'شاھنامە' توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات

"شاھنامە" داستانى بىزگىچە يېتىپ كەلگەن قەدىمقى ئەسەرلەر ئىچىدە، ھەجىمى چوڭ، مەزمۇنى مول، غايەت زور ئىلمىي قىممەتكە ئىگە نادىر ئەسەردۇر.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚﻣﻪﺭﺟﺎﻥ ﺗﻮﺧﺘﻰ
2010.01.05

داستاندىكى مەلۇماتتىن ئالغاندا، "شاھنامە" داستانىنى ئەينى چاغدىكى غەزنەۋىلەر خانلىقىنىڭ سۇلتانى مەھمۇد غەزنەۋىنىڭ تاپشۇرۇقىغا ئاساسەن، مىلادىيەنىڭ 1000 - يىللىرى ئىران خەلقىنىڭ مەشھۇر شائىرى موللا فىردەۋس دېگەن كىشى 30 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، پارس تىلىدا يېزىپ چىققان ئىكەن.

"شاھنامە" داستانى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ تارىخىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ

"شاھنامە" داستانى گەرچە ئىران خەلقىنىڭ تولىمۇ يىراق زاماندىن باشلاپ، مىلادىيە 651 - يىللارغىچە يەنى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان ۋاقتىغىچە بولغان تارىخىنى بايان قىلىشنى مەقسەت قىلغان بولسىمۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ قەدىمقى تارىخىنى يورۇتۇپ بەرگەندىن تاشقىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا يۇرتىنىڭ تارىخىنىمۇ يورۇتۇپ بېرىش رولىغا ئىگە. مەسىلەن: "شاھنامە" داستانىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ شەھەرلىرىدىن خوتەن دىيارى، گاھ "خوتەن"، گاھ "چىن ماچىن" دېگەن ناملار بىلەن تىلغا ئېلىنغان. خوتەن دىيارىدىكى يۇرتلاردىن "قاراڭغۇ تاغ"، "پشە"، "ئەشمە"، "خەلىچ"، "شارىستان" قاتارلىقلار داستاندا ئەينەن تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، بۇ يۇرتلار ھازىرمۇ شۇ ناملار بىلەن ئاتىلىپ كەلمەكتە. خوتەن ۋە خوتەن دىيارىدىكى يۇرتلار تىلغا ئېلىنغان بايانلاردا، ئاساسەن، قەدىمقى ئىرانلىقلارنىڭ ئاتەشپەرەس دىنىنىڭ تەسىرىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن قوزغىغان ئۇرۇشلىرى بايان قىلىنغان.

"شاھنامە" داستانىنىڭ تۈزۈلۈشى

موللا فىردەۋس "شاھنامە" داستانىدا ئىران تارىخىنى 4 دەۋرگە بۆلگەن. "شاھنامە" داستانى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان تارىخچىلار، ئالدىقى دەۋرنى رىۋايەت قىسمى، بۇ قىسىم مىلادىيەدىن 3200 يىللار بۇرۇنقى ۋاقىتقىچە بولغان 2400 يىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى، قەدىمقى ئىران پادىشاھلىقلىرىدىن ئەشكانىلار ۋە ساسانىلاردىن ئىبارەت كېيىنكى ئىككى دەۋر ھەقىقىي تارىخىي ۋەقەلەر قىسمى بولۇپ، مىلادىيەدىن 780 يىل بۇرۇنقى چاغدىن تارتىپ مىلادىيەنىڭ 651 - يىلىغىچە بولغان 1400 يىلدىن كۆپرەك تارىخنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئىسپاتلىغان ئىدى.

"شاھنامە" داستانىدىكى چىنلىق

ئاپتور داستاندا تارىخىي ۋەقەلەرنى بايان قىلىشتا تەبىئىي ھالدا ئىرانلىقلار مەيدانىدا تۇرۇپ سۆزلىگەن بولسىمۇ، ئۇلارغا قارشى تۇرغانلارنىڭ، خۇسۇسەن ئۆز ۋاقتىدىكى خوتەن خەلقىنىڭ ئىرانلىقلارغا قارشى ھەققانىي كۈرەشلىرىنىمۇ چىنلىق بىلەن ئەينەن ئىپادىلىگەن. داستاندا ئەينى ۋاقىتتىكى تۇرانىيلار شاھى ئاپراسياپنىڭ ئۆز ۋەتىنىنى تاشقى كۈچلەرنىڭ ھۇجۇمىدىن قوغداش يولىدا كۈرەش قىلىپ، ئىرانلىقلار قولىدا ھالاك بولغانلىقى سۆزلەنگەن. بۇ ۋەقەلىك "تۈركىي تىللار دىۋانى"دىمۇ سۆزلەنگەن بولۇپ، مەھمۇد قەشقىرى دىۋانىدا:

" ئەرلەر بۆرىدەك ھۇۋلىشىپ،
ياقا يىرتىپ ۋارقىرىشىپ،
ئۈنىنىڭ بارىچە چىرقىراپ پەرياد چېكىپ،
ئۆكسۈپ كۆزى ئۆرتىلەر"

دېگەن قوشاقنى نەقىل كەلتۈرۈش ئارقىلىق خەلقنىڭ ئاپراسياپنىڭ ئۆلۈمىگە قاتتىق قايغۇرۇپ، نالە - پەرياد قىلغانلىقىنى تەسۋىرلىگەن.

"شاھنامە" داستانىنى مۇنداق بىرەر ماقالە بىلەن تولۇق تونۇشتۇرغىلى بولمايدۇ. شۇڭا "شاھنامە" داستانى ھەققىدە بۇ سۆزلىگەنلىرىمىز، دېڭىزدىن بىر تامچە ھېسابلىنىدۇ. "شاھنامە" داستانىنى تولۇق ۋە ئەتراپلىق تونۇشتۇرۇش تەتقىقاتچىلارنىڭ ۋەزىپىسىدۇر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.