خىتاينىڭ ئافرىقىدىكى سېيچېل ئاراللىرىدا ھەربىي بازا قۇرۇش پىلانى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار

بۈگۈن ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى خىتاينىڭ ئافرىقىدىكى سېيچېل ئاراللىرىدا ھەربىي بازا قۇرۇش پىلانى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ۋە بۇنىڭغا قارىتا ھىندىستان، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئىنكاسىنى ئېلان قىلدى.

0:00 / 0:00

«تېلېگراف» گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لياڭ گۇئاڭليې بۈگۈن، خىتاي دېڭىز قاراقچىلىرىغا زەربە بېرىش ئۈچۈن ئافرىقىدىكى ئادېن قولتۇقىغا جايلاشقان سېيچېل ئاراللىرىدا تەمىنات بازىسى قۇرۇشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۈگۈنكى باياناتىدا، خىتاي سومالى دېڭىز قاراقچىلىرىغا زەربە بېرىدىغان دۆلەتلەر قاتارىغا قوشۇلۇپ، گابوتى، ئوممان، يەمەن قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ دېڭىز پورتلىرىدىن ئاللىقاچان پايدىلىنىشقا باشلىغان ئىدى، ئەمدى سېيچېل جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، سېيچېل ئاراللىرىدا تەمىنات بازىسى قۇرۇشنى ئويلىشىۋاتىدۇ، ئەمما خىتاينىڭ چەتئەللەردە ھەربىي بازا قۇرۇش نىيىتى يوق، باشقا دۆلەتلەرنىڭ گۇمانلىنىشقا ئاساسى يوق، دەپ جاكارلىدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، سېيچېل غەربىي ئۇلۇغ ئوكياندىكى بىر ئارال دۆلىتى ئىدى، ئۇ، ئۇلۇغ ئوكيان بىلەن ھىندى ئوكيان ئارىلىقىدىكى ئىستراتېگىيىلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم ئارال. خىتاينىڭ بۇ ئارالدىكى ھەربىي ھەرىكىتى، 1962-يىلدىن تارتىپ ئۇيغۇر، تىبەت مەسىلىسىدە خىتاي بىلەن دۈشمەنلىشىپ كېلىۋاتقان ھىندىستاننى تەشۋىشكە سالىدىغانلىقى ئېنىق.

ھىندىستاندا چىقىدىغان «بىرىنچى پوچتا» گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي بۇنىڭدىن كېيىنكى 15 يىل ئىچىدە دېڭىز قىرغاقلىرىدا كان ئېچىش ئۈچۈن، دېڭىز تەكتىنى تەتقىق قىلىدىغان خەلقئارالىق تەشكىلاتلار بىلەن توختام تۈزۈپ بولدى. خىتاي ئەمدى ئاۋىئاماتكىسىنى سېيچېل ئاراللىرىدا ئىشقا سېلىپ، ھىندى ئوكياننىڭ بوغۇزىنى قاماللىماقچى بولۇۋاتىدۇ. ھىندىستان بۇنىڭدىن ئاگاھ بولۇشى كېرەك.

ئامېرىكا ئاۋازنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لېئون پانېتتا بۈگۈن گابوتىنى زىيارەت قىلغان. ئۇ، گابوتى پرېزىدېنتى ئىسمەر ئوبۇلگالىغا، گابوتىنىڭ ئامېرىكىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پانېتتا ئامېرىكىنىڭ گابوتىدا تۇرۇشلۇق ئۈچ مىڭ كىشىلىك ھەربىي قىسمىنى يوقلىغاندا، ئامېرىكا ھازىر تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇشنىڭ قارىتىلمىسىنى قايتىدىن تەڭشىدى. ئامېرىكا بۇنىڭدىن كېيىن سومالى، يەمەن قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئەل-قائىدىچىلەرنى قوغلاپ تۇتۇشنى ۋە ئۇنىڭ گابوتىدىكى شۆبىسىنى تارمار قىلىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىدۇ دەپ ئۇقتۇردى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە، خىتاينىڭ دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لياڭ گۇئاڭليې 12‏-ئاينىڭ بېشىدا قىرىق نەچچە كىشىلىك ھەربىي ئۆمەك باشلاپ بېرىپ سېيچېل جۇمھۇرىيىتىنى زىيارەت قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى. ئۇنىڭدا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي بىلەن سېيچېل دائىرىلىرى ئىككى دۆلەت ھەربىي دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش ھەققىدە سۆھبەتلەشكەن. شۇنداقلا، خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە رايون ۋەزىيىتى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرغان. سېچېل تەرەپ خىتاينى دېڭىز قاراقچىلىرىغا زەربە بېرىش جەريانىدا سېيچېلنى تەمىنات ئارقا سېپى ۋە ھەربىيلىرىنى ھاردۇق ئالغۇزىدىغان بازا قىلىشقا تەكلىپ قىلغان. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ئەمەلىيەتتىمۇ، خىتاي 2004‏-يىلىدىن باشلاپلا، ئادېن قولتۇقىدا سومالى قاراقچىلىرىغا زەربە بېرىش دېگەن نام بىلەن بۇ سېيچېل ئاراللىرىدىن ۋە گابوتى، ئوممان، يەمەن قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ دېڭىز پورتلىرىدىن پايدىلىنىپ كېلىۋاتىدۇ.

خىتايچە چىقىدىغان «مالىيە خەۋەرلىرى» تور گېزىتى بۈگۈنكى خەۋىرىدە خىتاينى، ئەمدى ئۆزىنىڭ ھەربىي ھەرىكىتىنى دۇنيادىن ھېلى ئۇنداق ھېلى مۇنداق يوشۇرۇپ، يالغاندىن گەپ ياساپ يۈرمەي، سېيچېلدىن ئىبارەت 455 كۋادرات كىلومېتىرلىق قۇرۇقلۇقى، 400 مىڭ كۋادرات كىلومېتىرلىق دېڭىز تەۋەلىكى، 90 مىڭغا يېقىن نوپۇسى ۋە ئاران 800 ئەسكىرى بار، ھىندى ئوكيان، پارس قولتۇقى، ئۇلۇغ ئوكيان ئوتتۇرىسىدىكى قاتناش تۈگۈنىگە جايلاشقان بۇ ئارال دۆلىتىدە ھەربىي بازا قۇرغانلقىنى، بولۇپمۇ بۇ ئارال دۆلىتىدىكى 115 ئارالنىڭ بەزىلىرىدە ئاللىقاچان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بازىسى قۇرۇپ بولغان ئامېرىكا بىلەن يەنە قوشنا بولۇپ قالغانلىقىنى دۇنياغا ئۇچۇق ئېيتىشقا چاقىردى.

ئەمما بەزى ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى، مەسىلەن «تامىل خەۋەر تورى» تنن بۈگۈنكى خەۋىرىدە خىتاينى، تۈنۈگۈنلا ھىندى ئوكياندىكى سېيچېل ئاراللىرىدا دېڭىز ئارمىيە بازىسى قۇرغانلىقىنى جاكارلاپ بولدى، بۇ، خىتاينىڭ چەتئەللەردە قۇرغان تۇنجى ھاۋا ئارمىيە بازىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ دەپ بايان قىلدى.