شۇنداق قىلىپ بىر مەھەل خىتاي ئىلىم ساھەسىدە قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان سىرلىق شائىر «قەمەر» نىڭ ساختا نىقابى ئېچىلىشقا باشلايدۇ. ئۆز دەۋرىدىكى سىياسىي ئېھتىياج تۈپەيلىدىن تۇيۇقسىزلا كۆتۈرۈلۈپ چىققان بۇ ساختا مەھسۇلاتنىڭ ئىلمىي ئاساسىنى سۈرۈشتۈرۈپمۇ قويمىغان خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ھەمدە ئۇنىڭ يۈزلىگەن ئىلمىي خادىملىرى «قەمەر» سەتچىلىكىدىن قاتتىق رەسۋا بولۇپ، جاۋاب بەرگىلى بولمايدىغان نۇرغۇن قىيىن سوئاللارغا دۇچ كېلىدۇ:
خىتاي خېتىنى ئاددىيلاشتۇرۇش ئىشى ماۋ زېدۇڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان 1950 - يىللاردا باشلانغان تۇرسا، تاڭ دەۋرىدە ئۆتكەن ئاتالمىش ئۇيغۇر شائىرى «قەمەر» قانداقلارچە ئۆز شېئىرلىرىدا ئاددىلاشتۇرۇلغان خىتاي خەتلىرىنى ئىشلىتىدۇ؟
گەرچە «خەن مىللىتى» دېگەن سۆز خەن سۇلالىسىدىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن دەپ قارالسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ خىتاي مىللىتىنىڭ نامى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىشى مىڭ دەۋرىدىن كېيىن، تېخىمۇ ئېنىق ئېيتقاندا يېقىنقى زاماندىكى ئىش تۇرسا، تاڭ دەۋرىدە ياشىغان «قەمەر» قانداق قىلىپ «ئەزەلدىنلا خەنزۇلار مېنىڭ ئۇستازىم» دەپ جار سالىدۇ؟
ئۇيغۇرلار 10 - ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىن باشلاپ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشقا باشلىغان. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ چەرچەن، چارقىلىق، تۇرپان، قۇمۇل قاتارلىق شەرقىي بۆلەكلىرىنىڭ ئىسلاملىشىشى شۇنىڭدىن كېيىنكى بىرنەچچە يۈز يىللارغا سوزۇلىدىغان تۇرسا، 9 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بۇددىزىم مۇھىتىدا ياشىغان ئۇيغۇر شائىرى «قەمەر» قانداقلارچە ئىسلام پۇرىقى قويۇق بولغان ئەرەبچە ئىسىم ئىشلىتىدۇ؟
«قەمەر شېئىرلىرى» چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىدا خەت يېزىلغان خوتەن قەغىزىنىڭ ئارقا يۈزىگە يېزىلغان. ھەممىگە ئايانكى، «چاغاتاي» نامى بىلەن ئاتالغان ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر - تۈركىي تىل يېزىقى 13 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىلىرىدىن 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە ئىشلىتىلگەن تۇرسا، تاڭ دەۋرىدە ياشىغان «قەمەر» قانداق قىلىپ چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىدا خەت يېزىلغان خوتەن قەغىزىنىڭ ئارقا يۈزىگە خىتاي تىلىدا شېئىر يازىدۇ؟
لى بەي، دۇ فۇ، بەي جۈيى قاتارلىق تاڭ دەۋرىدە ئۆتكەن خىتاي شائىرلىرى گەرچە بۈگۈنكى كۈندە خىتاينىڭ ئەڭ داڭلىق كىلاسسىك ئەدىپلىرى سۈپىتىدە قارالسىمۇ، لېكىن ئۆز دەۋرىدە ئۇلار بۈگۈنكىدەك تونۇلمىغان، شېئىرلىرىمۇ تاڭ دەۋرىدە سەددىچىننىڭ سىرتىغا تارقىلىش مۇمكىنچىلىكى بولمىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە «قەمەر» ياشىغان 9 - ئەسىردە تۈبۈتلەر خېشى كارىدورىنى ئىشغال قىلىپ تاڭ سۇلالىسى بىلەن ئاتالمىش «غەربىي دىيار» ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى ئۇزۇن زامانلار ئۈزۈپ تاشلىغان. شۇنداقكەن، خىتاي يۇرتلىرىدىن نەچچە مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى مىرەندە ياشىغان «قەمەر» قانداقلارچە ئۆزى بىلەن زامانداش بولغان لى بەي، دۇ فۇلارنىڭ شېئىرلىرىغا چوقۇنۇپ، بەي جۈيىنىڭ «كۆمۈر ساتقۇچى بوۋاي» ناملىق شېئىرىنى كۆچۈرۈپ چىقىدۇ؟
دېڭ شىياۋپىڭنىڭ ئىسلاھاتى بىلەن ئۆز ئىشىكىنى دۇنياغا ئېچىۋەتكىلى ئون نەچچە يىللار بولغان خىتايدا بۇ سوئاللار يەنىلا جاۋابسىز قالىدۇ. ساختا شائىر «قەمەر» نى ھاياجانلىق ئىبارىلەر بىلەن ماختاپ «مەشھۇر كىلاسسىكلار» تۆرىدىن ئورۇن ئالدۇرغان گو مورو ئەپەندىمۇ «قەمەر» سەتچىلىكى پاش بولۇپ، ئىلىم - پەننىڭ پولاتتەك پاكىتلىرى ئالدىدا رەسۋا بولغۇچە، ئۆز ئىززىتىم بىلەن بالدۇرراق كېتىۋالاي دېگەندەك 1978 - يىلى ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلىدۇ. ياڭ زېڭشىندىن تارتىپ تاكى كومپارتىيە ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋرگىچە تۈرلۈك ئەمەللەر بىلەن تارتۇقلىنىپ ئەتىۋارلىنىپ كەلگەن بۇرھان شەھىدى قېرىپ بىر پۇتى گۆرگە ساڭگىلىغان مىنۇتلاردىمۇ ئۆزىنىڭ «قەمەر شېئىرلىرى»غا ئاتاپ يازغان بېغىشلىما ۋە ھاياجانلىق ماقالىلىرىدىن توۋا قىلمايدۇ.
ياڭ ليەننىڭ ماقالىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن خىتايدا «قەمەر شېئىرلىرى» دىن قوزغالغان زىلزىلە ۋە ھاياجانلىق كەيپىيات ئاستا - ئاستا پەسكويغا چۈشۈشكە باشلايدۇ. رەسۋاچىلىق بىلەن نەتىجىلەنگەن بۇ سىياسىي ئويۇننىڭ پىلانلىغۇچىلىرى ۋە ئىجراچىلىرىمۇ ئەمدىلىكتە ئۆزلىرىنى دالدىغا ئېلىشقا كىرىشىدۇ.
ياڭ ليەننىڭ ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشى نەتىجىسىدە بۇ ئويۇننىڭ ئىجراچىلىرى 1990 - يىلىنىڭ ئاخىرىلىرىغا كەلگەندە چۇۋۇلۇپ چىقىدۇ. كاربون 14 ئارقىلىق «قەمەر شېئىرلىرى» يېزىلغان خوتەن قەغىزىنى ئانالىز قىلىش نەتىجىسىدە ئۇنىڭ 17 - ئەسىردىن كېيىنكى دەۋرگە توغرا كېلىدىغان قەغەز ئىكەنلىكى ئېنىقلىنىدۇ. پۇچۇركا تونۇش تېخنىكىسى ئارقىلىق بۇ ساختا ۋەسىقىنىڭ 1960 - يىللارنىڭ باشلىرىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيدا خىزمەت قىلغان S فامىلىلىك خىتاي تەرىپىدىن تاڭ شېئىرلىرىنىڭ ئۇسلۇبىغا تەقلىد قىلىنىپ كۆچۈرۈلگەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. ياڭ ليەن S فامىلىلىك بىلەن قايتا - قايتا سۆزلىشىش ئارقىلىق ئاخىرى ئۇنىڭ 1960 - يىللارنىڭ باشلىرىدا ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېينىڭ ئىلمىي خادىمى بولۇپ ئىشلىگەن L فامىلىلىك خىتاينىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن «قەمەر شېئىرلىرى» نى كۆچۈرۈپ بەرگەنلىكى ھەققىدىكى يازما ئىقرارىنى قولغا كەلتۈرىدۇ. ۋاھالەنكى، بۇ سىرلىق ئويۇننىڭ يىپ ئۇچى ئەمدىلا تېپىلغان بىر پەيتتە، L فامىلىلىك خىتاينىڭ «ئاغرىق» سەۋەبىدىن ئۆلگەنلىك خەۋىرى يېتىپ كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ بۇ «دېلو» نىڭ يىپ ئۇچى پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈپ قالىدۇ.
S فامىلىلىك ئۆز ۋاقتىدا ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېينىڭ ئىلمى خادىمى L فامىلىلىك خىتاينىڭ تاپشۇرۇقى ۋە بىۋاسىتە كۆرسەتمىسى بويىچە بۇ ئىشنى قىلغان بولسا، ئۇنداقتا L فامىلىلىكنىڭ كەينىدە كىملەر بار؟ بۇنىڭغا ياڭ ليەنمۇ جاۋاب تاپالمايدۇ. بەلكىم جاۋابنى بىلگەن بولسىمۇ ئاشكارىلاشقا جۈرئەت قىلالمىغاندۇ! ئۇ ئۆز ماقالىسىنىڭ يېشىمىدە L فامىلىلىكنىڭ مەنچىڭ سۇلالىسى زامانىدا ئۇيغۇر ئېلىگە كەلگەن خىتاي ھەربىي ئەمەلدارىنىڭ پۇشتى ئىلەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخ ۋە مەدەنىيىتىدىن مەلۇم دەرىجىدە خەۋىرى بار ئۇنىۋېرسىتېت پۈتتۈرگەن خىتايلىقىنى ھەمدە 1960 - يىللاردا سىياسىي خىزمەت كۆرسىتىپ يوقىرىغا ئۆسۈش ئۈچۈن بۇ ئىشنى قىلغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئەمما ئۇ L فامىلىلىكنىڭ ئارقىسىدا كىملەرنىڭ بارلىقىنى، بۇنىڭ ئادەتتىكى بىر شەخسنىڭ ھوقۇق ۋە ئەمەل ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى مەلۇم بىر گۇرۇھنىڭ سىياسىي ئېھتىياج ئۈچۈن مەخپىي پىلانلىغان ئويۇنى بولۇشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە سۈكۈت قىلىدۇ.
قىممەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار! خىتايدا ساختا شائىر «قەمەر» نىڭ سىياسىي ئېھتىياج سەۋەبىدىن سەھنىگە چىقىرىلغانلىقى ھەمدە ئاخىرىقى ھېسابتا ئىلمىي پاكىتلارنىڭ قىستىشى بىلەن چاۋىسى چىتقا يېيىلىپ رەسۋاچىلىققا قالغانلىقى بىزگە ئاچچىق بىر ھەقىقەتنى ھېس قىلدۇرماقتا. ئۆز تارىخىنى ئۆزى يېزىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالغان ئۇيغۇر ۋەتىنىدە يەنە قانچىلىغان «ياسالما» يادىكارلىقلار ۋە سىياسىي تىياتىرلار ئۆزىنىڭ ئىچ يۈزىنى يوشۇرۇپ ياتىدىغاندۇ؟!...
0:00 / 0:00