرى تەپسىلىي نەقىل قىلىنغان ۋە پادىشاھ ئابدۇللانىڭ سۈرىيە ھاكىمىيىتىنى ئارتۇق قان تۆكۈشنىڭ يامان ئاقىۋەتلىرىدىن ئاگاھلاندۇرغانلىقى يېزىلغان.

سۈرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ ئالدىدا ئىككىلا يول بار

ماقالىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان:« سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى ئابدۇللانىڭ سۈرىيە مەسىلىسى ھەققىدىكى نۆۋەتتىكى نۇتقى ھەممىنى راھەتلەتتى، خۇسۇسەن سۈرىيىدىكى ھەققانىيەتچىلەرگە كۈچ بېغىشلىدى. ئەمەلىيەتتە پادىشاھ ئابدۇللانىڭ بۇ نۇتقى ئۆزىنىڭ بىر مۇسۇلمان ئەمەلدارى سۈپىتى بىلەن سۈرىيە خەلقى ئۈچۈن دىنىي ھەم ئىنسانىي بۇرچىنى ئادا قىلغانلىقى دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئەرەب ۋە ئىسلام ئەللىرىدىكى نوپۇزى ۋە ھۆرمىتى چوڭ بولۇپ، بۇ مەملىكەتنىڭ سۈرىيە خەلقى تەرەپتە تۇرغانلىقى باشقا مۇسۇلمان مەملىكەتلىرى ئۈچۈن ئۈلگىلىك ياكى باشلامچىلىق رولىنى ئوينايدۇ. پادىشاھ ئابدۇللا سۈرىيىدىكى نامايىشلاردا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنى شېھىتلەر دەپ ئاتىدى ۋە سۈرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ ئالدىدا ئىككى يولدىن باشقا يول قالمىغانلىقىنى، بۇ ئىككى يولنىڭ بىرى، خەلقنىڭ تەلىپىنى ئورۇنداش ۋە ئۆلتۈرۈشنى توختىتىش، يەنە بىرى مۇشۇ قاتتىق قوللۇق سىياسىتى سەۋەبلىك پەقەتلا تۈگىشىش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.»

سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھىنىڭ نۆۋەتتكى نۇتقى تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەب تاييىب ئەردۇغان بىلەن تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەھمەد داۋۇد ئوغلىنىڭ تەكلىپىنىڭ ئۆزىدۇر. دېمەك، سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىمۇ سۈرىيە مەسىلىسىدە، سۈرىيە خەلقىگە ھېسداشلىق قىلىشتا ۋە سۈرىيە ھاكىمىيىتىگە بولغان نارازىلىقتا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئوخشاش پىكىردە دېيىشكە بولىدۇ.