شىۋېتسىيىە ئۇيغۇر كومىتېتى تەشكىلاتچىلىرىنىڭ بىرى شائىرە بىبىنۇر مۇھەممەت ۋاپات بولدى

شىۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتى تەشكىلاتچىلىرىنىڭ بىرى بولغان تىرىشچان سىياسىي پائالىيەتچى، شائىرە بىبىنۇر خانىم كېسەل سەۋەبى بىلەن ستوكھولىمدا 53 يېشىدا ۋاپات بولدى.

0:00 / 0:00

بىبىنۇر خانىم 1957 - يىلى 11 - ئاينىڭ 14 - كۈنى قازاقستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئاتا - ئانىلىرى بۇرۇندىن شۇ يەردە ياشاپ كىلىۋاتقان يەرلىك ئۇيغۇرلاردىن ئىدى. بىىبىنۇر خانىم ئالماتا سۇلتان قورغاندىكى 101 - ئۇيغۇر مەكتىپىدە، كىيىن ئالماتا تېخنىكا ئىنستىتوتىدا ئوقۇغان بولۇپ، سۆۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە فابرىكىدا ئىنژىېنېر بولۇپ ئىشلىگەن. 1999 - يىلى شىۋېتسىيىگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان.

بىبىنۇر خانىم ھايات ۋاقىتدا تىرىشچان ، ۋەتەن سۈيەر، خەلق سۈيەر ئايال بولۇپ، شىۋېتسىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسى تەشكىلاتلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ ئىشتىراك قىلغاندىن سىرت، ئۆز ئالدىغا ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇش كۇرسلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇيغۇرلارغا قىزىقىدىغان ۋە ئۇيغۇرلارنى چۈشىنىشنى خالايدىغان شىۋېتلارغا مەخسۇس پروگرامىلار بۇيىچە لېكسىيىلەر بەرگەن.

مەرھۇمنى يېقىندىن بىلىدىغان ۋە شىۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ خىزمەتلىرىدە مەرھۇم بىلەن بىرگە خىزمەتتە بولغان ماھىنۇر خانىم مەرھۇمنى ئەسلەپ ئۆتتى.

بىبىنۇر خانىم ئۆز نۆۋىتىدە يەنە نۇرغۇن شېئىرلارنى يازغان بولۇپ، شېئىرلىرىدا ئىپادىلەنگەن ۋەتەنگە بولغان سېغىنىش ھېسىياتلىرى جامائەت ئارىسىدا قىزغىن ئالقىشلارغا سازاۋەر بولغان.

مەرھۇم "ۋەتەنگە سالام" دېگەن شېئىرىدا مۇنداق دېگەن ئىدى:

لەپىلدىگەن كۆك بايراقنى ،

ۋەتىنىمگە ئاسقۇم كېلىدۇ.

يىراقتىكى شۇ ئېلىمنى،

قاراۋۇل بوپ باققۇم كېلىدۇ.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.