شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دائىرىسىدىكى رىقابەتچىلىك كۈچەيمەكتە

رۇسىيە ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدا ئۆزلىرىنىڭ تەسىر دائىرىسىنى كۈچەيتىشكە تىرىشىۋاتقان رۇسىيە ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەتچىلىك ھەققىدە مەلۇماتلارنى ئېلان قىلىشنى داۋام قىلماقتا.

0:00 / 0:00


تەشكىلاتقا ئەزا مەملىكەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ ئۆتكەنكى يىلى قازاقىستان پايتەختى ئاستانىدا ئۆتكەن نۆۋەتتىكى باش قوشۇشىنى يورۇتۇش مەزگىلىدىمۇ تەشكىلات ئەزالىرى، بولۇپمۇ رۇسىيە ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپلار ھەققىدە رۇسىيە ئانالىزچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئوي - پىكىرلىرىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ موسكۋا ۋە بېيجىڭ ئوتتۇرىسىدا كېلىپ چىققان رىقابەتچىلىكنىڭ ئاساسىي سەۋەبلىرى سۈپىتىدە ھىندىستاننىڭ رۇسىيە تەرىپىدىن تەشكىلاتقا ئەزالىققا جەلپ قىلىنىشىنى ھەم شۇنداقلا خىتاينىڭ تەشكىلات ئەزالىرىغا قەرز پۇل بېرىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تەشكىلاتتىكى مەۋقەسىنى كۈچەيتىش ئۇرۇنۇشلىرىنى كۆرسەتكەنلىكى مەلۇمدۇر. بەزى ئانالىزچىلار بولسا خىتاينىڭ تەشكىلاتتىكى رولىغا باھا بېرىپ، ئۇنىڭ مەركىزىي ئاسىيا رايونىدا بارا - بارا ئۆسۈۋاتقان خەۋپىنى ئاگاھلاندۇرماقچىمۇ بولغان.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بۇ قېتىمقى بېيجىڭ ئۇچرىشىشى ھارپىسىدا ھەم ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ رۇسىيە ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى قارىمۇ - قارشىلىقنىڭ ھېلىمۇ مەۋجۇت ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.

رۇسىيىنىڭ «كوممېرسانت رۇ» تور گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «شاڭخەي تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرغۇچىلار ئارىسىدا پارچىلانماقتا. ئۇچرىشىش رۇسىيە فېدېراتسىيىسى ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپنى ئېنىقلىدى» ناملىق ماقالىنىڭ ئاپتورى سېرگېي ستروكان تەشكىلاتنىڭ بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشىنىڭ ئۇتۇقلۇق ئۆتكىنىگە ھەم تەشكىلات قاتناشقۇچىلىرىنىڭ ئومۇمىي خەۋپلەرنى تەنقىد قىلغانلىقىغا قارىماي، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ مەنپىئەئەتلەر گۇرۇپپىسىغا» پارچىلىنىپ، يىغىننىڭ موسكۋا ۋە بېيجىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قارىمۇ - قارشىلىقنىڭ سەھنىسىگە ئايلانغانلىقىنى، بولۇپمۇ كۈن تەرتىپىگە قويۇلغان ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. يەنى بېيجىڭنىڭ تەرەققىيات بانكى ۋە تەشكىلاتنىڭ مەخسۇس شىچوتىنى قۇرۇش تەشەببۇسى بويىچە رۇسىيە ۋە خىتاي بىر پىكىرگە كېلەلمىگەن ھەم ئانالىزچىلار مۇنداق رىقابەتچىلىكنىڭ يەنىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتماقتا. كۆزەتكۈچى ۋادىم كوزيۇلىننىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي نەقەدەر ئىلدام ئۆزگىرىۋاتىدۇكى، ئۇ رۇسىيىنى مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمكارلىقىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىن يۇمشاق ھالدا سىقىپ چىقارماقتا.

ماقالە ئاپتورى رۇسىيىنىڭ ئۇچرىشىش نەتىجىلىرىنى ئۆزىنىڭ ئۇتۇقى دەپ ھېسابلايدىغانلىقى بېيجىڭنىڭ مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمكارلىقى بوشلۇقىدىكى تەسىرىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەيدۇ، دەپ خۇلاسە چىقارغان.

«رېگنۇم» ئاگېنتلىقىنىڭ «خىتاي رۇسىيە دىققىتىنى ئا ق ش نىڭ تاجاۋۇزكار سىياسىتىگە ئاغدۇرغۇزۇپ، ئۆزىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى تەسىرىنى كۈچەيتمەكتە» دېگەن تېمىدا ئېلان قىلغان ماقالىدە بېيجىڭ تەۋسىيە قىلغان تەرەققىيات بانكىسى لايىھىسىنىڭ رۇسىيىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى رولىنى ئاجىزلاشتۇرۇشقا قارىتىلغانلىقىنى تەستىقلىغان. بۇ لايىھە قوبۇل قىلىنغان تەقدىردە يېقىنلىشىپ كېلىۋاتقان ئىقتىسادىي بۆھراننىڭ ئىككىنچى دولقۇنى ھەم نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشىش شارائىتىدا تەشكىلاتتىكى ئەرزەن خىتاي پۇللىرى تەشكىلات ئەزالىرى ئۈچۈن قوشۇمچە قىزىقىشقا ئايلىنىدۇ. بۇ پەيتتە خىتاي ئۆز شېرىكلىرىگە تەشكىلاتنىڭ كۆپلىگەن مەسىلىلىرى، شۇ جۈملىدىن تەشكىلات پائالىيىتىگە بىۋاسىتە ئالاقىسى يوق مەسىلىلەر بويىچىمۇ ئۆز شەرتلىرىگە كۆندۈرۈش مۇمكىنچىلىكىگە ئىگە بولىدۇ.

«ئىنوسمى رۇ» تور گېزىتىنىڭ 13 - ئىيۇندىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان «خىتاي - رۇسىيە دۈشمىنى» ناملىق ماقالىدە بولسا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دائىرىسىدىكى قارىمۇ - قارشىلىقنىڭ كېلەچەكتە، بىرىنچىدىن، خىتاي ۋە رۇسىيە تەرىپىدىن، ئىككىنچىدىن، ئا ق ش تەرىپىدىن بولۇش ئېھتىماللىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولۇپ، ئا ق ش نىڭ ئەمدى «ئەل - قائىىدە» تەشكىلاتىدىن ئەمەس، بەلكى بۇنىڭدىنمۇ كۈچلىگرەك يەنە بىر تەشكىلاتتىن، يەنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىن ساقلىنىش ھاجەتلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ماقالە ئاپتورى رۇسىيە ۋە خىتاي ئىتتىپاقىنىڭ پەقەت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىخەتەرلىك كېڭىشىدە، مەسىلەن، سۈرىيە ۋە ئىران مەسىلىسىدىلا ئەمەس، بەلكى شۇنداقلا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دائىرىسىدىمۇ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، لېكىن ئۇلارنىڭ بۇ تەشكىلاتلاردا مەنپەئەتلىرىنىڭ ئوخشاش بولغانلىقى سەۋەبىدىنلا ئىتتىپاققا كەلگەنلىكىنى، ئەمەلىيەتتە بولسا ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى قارىمۇ - قارشىلىق يوقىمىغانلىقتىن ساغلام ئىتتىپاقىنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

مەزكۇر ماقالىدە شۇنداقلا 2008 - يىلى رۇسىيە ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى چېگرىنى بەلگىلەش توغرىلىق شەرتنامىنىڭ 19 - ئەسىردە ئىمزالانغان ھۆججەتلەرگە ماس كەلمەيدىغانلىقى، خىتاينىڭ پىكرىچە، ھۆججەتلەرگە قول قويۇش پەيتىدە رۇسىيىگە قارىغاندا خىتاينىڭ چوڭ شەرتلەرگە يول قويغانلىقى ھەققىدە ئېيتىلغان. بۇنىڭدىن تاشقىرى رۇسىيە گازىنى خىتايغا يەتكۈزۈش ۋە ئىككى تەرەپلىمىلىك ھەربىي ھەمكارلىق مەسىلىلىرى بويىچىمۇ كېلىشىملەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىگە قارىماي ئىختىلاپلارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. رۇسىيە ۋە خىتاينى پەقەت ئا ق ش قا قارشى تۇرۇش مەۋقەسىلا بىرىكتۈرۈپ، ئامما بۇنىڭمۇ ۋاقىتلىق ئامىل ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

ماقالىدە بۇ ئۈچ مەملىكەت ئارا قارىمۇ - قارشىلىقنىڭ كېلەچەكتە بولۇپمۇ ئېنېرگىيە مەنبەلىرىگە ئىگە بولۇش ۋە ھەربىي قۇدرەتنى مۇستەھكەملەش مەسىلىلىرىدە تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقى پەرەز قىلىنغان.