سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي بۇرچى ھەققىدە

ھەممىگە مەلۇمكى، ھەر قانداق ئىنسان ھەر ۋاقىت تەربىيىگە ۋە نەسىھەتكە مۇھتاج. بىر ھەدىستە:«دىن نەسىھەتتۇر»دەپ كەلگەن. شۇڭا بىز ھەر ۋاقىت چوڭلارنىڭ ۋە ئۇستازلارنىڭ نەسىھىتىگە مۇھتاجمىز. يېقىندا تۈركىيىدىكى«مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى»نىڭ قۇرغۇچىسى ئابدۇلھېكىم مەخسۇم ھاجىم سەئۇدى ئەرەبىستانىدا زىيارەتتە بولغان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىغا نەسىھىتىنى قىلغان.

0:00 / 0:00


مەخسۇم ھاجىم تەكلىپىمىزگە ئاساسەن، سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى بارلىق ئۇيغۇرلارغا خىتاب قىلغان ھالدا، نەسىھىتىنى باشلاپ ئانا ۋەتەننى ۋە ئۇيغۇر تىلىنى ئۇنۇتماسلىقتىن ئىبارەت ئىككى مۇھىم نوقتىنى چۆرىدىگەن ھالدا، ناھايىتى ياخشى ۋەز - نەسىھەت قىلىپ بەردى. مەخسۇم ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە:«مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشىغا كۆڭۈل بۆلمىگەن ئادەم مۇسۇلمانلاردىن ئەمەس» دېگەن. بۇنىڭغا بىنائەن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئانا ۋەتىنىنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈشىنىڭ زۆرۈرلۈكى ۋە ئۆز ئانا تىلىنى ئۆگىنىشىنىڭ مۇھىملىقى ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىش ئارقىلىق بۇ پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.