'شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسى ئارقىلىق خىتاينىڭ دۇنيادىن پۈتۈنلەي ئايرىلىپ قالغانلىقىنى كۆرىسىز'

شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسىنىڭ داغدۇغىسىنى كىشىلەر ئۇنىڭ قانداق لايىھىلەنگەنلىكى ۋە ئېچىلىش مۇراسىمىدا 100 مىڭ ساليۇت ئېتىلغانلىقى ئارقىلىق كۆردى. ئۇنىڭدا خىتاينىڭ بەش مىڭ يىللىق پارلاق مەدەنىيىتى كۆرگەزمە قىلىنغانلىقىنى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ تۇنۇشتۇرۇشى ئارقىلىق بىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010.05.11
Shang-xey-yermenkisi-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺷﺎﯕﺨﻪﻱ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﻳﻪﺭﻣﻪﻧﻜﯩﺴﻰ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﺶ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯧﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﺳﺎﻟﻴﯘﺗﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
AFP Photo

ئەمما خوڭكوڭدا چىقىدىغان بىر نەچچە گېزىت ئەھلى بۇ يەرمەنكە ئارقىلىق نېمىنى ھېس قىلغانلىقىدىن چوڭ قۇرۇقلۇقتا خەلقنىڭ تېخى خەۋىرى يوق.

2010‏ - يىللىق شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسىنىڭ داغدۇغىسىنى، كىشىلەر 5‏ - ئاينىڭ 1‏ - كۈنىدىكى ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئېتىلغان ساليۇتلارنىڭ سانىدىن كۆردى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۇ يەرمەنكىنى دۇنيا تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان ئەڭ چوڭ يەرمەنكە، ئۇ، قۇرۇلۇش كۆلىمى5 كۋادرات كىلومېتىر زېمىننى ئىگىلىگەن، دۇنيادىكى 130 دىن ئارتۇق دۆلەت قاتنىشىدىغان، 10‏ - ئاينىڭ 31 ‏ - كۈنىگىچە 100 مىليون ئادەم كۆرۈپ سودا پائالىيىتىنى ئېلىپ بارىدىغان ئەڭ چوڭ بازارلا ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ 5 مىڭ يىللىق مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ ھەشەمەتلىك كۆرگەزمىسى دەپ تۇنۇشتۇردى.

'بەش مىڭ يىللىق پارلاق مەدەنىيەت، شەھەر تۇرمۇشىنىڭ ئىلغارلىقى ۋە خىتاي غۇرۇرىنىڭ كۆرگەزمە قىلىنىشى'

خوڭكوڭدا چىقىدىغان 'مەجمۇئە گېزىتى'نىڭ بايان قىلىشىچە، شاڭخەي دۇنيا كۆرگەزمىسى 2008‏ - يىلىدىكى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىدىن كېيىنكى يەنە بىر ئالەمشۇمۇل كۆرگەزمە. بۇ، خىتاي ئۈچۈن بىر چوڭ پۇرسەت بولۇپلا قالماي، دۇنيا ئۈچۈنمۇ بىر چوڭ پۇرسەت. بۇ يەرمەنكىنىڭ ھەشەمەتى خىتاينىڭ 5 مىڭ يىللىق پارلاق مەدەنىيىتى، 60 يىلدىن بۇيانقى زور مۇۋەپپەقىيەتلىرى، شەھەر تۇرمۇشىنىڭ ئىلغارلىقى، بۇ ئارقىلىق خىتاي مىللىتىدە پەيدا بولغان ئەڭ چوڭ غۇرۇرنىڭ كۆرگەزمە قىلىنغانلىقىدا.

'خىتاينىڭ كەلگۈسىنى ئىجات قىلىدىغان كۈچى نەدە؟'

'قوياش گېزىتى'، 'خۇاشا كۆزنىكى' دېگەن گېزىتلاردا بايان قىلىنىشىچە، شاڭخەي يەرمەنكىسىنىڭ ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ياپونىيە بۆلۈملىرىدە، تەبىئەتكە ماسلاشقان كىشىلىك ھاياتنى، كىشىلەر كەلگۈسىنى ئىجات قىلىدىغان پەن  - تېخنىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئىلاھ ئاتا قىلغان ئەقىل - پاراسەت بىلەن كەلگۈسىنى يارىتىدىغان ئادەملەر پات ئارىدا ئىجات قىلىدىغان گۈزەل دۇنيانى تەسەۋۋۇر قىلالايدۇ. ئەمما بۇ يەرمەنكىنىڭ خىتاي بۆلۈمىدە 'خىتاي مەدەنىيىتى' دەپ كۆرگەزمە قىلىنغان چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى تاغۇ - دەريالار، سۇجۇ شەھىرىنىڭ باغۇ - بوستانلىرى سىزىلغان رەسىملەر، خىتايلار ئۆزلىرى تونۇمايدىغان ھەر قايسى سۇلالىلەر دەۋرىدىكى ھۈسنىخەتلەر، خۇاشاچە كۈلرەڭ ساپال، قىزىل مەي ... دىن ئۆزگە بىر نېمە يوق.

ئېچىلىش مۇراسىمىدا يۈزمىڭ پاي ساليۇت ئېتىپ (ئولىمپىك مۇسابىقىسىدىن 20 مىڭنى ئارتۇق ئېتىپ) داغدۇغا قىلىنغان بۇ يەرمەنكە ئارقىلىق دۇنيا، خىتاينىڭ بەش مىڭ يىللىق مەدەنىيىتى ئىجادىيەت بولمىغان بىر غۇربەتچىلىك ئىكەنلىكىنى، خىتاي تېخىچە تارىخ خارابىلىرىدا ئايلىنىپ يۈرۈۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ، خىتاينىڭ كەلگۈسى نەدە، كەلگۈسىنى ئىجات قىلىدىغان كۈچ نېمە ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايدۇ. بۇ يەرمەنكە ئارقىلىق كىشىلەر خىتاي بىلەن دۇنيانىڭ بۇرۇنقى ھەم ھازىرقى پەرقىنى كۆرەلەيدۇلا ئەمەس، توغرىسىنى ئېيتقاندا، خىتاي ھازىر كەلگۈسىنى يارىتىشتا پۈتۈنلەي دۇنيادىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى ئېنىق كۆرىدۇ.

شاڭخەيلىكلەر بۇنىڭدىن جاۋاب تاپىدىغان سۇئال

'داگۇڭباۋ گېزىتى' نىڭ بايان قىلىشىچە، كىشىلەر بۇ يەرمەنكە ئارقىلىق شاڭخەينىڭ زامانىۋىلاشقان چوڭ شەھەرگە ئايلانغانلىقىنى، بۇ شەھەردىكى ھەشەمەتلەر دۇنيادىكى باشقا شەھەرلەردىن ئېشىپ كېتىۋاتقانلقىنى، بۇ شەھەردە ياشىغان كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى ئېلېكترونلىشىپ بولغانلىقىنى كۆرىدۇ. پەقەت شاڭخەيلىكلەر ئۆزىلا،  بۇ شەھەردىكى ھەشەمەتلىك تۇرمۇشنىڭ تەبىئىي مۇھىتنى ۋەيران قىلىش بەدىلىگە كەلگەنلىكىنى بىلىدۇ. ئەمدى ئۇلار بۇنىڭدىن كېيىن، بۇ شەھەر تەبىئەت دۇنياسى بىلەن ۋە سىرتتىكى ئىنسانىيەت دۇنياسى بىلەن ماسلاشمىسا بولامدۇ - بولمامدۇ دېگەن سوئالغا جاۋاب تېپىشى كېرەك.

شاڭخەيدىن رادىئومىزغا يەتكۈزۈلگەن ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسى ئېچىلىشتىن بىر نەچچە يىل بۇرۇنلا، شاڭخەيدە بۇ يەرمەنكە ئۈچۈن ئۆي  - زېمنىلىرى مەجبۇرىي تارتىۋېلىنغان خەلق نارازىلىق بىلدۈرۈشكە باشلىغان. 'نيۇيورك تايمىس' گېزىتىمۇ يېقىندا، خىتايدا ئەرزىنى ئاققۇزالمىغان كىشىلەر نيۇيورك شەھىرىدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىناسى ئالدىغا كېلىپ، ئۆي - زېمىنى دۇنيا يەرمەنكىسىگە قوشىۋېلىنغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

'قانۇنسىز رەھبەرنىڭ يېتەكچىلىكىدە، بەش مىڭ يىللىق ئەخلەت دۆۋىسىدە ئېغىناۋاتقان ئادەم توپى'

ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كارولىنا شىتاتىدا تۇرۇۋاتقان مۇستەقىل تەتقىقاتچى جۇ شۆيۇەننىڭ قارىشىچە، بۇ شاڭخەي يەرمەنكىسىنىڭ خىتاي بۆلۈمىدىكى كۆرۈنۈش  -- قالاقلىقىغا باقماي شۆھرەت قوغلىشىدىغان، نامراتلىقىغا باقماي ئىسراپخورلۇق قىلىدىغان، ئىجات قىلىش كۈچى ۋە كەلگۈسىنى كۆرۈش ئىقتىدارى بولمىغانلقىتىن ھازىرقى مۇھىتىنى ۋەيران قىلىۋاتقان، ئۆزىنىڭ ياكى ئۆزگىنىڭ ئادەملىك ئىززەت - ھۆرمىتىنى چۈشەنمەيدىغان ئادەملەر توپىنىڭ، قانۇنسىز رەھبەرنىڭ يېتەكچىلىكىدە، بەش مىڭ يىللىق ئەخلەت دۆۋىسىدە ئېغىناۋاتقان كۆرۈنۈش.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.