ئۇيغۇرلارنىڭ ھېيت-بايرام ئۆتكۈزۈش ئادىتى ئالاھىدە ئۆزگىچىلىككە ئىگە بولۇپ، ئۇلار ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى، قوشنىلىرىنى ۋە يېقىن-يورۇقلىرىنى زىيارەت قىلىپ ھال-ئەھۋال سورىشىش ئىشىغا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئۇيغۇرلاردىكى ھەر بىر مەھەللە خەلقى جامائەت بولۇپ بىر-بىرىنىڭ ئۆيىنى ھېيتلاش، كىچىك بالىلارغا ھېيتلىق پۇل تارقىتىش، مېھمانلار ئۈچۈن مەخسۇس تاتلىق تۇرۇملارنى ھازىرلاش ئادىتى كۆپلىگەن مىللەتلەردىن تاپقىلى بولمايدىغان ئۇزۇن يىللىق ئۆرپ-ئادەتلەردۇر.
ئۇيغۇرلار ئومۇمەن ھېيت كۈنلىرىدە ھېيتلىشىشنى ۋە بىر-بىرىنىڭ ئۆيىنى زىيارەت قىلىشنى ئەۋلادتىن ئەۋلادقا ئۆگىتىپ ۋە داۋام قىلدۇرۇپ كەلمەكتە. سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ بۇ ئادەتنى داۋام قىلدۇرماقتا.
سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئالىم ئابدۇلئەزىز ھاجىم بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىدى.
ئابدۇلئەزىز ھاجىم بىلەن سۆھبەت
ئابدۇلئەزىز ھاجىم سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھېيت قىلىش ئادىتى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھېيتلىشىش ئادەتلىرى ئانا ۋەتەندىكىگە يەتمەيدۇ. شۇنداق بولسىمۇ ئۇلار بۇ ئادەتنى كۈچىنىڭ يېتىشىچە داۋام قىلدۇرۇپ كەلمەكتە. سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ئۇيغۇرلاردىكى ھېيتلىشىش ئىشى روزى ھېيتتىن قۇربان ھېيتقا پەرقلىق بولىدۇ. ئۇلار روزا ھېيت كۈنلىرىدە خۇددى ۋەتەندىكىگە ئوخشاش ھېيتلىشىدۇ ۋە يىراقتىكىلەرنىمۇ زىيارەت قىلىدۇ. ئەمما قۇربان ھېيت كۈنلىرى بۇ جايدا ھەج پەرزىنى ئادا قىلىش ۋاقتى بولغانلىقتىن، ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپلىرى ھەج قىلىش ئۈچۈن ھەج ئىبادىتى ئېلىپ بېرىلىدىغان ئورۇنلاردا بولىدۇ. شۇ سەۋەب بىلەن قۇربان ھېيت كۈنلىرى سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ئۇيغۇرلار روزا ھېيتتىكىگە ئوخشاش چوڭ كۆلەملىك ھېيتلاشمايدۇ.»
ھازىرقى ھېيتلىشىش بۇرۇنقىغا يەتمەيدۇ
ئابدۇلئەزىز ھاجىم يەنە مۇنداق دېدى: «بۇ يەردىكى پېشقەدەملەرنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستانىغا مۇندىن 50-60 يىللار ئىلگىرى كەلگەن ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنى تولۇق ساقلىغان ئىكەن. ئۇلار يېقىنقى يىللارغىچە ھەر ھېيتتا پۈتۈن مەھەللىنىڭ ئەرلىرى خۇددى ۋەتەندىكىگە ئوخشاش جامائەت بولۇپ ھېيتلىشاتتىكەن. چۈنكى ئۇ ۋاقىتلاردا ئۇيغۇرلار تائىف، جىددە، مەككە ۋە مەدىنە شەھەرلىرىدە مەخسۇس ئۇيغۇر مەھەللىلىرى بەرپا قىلىپ بىر-بىرىگە يېقىن ئولتۇرغان ئىكەن. كېيىنچە زامان تەرەققىي قىلغانسېرى ئۇلار يىراقلارغا ئۆيلەرنى سېلىپ كۆچۈپ كېتىش سەۋەبلىك مۇساپە جەھەتتە بىر-بىرىدىن يىراقلىشىپ قالغان. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئىلگىرىكىدەك جامائەت بولۇپ توپلىنىپ ھېيت قىلىش ئىشى ئوڭاي ئەمەس ئىكەن. بۇ سەۋەبتىن ھازىرقى ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئىلگىرىكىلەرگە ئوخشاش ساقلاپ قالالمىغان بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا ھازىر سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ جامائەت شەكلىدە توپلىشىپ ھېيتلاشقىنىنى ئانچە كۆرگىلى بولمايدۇ. كۆپ بولسدا 5-10 كىشى بىرلىكتە ھېيتلىشىدۇ. ئۇنىڭدىن كۆپ بولمايدۇ.»