3-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە ئاۋسترالىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن 5-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى دېموكراتىيە بىلىملىرى بىلەن تەربىيىلەش كۇرسىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ تۈركىيىگە قايتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، 3-ئاينىڭ 30-كۈنى ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرىنى بىر يەرگە يىغىپ ئاۋسترالىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتلەر ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
بۇ يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى مۇدىرى ئىلغار ئالىپتېكىن، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ۋە شەرقىي تۈركىستان ياشلار جەمئىيىتى رەئىسى تەبەت يۈجەتۈرك ، ئارسلان ئالىپتېكىن ھەم پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت قاتارلىق كىشىلەر قاتناشتى.
بىز ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان بۇ يىغىن ۋە ئاۋسترالىيە ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتلەر ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ يىغىنغا قاتناشقان كىشىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.