23 مىليون دوللار قىممىتىدىكى زېمىن ئۇيغۇرلارغا قايتۇرۇپ بېرىلدى

19-ئەسىردە ئۇيغۇر ئېلىدىن سەئۇدى ئەرەبىستانغا بارغان پولات ھاجى ئەپەندى، بۇنىڭدىن 130 يىل ئىلگىرى سالدۇرغان ۋەخپە زېمىنىنى پولات ھاجى ئەپەندى ۋەخپى نامىدا قايتىدىن تىزىمغا ئېلىنغان.

0:00 / 0:00

19-ئەسىردە ئۇيغۇر ئېلىدىن سەئۇدى ئەرەبىستانغا بارغان پولات ھاجىنىڭ مەككە شەھىرىدىكى كەبىنىڭ يېنىغا بۇنىڭدىن 130 يىل ئىلگىرى سالدۇرغان ۋەخپە زېمىنىنى قايتۇرۇپ ئېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ نەۋرىلىرى سەئۇدى ئەرەبىستان سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلغان بولۇپ، نەتىجىدە، بۇ زېمىن پولات ھاجى ئەپەندى ۋەخپى نامىدا قايتىدىن تىزىمغا ئېلىنغان. سوت مەھكىمىسى پولات ھاجىنىڭ نەۋرىلىرىنىڭ تەلەپلىرىنى توغرا ۋە ئورۇنلۇق دەپ قارىدى ۋە 23 مىليون ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى 810 كۋادرات مېتىرلىق زېمىننى پولات ھاجىنىڭ نەۋرىلىرىگە قايتۇرۇپ بېرىش توغرىسىدا ھۆكۈم چىقاردى.

seudi-uyghur-wexpe-zimini-testiq-qeghez-turkche-385.jpg
1880-يىلى سەئۇدى ئەرەبىستاندا قۇرۇلغان ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ 810 كۋادرات مېتىر زېمىننىڭ تەستىق قەغىزىنىڭ تۈركچە تەرجىمىسى. (RFA/Erkin Tarim)

تۈركىيىدىكى ئەڭ چوڭ گېزىتلەردىن بىرى بولغان «ساباھ» گېزىتىنىڭ 25‏-ئۆكتەبىردىكى سانىدىكى خەۋەردە، 1880-يىلى ھەج قىلىش ئۈچۈن مەككىگە بارغان شەرقىي تۈركىستانلىق سودىگەر پولات ھاجى، مەككىدە كەبىگە 150 مېتىر كېلىدىغان بىر بىنانى سېتىۋالغان ۋە بۇ بىنانى ھاجى پولات ئەپەندى ۋەخپى نامى ئاستىدا شەرقىي تۈركىستانلىق ھاجىلار ئۈچۈن مېھمانخانىغا ئۆزگەرتكەن. ھەج ۋە ئۆمرە ئۈچۈن تۈركىستاندىن كەلگەن ھاجىلارغا خىزمەت قىلغان بۇ مېھمانخانا، ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ ئەمەلدارلىرى تەرىپىدىنمۇ ۋەخپە مېلى دەپ تەستىقلانغان. ۋەخپىگە سۇلتان مەخمۇتنىڭ ئوغلى سۇلتان سەئىدخاننى ۋەكىل قىلىپ تەيىنلىگەن. بۇ مېھمانخانا 1950-يىلى ئېتىلىپ قالغان. كوممۇنىستلار ئۇيغۇر ئېلىدە ھاكىمىيەتنى ئىگىلىگەندىن كېيىن ئۇيغۇرلار بىر مەزگىل ھەج قىلىشقا كېلەلمىگەچكە بۇ مېھمانخانا بوش قالغان. بىنا 1981-يىلى مەككە شەھەرلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن چېقىلىپ ماشىنا توختىتىش ئورنىغا ئايلاندۇرۇلغان.

«ساباھ» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەردە زېمىننىڭ قايتۇرۇلۇشىغا ئائىت قارارنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ئۈچۈن مەككە شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە ئەۋەتىلگەنلىكى، ئەمما بۇ مەسىلىنىڭ ھازىرغىچە ھەل قىلىنمىغانلىقى يېزىلغان. سەئۇدى ئەرەبىستان سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئېلىنغان بۇ قارار بىر يىلدىن بۇيان ئىجرا قىلىنماستىن تاشلاپ قويۇلغان. بۇ مەسىلە توغرىسىدا مۇخبىرغا مەلۇمات بەرگەن پولات ھاجىنىڭ نەۋرىسى تەلئەت ئۆزتۈرك ئەپەندى، «بىز ۋەخپىنى يېڭىدىن قۇرۇپ، تۈرك دۇنياسى ھاجىلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان يېڭى بىر مېھمانخانا سېلىشنى ئويلىشىۋاتىمىز»، دېگەن.

تەلئەت ئۆزتۈرك زېمىننى قايتۇرۇپ ئېلىش ئۈچۈن ئۈچ خىل تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇلاردىن بىرى كەبىنىڭ يېنىدىكى زېمىننىڭ قايتىدىن ياسىلىشى، ئىككىنچىسى ئوخشاش قىممەتتە باشقا بىر ئورۇندىن زېمىن بېرىشى، ئۈچىنچىسى شۇ قىممەتتە تۆلەم تۆلەپ بېرىشىدىن ئىبارەت.

بىز بۇ ھەقتە تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن بۇ ۋەخپىنىڭ قانۇنى ئىشلىرىنى بېجىرىۋاتقان ق شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ سابىق باش كاتىپى ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.