شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە ئۇنىڭ 10 يىللىقى

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10-يىللىقى يېتىپ كېلىش ئالدىدا ئەزا دۆلەتلەر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى قازاقىستانغا يىغىلىپ، رايون ۋەزىيىتى ۋە خەۋپسىزلىك مەسىلىسى ھەققىدە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بارغان.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2011.05.16
shangxey-hemkarliq-teshkilati-10-yilliqi-305.jpg شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10-يىللىق مۇناسىۋىتى بىلەن ئەزا دۆلەتلەر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئالماتاغا يىغىلدى. 2011-يىلى 14-ماي.
AFP

يىغىندا يەنە يېڭى ئەزا دۆلەتلەرنى قوبۇل قىلىش ۋە تەشكىلاتنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىستراتېگىيىلىرى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدىمۇ مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلغان. ئۇنداقتا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغان 10 يىلدىن بۇيان ئاساسلىق نېمە ئىش قىلدى، ئۇنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەرەققىياتى قانداق بولىدۇ؟

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى شەنبە كۈنى قازاقىستاندا بىر ئارىغا كېلىپ، رايوننىڭ خەۋپسىزلىكى، ئۆز-ئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ۋە بۇ يىل 6-ئايدا مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن قازاقىستان پايتەختى ئاستانادا ئېچىلىدىغان ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلىشى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرىلەرنى ئېلىپ بارغان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يىغىندا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جېچى سۆز قىلىپ، ھازىرقى دۇنيا شارائىتىدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رايوندىكى كۈچىنى ئاشۇرۇش ۋە شۇنداقلا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۆز-ئارا ھەمكارلىقىنى ئاشۇرۇشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇنداقتا، بۇ تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلغان 10 يىلدىن بېرى قىلغان ئىشى نېمە بولدى، ئۇنىڭ رايوندىكى تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇش پىلانى كىمگە نېمە پايدا ئېلىپ كېلىدۇ. تۈركىيە كۆچ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر پروفېسسورى تىمۇر خوجائوغلى بۇ ھەقتە سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دەيدۇ.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆپى بۇ تەشكىلاتنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى سىياسىتىگە يەنى ئاتالمىش «شەرقىي تۈركىستان بۆلگۈنچىلىرى» بىلەن كۈرەش قىلىشىغا خىزمەت قىلىشتىن باشقا ئىش بىر ئەمەلىي ئەھمىيىتىنىڭ يوقلۇقىغا ئىشىنىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ قارىشىچە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغىنىغا 10 يىل بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ تېخى ھازىرغىچە ئۆزىنىڭ ئېنىق مەيدانى ۋە ئۆزىنىڭ پائالىيەت دائىرىسى ھەققىدە ئېنىق بىر چۈشەنچە ئوتتۇرىغا قويغىنى يوق.

بۇ، 2010-يىلى 6-ئايدا قىرغىزىستاندا ئۆزبېكلەر بىلەن قىرغىزلار ئارىسىدا يۈز بەرگەن ئېتنىك توقۇنۇشتا تېخىمۇ ئېنىق ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، ئۇ ۋەقەدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىن ھېچقانداق سادا چىقمىغاندىن كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەزى مۇتەخەسسىسلەر بۇنىڭدىن قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، تەشكىلاتنى ئۆزىنىڭ خاراكتېرى ھەققىدە يەنى ئۇ بىر خەۋپسىزلىك تەشكىلاتىمۇ ياكى تىجارەت مەسىلىلىرى ئۈچۈن قۇرۇلغان ئىقتىسادىي تەشكىلاتمۇ، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشكە چاقىرغان ئىدى.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆپى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رايوندىكى مەسىلىلەردە سۆز ئىگىسى بىر تەشكىلات ئىكەنلىكىگە ۋە بۇندىن كېيىن زورىيىپ ئۇ ھالغا كېلىدىغانلىقىغىمۇ گۇمان بىلەن قارايدۇ. چۈنكى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ مۇرەككەپ بولۇشى مەسىلەن، قىرغىزىستان بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ مۇناسىۋەتلىرى، بولۇپمۇ خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ مەنپەئەتلىرىنىڭ ئورتاق بولماسلىقىدەك ئامىللار تەشكىلاتتا مۇھىم قارارلارنىڭ ئېلىنىشىغا توسالغۇ دەپ قارالماقتا. ئۇنداقتا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنى ھازىرچە ھەمكارلىشىشقا ئىتتىرىۋاتقان نەرسە نېمە؟ مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، مەزكۇر تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەر ھەممىسى دىكتاتور دۆلەتلەر بولۇپ، بۇ تەشكىلاتنى ئەمەلىيەتتە بىر «دىكتاتورلار ھەمكارلىقى» دەپ قاراشقا بولىدىكەن.

بۇ دۆلەتلەرنىڭ بېشىدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بېشىدا دېموكراتىيىدىن ئىبارەت بىر ئوت كۆيۈۋاتقانلىقىدىن، ئۆز ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىشتىن ئىبارەت ئورتاق قايغۇ ئۇلارنى ئۆز-ئارا ھەمكارلىققا مەجبۇرلاۋاتقان ئاساسلىق ئامىل. يەنى، ئۇنىڭغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھازىرغىچە توختىماي ئىچكى تەھدىتلەرگە قارشى ھەربىي مانېۋىر ئېلىپ بېرىشىمۇ بۇنىڭ ئېنىق ئىپادىسى دەپ قارالماقتا. تىمۇر خوجائوغلى ئەپەندى بۇ تەشكىلاتنىڭ ناتونىڭ بۇ يەردىكى تەسىرىنى چەكلەشتىن ئىبارەت مەقسىتى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ مۇنداق دېدى.

قازاقىستاندا ئېچىلغان يىغىندا يەنە، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن يېڭى ئەزالارنى قوبۇل قىلىپ كېڭىيىش مەسىلىلىرىمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدىغان بولۇپ، خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر ئىران، پاكىستان، ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەر بۇ تەشكىلاتقا ئەزا بولۇشنى ئىلتىماس قىلماقتا ئىكەن. تۈركىيىمۇ بۇ تەشكىلاتقا كۆزەتكۈچى دۆلەت سۈپىتىدە كىرىشنى ئارزۇ قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. بۇ تەشكىلات بۇ دۆلەتلەرنى ئەزالىققا قوبۇل قىلامدۇ؟ تىمۇر خوجائوغلى ئەپەندى يېڭى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا خىتاينىڭ قىزغىن مۇئامىلە قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇنىڭ سەۋەبلىرىنى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى.

ئۆزىنىڭ قۇرۇلۇش مەقسىتى ۋە رايوندىكى ھەقىقىي رولى ھەققىدە تۈرلۈك گۇمانلارغا سەۋەب بولۇشىغا قارىماي، ھازىرچە ئاتالمىش «شەرقىي تۈركىستان تېررورچىلىرى» غا زەربە بېرىشتىن باشقا ئەمەلىي ئىش قىلمىغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 6-ئايدىكى ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا ئاساسلىق تېمىنىڭ يەنىلا تېررورلۇققا قارشى ئورتاق كۈرەش بولىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.

مۇتەخەسسىسلەر، ھازىر ئوتتۇرا شەرقتە مەيدانغا كەلگەن دېموكراتىك ھەرىكەتلەردىن كېيىن، بۇ خىل خەلق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئۆز دۆلىتىدىمۇ پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ھەر قانداق بىر خەلق ھەرىكىتىنى قانداق قىلىپ تېررور ھەرىكىتى قىلىپ كۆرسىتىش ۋە ئۇنى ئورتاق باستۇرۇش، بۇ خىل ھەرىكەتلەرگە سىرتتىن كېلىدىغان ياردەمنى چەكلەش بۇ قېتىملىق يىغىننىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولىدۇ، دەپ قارىماقتا. تىمۇر خوجائوغلى ئەپەندى بۇ تەشكىلاتنىڭ بۇندىن كېيىن ئېلىپ بارىدىغان ئىستراتېگىيىسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.