پروگراممىغا مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، تەتقىقاتچى فەخرى سولاك ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى. مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىدىن دوكتور ئەمرە ئەرشېن ئەپەندى بىلەن دوكتور چاغداش ئۈنگۆرخانىم قاتناشتى ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇش سەۋەبلىرى، غايە-مەقسەتلىرى توغرىسىدا بەس-مۇنازىرە قىلىندى.
پروگرامما شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇش تارىخى ۋە دەسلەپكى مەقسەتلىرى توغرىسىدا ئىشلەنگەن قىسقا ھۆججەتلىك سىنئالغۇ كۆرسىتىش بىلەن باشلاندى. كېيىن پروگرامما ئىشتىراكچىلىرى رىياسەتچىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى توغرىسىدا سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

دوكتور ئەمرە ئەرشېن ئەپەندى رىياسەتچىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ قىسقىچە تارىخى ۋە تەرەققىيات باسقۇچلىرى توغرىسىدا سورىغان سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:
-شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بۈگۈنكى كۈندە ئوخشىمىغان مەقسەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا باشلىدى. ئەمما بۇ تەشكىلات بىخەتەرلىكنى ھەر زامان بىرىنچى ئورۇندا قويۇپ كەلدى. 1996-يىلى بۇ تەشكىلات قۇرۇلغاندا بۇ تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەر ئۆز-ئارا چېگرا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ۋە ھەربىي ساھەدە مۇناسىۋەت قۇرۇپ ئۆز-ئارا ئىشەنچ تۇرغۇزۇشنى مەقسەت قىلغان بىر تەشكىلات ئىدى. 2000-يىلدىن كېيىن بۇ تەشكىلات خەلقئارا سىياسىي شاھمات ئويۇنىدا ئۆزىنى كۆرسىتىشكە تىرىشتى. 2001-يىلى 11-سېنتەبىر ۋەقەسىنىڭ يۈز بېرىشى ۋە ئۆزبېكىستاننىڭ بۇ تەشكىلاتقا ئەزا بولۇپ كىرىشى بىلەن بۇ تەشكىلات ئۈچۈن يېڭى بىر دەۋر باشلاندى. 2002-يىلى بۇ تەشكىلات ئۈچۈن يەنە بىر مۇھىم دەۋر باسقۇچ ئۆزگىرىش بولدى، ئۇ بولسىمۇ بۇ تەشكىلات شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى شەرتنامىسى ئىمزالىدى. بۇنىڭ مەنىسى بۇ تەشكىلات خەلقئارا سەھنىدىن ئورۇن ئالغانلىق ھېسابلىنىدۇ. ب د ت ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش خەلقئارالىق تەشكىلاتلار بىلەن مۇناسىۋەتلەردە ئۆزلىرىنى خەلقئارالىق سالاھىيەتكە ئىگە دەپ قارايدۇ. بۇ تەشكىلات 2003-يىلى تۇنجى قېتىم بىرلىكتە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى ۋە بۇ ھەربىي مانېۋىر بۈگۈنكى كۈنگىچە داۋام قىلىۋاتىدۇ. 2004-يىلى بۇ تەشكىلات ئۆز ئىچىدە تېررورلۇققا قارشى رايون خاراكتېرلىك ھەمكارلىق گۇرۇپپىسى قۇرۇپ چىقتى. بۇ تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەرنى بىر يەرگە توپلىغان ئەڭ مۇھىم ئامىل تېررورلۇق ئىدى. بۇ تەشكىلاتقا 2005-يىلى موڭغۇلىيە، ئىران، پاكىستان، ھىندىستان ۋە ئافغانىستان قاتارلىق دۆلەتلەر كۆزەتچى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن ياۋروپادا، ئاسىيادا سىياسىي سەھنىدە رول ئويناۋاتقان كۆپىنچە دۆلەتلەر بۇ تەشكىلاتتا مەۋجۇت.
دوكتور ئەمرە ئەرشېن ئەپەندى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئاساسى مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى:
-بۇ تەشكىلات دەسلەپتە قۇرۇلۇشىدا ئاساسلىقى ئۆزلىرى ئۈچۈن تەھدىت دەپ قارالغان ئۈچ نۇقتىغا قارشى ھەمكارلىشىش ئۈچۈن قۇرۇلغان ئىدى، بۇ ئۈچ نۇقتا بولسا، تېررورلۇق، مىللىي ئايرىمىچىلىق ۋە ئىسلامى ھەرىكەتلەر ئىدى. بۇ تەشكىلات دەسلەپتە قۇرۇلغاندا تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئاساسى مەقسەتلىرى، چېگرا بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى ئاساسى مەقسەت قىلغان بولسىمۇ، بۈگۈنكى كۈندە ئوخشىمىغان مەقسەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. ئەسلىدە قارايدىغان بولساق، 1996-يىللاردا رۇسىيە ئۈچۈن چىچەنىستان مەسىلىسى بار ئىدى. ئوخشاش شەكىلدە ئۇيغۇر مەسىلىسى خىتاينىڭ بېشىنى ئاغرىتىشقا باشلىدى. ئۇنىڭدىن سىرت يەنە، تاجىكىستان ۋە ئۆزبېكىستان ئىسلامى ھەرىكەتلەرگە قارشى تەدبىر ئېلىشقا ئۇرۇنغان ئىدى. ئەسلىدە مۇھىم بولغىنى، بۇ ئۈچ نۇقتا بۇ تەشكىلاتنىڭ ھەر زامان ئورتاق مەنپەئىتىنى ئاساس قىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە رۇسىيە ۋە خىتاي خەلقئارادا ئامېرىكىغا قارشى بىر تەڭپۇڭ كۈچ ئىزدەۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بۇ تەشكىلاتقا ئەھمىيەت بېرىشىنىڭ يەنە بىر سەۋەبى ئەسلىدە خەلقئارا سەھنىدە كۈچ پەيدا قىلىش ۋە خەلقئارالىق بىر تەشكىلاتقا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
تۈركىستان كۈنتەرىپى ناملىق تېلېۋىزىيە پروگراممىسىنىڭ داۋامىدا يەنە دوكتور چاغداش ئۈنگۆرخانىم رىياسەتچىنىڭ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئۈچۈن قانداق ئەھمىيىتى بار دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:
-خىتاي دۆلىتى 1980-يىللاردىن باشلاپ، بولۇپمۇ 1990-يىللاردىن كېيىن ئىقتىسادى جەھەتتە كۈچلىنىشكە يۈزلەندى ۋە خەلقئارالىق مۇتەخەسسىسلەر تەرىپىدىن، خىتاي دۇنيادىكى تەسىرىنى كۆپەيتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقان يۇمشاق كۈچ دەپ باھا بېرىلدى. خىتاي دۇنيادا ئۆزىنى مۇھىم بىر رولغا ئىگە دەپ قارايدۇ ۋە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ياپونىيىگە ئوخشاش كۈچلەرگە ئۆزىنى سېلىشتۇرۇپ ئايرىم بىر كۈچ دەپ قارايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خەلقئارالىق قارارلاردا، ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ سىياسەتلىرىگە قارشى تۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. خىتاينىڭ تەرەققىي قىلغانسېرى ئېنېرگىيىگە بولغان ئېھتىياجى ئېشىۋاتىدۇ، بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە، 2001-يىلدىن كېيىن، خىتاي ئوتتۇرا شەرقتىكى ئېنېرگىيە مەنبەلىرىگە كۈز تىككەن بولسىمۇ، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى تەسىر كۈچى سەۋەبىدىن بۇ يەردىن ئېنېرگىيە ئېلىش ئىمكانىيىتى يوق. شۇ سەۋەبتىن خىتاي ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن باشقا دۆلەتلەردىن ئىزدىنىشكە مەجبۇر بولدى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئېنېرگىيىسىگە كۆز تىكتى. خىتاي ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى مۇھىم بىر ئېنېرگىيە مەنبەسى بولۇپ قالدى. خىتاينىڭ ھازىر قازاقىستان ۋە تۈركمەنىستاندىن باشلىنىدىغان نېفىت تۇرۇبا لىنىيىسى ياسىلىۋاتىدۇ. ئەمما ئىستراتېگىيە جەھەتتە خىتاي ياۋرۇپا-ئاسىيا رايونلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى تەڭپۇڭ كۈچ پەيدا قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ.
دوكتور ئەمرە ئەرشېن ئەپەندى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى توغرىسىدىكى پىكىر قاراشلىرىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى:
-شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى خەلقئارادا تەڭپۇڭ كۈچ پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، كۆزلىگەن مەقسەتكە يېتىشتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىغان بىر تەشكىلات دەپ قارايمىز. قىرغىزىستاندا يۈز بەرگەن قىرغىز-ئۆزبېك توقۇنۇشىنى ھەل قىلىشتا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھېچقانداق رول ئوينىيالمىدى. مىسال قىلىپ ئېيتىدىغان بولساق، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قىرغىزىستاندا تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرى ئورۇنلاشتۇرۇش تەكلىپىگە قارىتا ئوخشىمىغان كۆز قاراشلار پەيدا بولۇپ بىر قارارغا كېلەلمىدى.
دوكتور چاغداش ئۈنگۆرخانىم، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارادىكى تەسىر كۈچى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى:
-شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى، دېموكراتىيە ئۈستىگە قۇرۇلغان دۆلەتلەر بولماستىن، دىكتاتورىلىق بىلەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ باشقۇرىدىغان دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ دۆلەتلەر، 2001-يىلدىن كېيىن تېررورلۇققا قارشى ئامېرىكىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن بولسىمۇ، تېررورلۇقنى باھانە قىلىپ كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلدى، بۇ دۆلەتلەردىن ئايرىلىپ ياشاشنى خالايدىغان مىللەتلەرنى قاتتىق باستۇردى. ئەسلىدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغاندا بۇ تەشكىلاتنىڭ قوللىغۇچىلىرى بۇ تەشكىلاتنى غەرب ئەللىرىگە ۋە ئامېرىكىغا قارشى خەلقئارا سەھنىدىن ئورۇن ئالىدۇ دەپ قارىغان ئىدى، ئەمەلىيەتتە قارايدىغان بولساق بۇ تەشكىلات ئۇلار ئويلىغاندەك خەلقئارادا ھېچقانداق تەسىر كۈچكە ئىگە بولالمىدى.
دوكتور چاغداش ئۈنگۆرخانىم رىياسەتچىنىڭ خىتاي بىلەن تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىگە قانداق قارايسىز دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:
-تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە تۈركىيە زىيان تارتىۋاتقان بىر تىجارەت مۇناسىۋەتلىرى بار، بۇ پات-پات ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدە تىلغا ئېلىندى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە خىتاي بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى بار، تۈركىيە 1990-يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تەشۋىق قىلىش ۋە ئۇ مەسىلىنى كۈشكۈرتۈش بىلەن ئەيىبلەندى. قارايدىغان بولساق، 2009-يىلى يۈز بەرگەن ۋەقەلەردە تۈركىيە ھەقىقەتەن جىددىي بىر شەكىلدە ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىپ مەيدانغا چىقتى ۋە ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈشتە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى قاتارلىق پۈتكۈل ئىمكانىيەتلەرنى ئىشقا سالدى. ئۇيغۇر مەسىلىسى تۈركىيىدە بار بولغان بىر مەسىلە. تۈركىيە بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتىدۇ، يېقىنقى 10 يىل ئىچىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىدە تۈركىيىدە تېخىمۇ ئىلگىرىلەش بولدى. خەلقئارالىق جەھەتتە قارايدىغان بولساق، تۈركىيە سىياسىي ۋە ئىستراتېگىيە جەھەتتە خىتاي بىلەن ئورتاق ھالدا قايسى دەرىجىدە ھەرىكەت قىلالايدۇ، بۇ نۇقتىغا قارايدىغان بولساق، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ناتو (شىمالى ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى)نىڭ قارارلىرىغا داۋاملىق قارشى چىقىۋاتىدۇ. تۈركىيە ناتونىڭ ئەزاسى، خىتاي شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى قۇرغۇچى دۆلەتلەرنىڭ بىرى. تۈركىيە بىلەن خىتاينىڭ ئوخشاشمايدىغان يەنە بىر پەرقى شۇكى، تۈركىيىنىڭ خەلقئارا سەھنىدە غەرب تەرەپتە تۇرۇپ كېلىۋاتقان بىر مەيدانى بار، خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بار، خىتاي تاشقى سىياسەتتە ھەر قانداق دۆلەت بىلەن دىپلوماتىيە مۇناسىۋەت ئورناتقاندا، ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشماسلىقنى شەرت قىلىدۇ، ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشماسلىق قەغەز يۈزىدە بەك گۈزەل كۆرۈنىدۇ. ئەمما بۇنىڭ مەنىسى، ھۆكۈمەت ئۆز پۇقرالىرىغا بېسىم قىلغان زامان سۈكۈت قىلىش ۋە قېچىپ كەتكەن مەھبۇسلارنى قايتۇرۇپ بېرىش دېگەنلىك بولىدۇ، بۇ بىر دىكتاتور تۈزۈم، بۇ ئەركىنلىكتىن ۋە دېموكراتىيىدىن ئۇزاق بىر تۈزۈم. تۈركىيە بۇ خىل تۈزۈمدىن ئۇزاق بىر دۆلەت.