قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا تۆھپە قوشقان يازغۇچى، دراماتۇرگ شاھىم شاۋايېۋ ۋاپات بولدى

قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بەلگىلىك تۆھپە قوشقان دراماتۇرگ، يازغۇچى، دراما ئارتىستى شاھىم شاۋايېۋ يېقىندا قازاقىستاننىڭ ئۇيغۇر ناھىيىسىنىڭ چۆنجى يېزىسىدا 72 يېشىدا ۋاپات بولدى.

0:00 / 0:00

شاھىم شاۋايېۋ جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر تىياتىرىدا خىزمەت قىلغان بولۇپ، ئۇ دەسلەپكى يىللاردىلا "غېرب - سەنەم"، "ئانارخان"، "مالىنوۋكىدىكى توي" قاتارلىق نۇرغۇن دىراممىلاردا ئۇستىلىق بىلەن رول ئېلىپ ئۆزىنىڭ تالانتىنى نامايەن قىلغان. كېيىن ئۇ رېجىسسورلۇق كەسپىدە ئوقۇپ، نۇرغۇن ئەسەرلەرنى سەھنىلەشتۈرگەن.

شاھىم شاۋايېۋ دراماتۇرگ سۈپىتىدىمۇ كۆزگە كۆرۈنۈشكە باشلىغان بولۇپ، "سېنىڭ قارا كۆزلىرىڭ"، "ئاكام ئۆيلىنىدۇ"،" قەشقەرىيە" قاتارلىق نۇرغۇن دراما ئەسەرلىرىنى يېزىپ سەھنىگە ئېلىپ چىققان شۇنىڭدەك ئۆزى رېجىسورلۇق قىلغان. شاھىم شاۋاي ھەقىقەتەنمۇ بىر تالانت ئىگىسى بولۇپ، ئۇ يەنە نۇرغۇن ئەدەبىي ئەسەرلەرنىمۇ يېزىپ ئېلان قىلدۇرغان. شاھىم شاۋايېۋ قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا مۇئەييەن تۆھپە قوشقان شەخسلەرنىڭ بىرى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.