شۇڭا ماناس يېقىندا چاقىرىلغان شاڭخەي گۇرۇھىدىكى دۆلەتلەر باشلىقلار يىغىنىنىڭ كۈنتەرتىپىدىكى مەسىلىلەردىن بىرى بولۇپ قالغان.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باشلىقلار يىغىنى بۇ ئاينىڭ 16 - كۈنى رۇسىيىنىڭ يىكاتېنبۇرگ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. يىغىندا مۇزاكىرە قىلىنغان نىگىزلىك تېمىلار يەر شارى پۇل - مۇئامىلە كرىزىسى ۋە بىخەتەرلىككە ئائىت مەسىلىلەرنى ئاساس قىلغان بولۇپ، قىرغىزىستان زېمىنىدىكى ماناس ھاۋا ئارمىيە بازىسىنىڭ ئورنى مەسىلىسى يىغىندا ئەڭ مۇنازىرە قوزغىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.
ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئافغانىستاندىكى ھەربىي ھەرىكىتىنى لاۋازىمەت بىلەن تەمىنلەۋاتقان بۇ بازا خىتاينى ئەڭ بىئارام قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىدى. ئۇيغۇر دىيارىغا 450 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بۇ بازا ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا ئەڭ يېقىن ھەربىي بازىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
لېكىن ئاخىرقى كۈنلەردە خىتاينىڭ بىخەتەرلىك ئەندىشىسى قىرغىزلارنىڭ ئامېرىكا بىلەن مەزكۇر بازىنىڭ ئىجارە ۋاقتىنى ئۇزارتىش توختىمى ئىمزالىشىغا توسالغۇ بولالمىدى. شاڭخەي گۇرۇھىدىكى دۆلەتلەر باشلىقلار يىغىنى ئېچىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئامېرىكا بىلەن قىرغىزىستان ئامېرىكىنىڭ ماناس بازىسىنى ئۈزلۈكسىز ئىشلىتىدىغانلىقىنى، تەرەپلەرنىڭ بۇ مەسىلىدە كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.
قىرغىزىستان پرېزىدېنتى باقىيېف بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا مەزكۇر بازىنى تاقايدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، بۇ ھەقتىكى بىر قارارنامىنى قىرغىزىستان پارلامېنتىغا سۇنغان. قىرغىزىستان پارلامېنتى بولسا باقىيېفنىڭ قارارىنى تەستىقلاپ، ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ بازىنى بىكار قىلىشىغا 6 ئاي ۋاقىت بەرگەن.
نۇرغۇن كىشىلەر قىرغىزلارنىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ ئارقىسىدا خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ بارلىقىنى، ئۆزبېكىستاننىڭ 2005 - يىلى خانئاباد ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىكى ئامېرىكا قىسىملىرىنى چىقىپ كېتىشكە مەجبۇرلاش ۋەقەسىدە رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ رولى بار، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. رۇسىيە بۇ يىل 2 - ئايدا قىرغىزىستانغا 2 مىليارد دوللار قەرز بېرىشكە ۋەدە بەرگەن. خىتاي بۇ قېتىمقى يىغىندا شاڭخەي گۇرۇھىدىكى دۆلەتلەرنى 10 مىليارد دوللار كرىدىت بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ پۇل - مۇئامىلە بازىرىنى تەرتىپكە سېلىشىغا ياردەمدە بولىدىغانلىقىنى، لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىخەتەرلىك ۋە "تېررورلۇق"قا قارشى ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
تۈركىيە ھاجەتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، تارىخ پەنلىرى ۋە خىتاي مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى ئەركىن ئەكرەم ئامېرىكا بىلەن قىرغىزىستان ئارىسىدىكى بازا كېلىشىمى خىتاينى ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغان بىر ۋەقە، دەپ كۆرسەتتى. ئامېرىكا بىلەن قىرغىزىستاننىڭ ماناس ھەققىدىكى يېڭى كېلىشىمىدە رۇسىيىنىڭ ئوينىغان رولى مەلۇم ئەمەس. لېكىن "نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى" نىڭ چارشەنبە كۈنكى بىر خەۋىرىدە، كېلىشىمنىڭ پرېزىدېنت ئوباما كېلەر ئاي موسكۋانى زىيارەت قىلىپ، رۇسىيە پرېزىدېنتى دمىترى مىدۋېدىۋ بىلەن ئۇچرىشىشنىڭ ھارپىسىدا ئىمزالانغانلىقىنى، ئامېرىكا - رۇسىيە رەھبەرلىرىنىڭ كېلەر ئايدىكى ئۇچرىشىشىدا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى قادىربېك ساربايېف سەيشەنبە كۈنى قىرغىسىتان پارلامېنتىدىكى سۆزىدە ئامېرىكا ماناس بازىسىنىڭ ئىجارە ھەققىنى ئۆستۈرۈپ، يىلدا 60 مىليون دوللار تۆلەشكە قوشۇلغانلىقىنى، بازىنىڭ ھەربىي بازا ئەمەس، بەلكى ھاۋا قاتناش ئۆتكىلى بولىدىغانلىقىنى، بىخەتەرلىك ئىشلىرىنى قىرغىزىستان باشقۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە، ئامېرىكىنىڭ ماناس ئايرودروم قۇرۇلۇشىغا 36 مىليون دوللار چىقىرىدىغانلىقىنى، قىرغىزىستاننىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىشكە قوشۇلغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئىئان كەللىي بولسا ۋاشىنگتوندىكى كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئامېرىكا - قىرغىزىستان ئارىسىدىكى كېلىشىمنىڭ تەپسىلاتى ئۈستىدە توختىلىشنى رەت قىلدى. لېكىن ئۇ مەزكۇر بازىنىڭ رولىنى چۈشەندۈرۈپ، "بۇ كېلىشىم ماناس ئايرودرومىدا ئامېرىكىنى مەشغۇلاتىدىكى ئۆتكۈنچى بېكەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ ئۆتكۆنچى بېكەت ئافغانىستاندىكى ئىتتىپاقداش كۈچلەرنى ئارقا سەپ ياردىمى بىلەن تەمىنلەيدۇ. بىز قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلقئارادا رول ئويناش تىرىشچانلىقىنى قارشى ئالىمىز. بىز يەنە ئۇلارنىڭ رايوندا ئويناۋاتقان بۇ زور رولىنى قارشى ئالىمىز" دەيدۇ.
ئامېرىكا قىرغىزىستان ئارىسىدىكى مەزكۇر كېلىشىمنى قىرغىزىستان پارلامېنتى تەستىقلىشى كېرەك. ئىئان كەللىي قىرغىز جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەزكۇر كېلىشىمنى قاچان قىرغىز پارلامېنتىغا يوللايدىغانلىقىنى بىلمەيدىغانلىقىنى، لېكىن ھۆكۈمەتنىڭ كېلىشىمنى تېزرەك پارلامېنتنىڭ تەستىقلىشىغا يوللىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
شاڭخەي گۇرۇھىدىكى دۆلەتلەرنىڭ يىكاتېرىنبۇرگدىكى باشلىقلار يىغىنىغا يەنە، موڭغۇلىيە رەھبىرى، ھىندىستان باش مىنىستىرى مانمۇخان سىڭ، ئىران پرېزىدېنتى ئەخمەدىنېجاد، پاكىستان پرېزىدېنتى زەردارى، ئافغانىستان پرېزىدېنتى ھامىد كارزايلار قاتناشقان. يىغىندا كارزاي قىرغىزىستاننى ماناس ھەربىي بازىسىنى تاقاش قارارىنى تەكرار ئويلىشىپ كۆرۈشكە چاقىرىپ، مەزكۇر بازىنىڭ ئافغانىستاندا مۇقىملىقنى ئورنىتىش ئىشلىرىدىكى مۇھىم رولىنى تەكىتلىگەن ئىدى.
ئامېرىكا - قىرغىزىستان ئارىسىدىكى يېڭى كېلىشىمدە كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان يەنە بىر مەسىلە رۇسىيىنىڭ ئىنكاسىدۇر. رۇسىيە بولسا قىرغىزىستاننىڭ باشقىلار بىلەن كېلىشىم تۈزۈش "ھوقۇقى" بارلىقىنى تەكىتلىگەن. رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېتىدىكى باياناتتا " ئەگەر مەسىلە ش ئا ئو ئە ت ترانسپورت ئايرۇپىلانلىرىنىڭ ئافغانىستاندىكى تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەتنى غەيرى ھەربىي لاۋازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەش مەسىلىسى بولسا بۇنىڭغا رۇسىيە ۋە قىرغىزىستاننىڭ قوشلىرىنىڭ پىكىرى يوقلۇقى"نى ئىلگىرى سۈرگەن. ھاجەتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى دوكتور ئەركىن ئەكرەم تالىبانغا قارشى ئۇرۇش رۇسىيىنىڭ رايوندىكى مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
قىرغىزىستان پرېزىدېنتى باقىيېف يىكاتېرىنبۇرگدىكى يىغىندا ۋە يىغىننىڭ ھارپىسىدىكى ئۇچرىشىشلاردا ئافغانىستاندىكى توقۇنۇش ئېغىرلاشسا،مۇساپىرلارنىڭ رايوندىكى دۆلەتلەرگە قاراپ ئاقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ بۇ ھەقتىكى بىر باياناتىدا "ئەگەر ئافغانىستاندىكى تالىبانلارغا قارشى توقۇنۇش ئىلگىرىلىگەن ھالدا چوڭقۇرلاشسا، پۇقرالار قايسى تەرەپكە قاراپ قاچىدۇ ؟ ئاللاھغا ئامانەت، پۇقرالار تاجىكىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلارغا قاراپ قاچىدۇ" دېگەن ئىدى.
باقىيېۋف يىكاتېرنبىرگدىكى يىغىن جەريانىدا ئافغانىستان پرېزىدېنتى كارزاي بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن ئىدى. يىغىندا يەنە رۇسىيە پرېزىدېنتى مىدۋېدىۋ كارزاي ۋە پاكىستان پرېزىدېنتى زەردارى بىلەن ئۇچراشقان. كرىمىل سارىيىدىكى ئەمەلدارلار بولسا، پرېزىدېنت مىدۋېدىۋ ئامېرىكا ۋە ش ئا ئو ئە ت نىڭ ئافغانىستانغا ئۇلىشىدىغان قاتناش لىنىيىسى ئۈستىدە سۆزلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.