سەۋرچانلىق گۈزەل ئەخلاق

ساقلاش، سەبىر قىلىش ۋە كۈتۈشلەر دۇنيا قانۇنىيىتى ۋە رەت تەرتىپىدۇر. مەسىلەن: ئۇرۇق يەرگە سېلىنىپ بولغۇچىلا ئۈنمەيدۇ. ئۈنسىمۇ ھامان ھوسۇل بەرمەيدۇ. بەلكى ئۈنۈپ، ئۆسۈپ يېتىلىپ پىشقىچە كۈتۈشكە توغرا كېلىدۇ. تۆرەلمىمۇ تولۇق ئىنسان بولىشى ئۈچۈن ئانىنىڭ قورسىقىدا بىر قانچە ئاي تۇرىدۇ. ۋاقىت دۇنيادىكى ھەر بىر ھەرىكەت ۋە جىملىقنىڭ كىيىمى.

0:00 / 0:00

ئەگەر بىز ۋاقىتتىن ھالقىپ چىدامسىزلىق قىلساق، چىدىماسلىقنىڭ ئوتىدا ئازابلانغاندىن باشقا قانۇنىيەت بويىچە ھەرىكەت قىلىدىغان شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتىدىن ھېچ نەرسىنى ئۆزگەرتەلمەيمىز.

كىرىزىس كۈچىيىپ مۇرەككەپلەشسە، قىيىنچىلىق ئېغىرلىشىپ زۇلمەتلىك كېچە ئۇزارسا، پەقەت سەبىرلا ئىنسانغا گاڭگىراشتىن قوغدايدىغان نۇر، چۈشكۈنلۈك ۋە ئۈمىدسىزلىكتىن قۇتۇلدۇرىدىغان يول ئاتا قىلىدۇ. سەبىر ھەر قانداق ئىنسان دىن ۋە دۇنيالىق ئىشلىرىدا ئېھتىياجلىق بولغان پەزىلەت. ئىنساننىڭ ئىش - ھەرىكىتى ئۈمىد ئارزۇلىرى، سەبىرچانلىق ۋە چىدام بىلەن يۇغۇرۇلغان بولىشى زۆرۈر. بىر ھەدىستە:" سەبىر - چىراقتۇر" دەپ كەلگەن. چىراق قاراڭغۇنى يورۇتقاندەك، سەبىرچانلىقمۇ ئىنساننىڭ توختاۋسىز ئالغا ئىلگىرىلەش يولىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ.

ئابدۇلكېرىم ھاجىم بىلەن سۆھبەت

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ياش ئالىم ئابدۇلكېرىم ھاجىم سەبىر ھەققىدە توختۇلۇپ مۇنداق دېدى:" بۇ دۇنيا سىناق ۋە ئىمتىھان دۇنياسى بولغانلىقتىن، ئىنسان باشتىن كەچۈرگەن ھەر بىر سىناق ھەرخىل سىناقلار ئىچىدىكى بىر ھالقىدۇر. ئېغىر سىناقلارنىڭ سەۋەبلىرىمۇ يوشۇرۇن بولىدۇ. شۇڭا ئىنسان ئۆزىنى جەڭ مەيدانىدىكى ئەسكەردەك ھەر سىناققا ھازىر تۇتۇشى زۆرۈردۇر. كىشىلەر ئادەتتە سەبىردىن ئىبارەت ھەقىقەتنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويۇپ قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەندە گاڭگىراپ قالىدۇ. بىئارام بولىدۇ. ئىنسان ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىسا، بېشىغا ئېغىر كۈنلەر كەلسە كەڭ جاھان ئۇنىڭغا تارىيىدۇ. كۈنلەر قىيىنلىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىشنى تېزرەك بىر تەرەپ قىلىشقا ئۇرۇنىدۇ. سەبىرچانلىق بۈيۈكلۈكنىڭ نامايەندىسى، مۇكەممەللىكنىڭ بەلگىسى ، روھنىڭ ئەتراپتىكى ئىشلارغا رەھبەرلىك قىلغانلىقىنىڭ دەلىلىدۇر."

سەبىرچانلىق پىشىپ يېتىلگەنلىكنىڭ ئالامىتى

ئابدۇلكېرىم ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، سەبىرچانلىق پىشقان ئەرلىكنىڭ، يۈكسەك باتۇرلۇقنىڭ ئاساسلىرىدىن بىرىدۇر. ھاياتلىقنىڭ سىناقلىرىغا تۇترۇقسىز ئادەملەر بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. ئادەتتە بىراۋدا يۆتكىمەكچى بولغان ئېغىر يۈك بولسا، ئۇ كىچىك بالا، كېسەلچان ياكى ئاۋاق كىشىلەرنى ئىشلەتمەيدۇ. بەلكى كۈچلۈك ئەرنى تاللايدۇ.

ھاياتلىقمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش بولۇپ، ھاياتلىقنىڭ ۋەزىپىسى ھاياتلىقنى بىر باسقۇچتىن يەنە بىر باسقۇچقا كۆتۈرۈشنى پەقەت ئەڭ چىداملىق، سەبىرچان، پىشقان كىشىلەرلا ئۈستىگە ئالالايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن يېتەكچى ۋە يولباشچىلارنىڭ سىناق ۋە مۇشەققەتلەردىكى نېسىۋىسى باشقىلاردىن كۆپ بولىدۇ.

نەپسىنىڭ شەھۋانىي ئىستەكلىرىنى پەقەت سەبىرلا تۇرغۇزالايدۇ

ئابدۇلكېرىم ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئادەتتە ئۆزى قىزىقىپ كەتمەيدىغان پايدىلىق ئىشلارنى قىلىش، قىزىقىدىغان نەپسانىيەتچىلىكتىن ئۆزىنى تارتىش پەقەت سەبىرچانلىق بىلەنلا ئەمەلگە ئاشىدۇ. چۈنكى ئىرادىلىك كىشىلەر ئۇلۇغۋار غايىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا، نەپسىنىڭ ۋاقىتلىق ئىستەكلىرىنى سەبىرچانلىقىنىڭ سايىسىدا قايرىپ قويالايدۇ ۋە يولىغا داۋام قىلىدۇ. ئۆرۈكنى پىشىشتىن بۇرۇن قېقىۋەتكەن باغۋەن مول ھوسۇلدىن مەھرۇم قالىدۇ. شۇڭا " سەبىر قىلساڭ غورىدىن ھالۋا پۈتىدۇ" دېگەن ھېكمەت بار.

ئىنسان ئۆزىنى سەبىر بىلەن قوراللاندۇرۇپ، قىيىنچىلىقلار ئالدىدا تەمتىرەپ قالمايدىغان، مەنزىل يىراق بولسىمۇ ئۈمىدسىزلەنمەيدىغان، مەسئۇلىيەتچانلىق قانچىلىك ئېغىر بولسىمۇ ئۈستىگە ئېلىشتىن قورقمايدىغان، ئىرادىلىك، پاراسەتلىك، قىيىنچىلىقتىن كېيىن ھامان ئوڭايلىقنىڭ، قاراڭغۇلۇقتىن كېيىن يورۇقلۇقنىڭ بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغان ئۈمىدۋارلىق، يىراقنى كۆرەر، تەدبىرلىك بولىشى لازىم.