شاڭخەي گۇرۇھىدىكى باش مىنىستىرلار دۈشەنبىدە جەم بولدى

25- نويابىر كۈنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا ئالتە دۆلەتنىڭ باش مىنىستىرلىرىنىڭ 9-قېتىملىق يىغىنى تاجىكىستان پايتەختى دۈشەنبىدە ئۆتكۈزۈلدى .

0:00 / 0:00


يىغىن باشلىنىشتىن ئىلگىرى خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ رۇسىيە زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ بولۇپ ، 24- نويابىر كۈنى تاجىكىستانغا قاراتقان رەسمىي زىيارىتىنى باشلىغان . ئۇ، 25- نويابىر كۈنى تاجىكىستان پرېزىدېنتى ئېمام ئەلى راخمان بىلەن كۆرۈشكەن.

تاجىكىستاننىڭ خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تاجىكىستان پرېزىدېنتى ئېمام ئەلى راخمان بىلەن ۋېن جياباۋنىڭ ئارىسىدا بولغان سۆھبەت جەريانىدا ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە باشقا ھەمكارلىقلىرى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇلۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلىتىشنىڭ ھەر ئىككىلا دۆلەت ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ سۈرەتلىك خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ۋېن جياباۋنىڭ تاجىكىستانغا ئېلىپ بارغان رەسمىي زىيارەت ئۆمىكى تەركىبىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى نۇر بەكرىمۇ بار بولۇپ، ئىككى تەرەپ سۆھبىتى جەريانىدا ۋېن جياباۋ " جۇڭگو شىنجاڭ ئاپتونوم رايونى بىلەن تاجىكىستاننىڭ ھەمكارلىق كېلىشىملىرىنى ئومۇمىي يۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو-تاجىكىستان مۇناسىۋەتلىرىنىنى داۋاملىق چوڭقۇرلىتىش كېرەك " دەپ تەكىتلىگەن . شىنخۇانىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ "شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى "دېگەن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن رەسمىيلەشتۈرۈلگەن مەمۇرىي رايون نامىدىكى "ئۇيغۇر" ئاتالغۇسىنى ئىشلەتمەي، بۇ جاينى "شىنجاڭ ئاپتونوم رايونى دەپ ئاتىغان". ۋېن جياباۋ بۇ يەردە "شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى" دىكى ئۇيغۇر ئاتالغۇسىنى ئۇنتۇپ قالدىمۇ ۋە ياكى مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ بەلگىلىمىسى ھەم ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە شۇنداق قىلدىمۇ ھازىرچە نامەلۇم.

ۋېن جيباۋ ئېمان ئەلى راخمان بىلەن بولغان سۆھبەت جەريانىدا تاجىكىستان بىلەن بىرلىشىپ، " ' ئۈچ خى كۈچ' لەرگە تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا زەربە بېرىپ، رايوننىڭ مۇقىملىقىنى قوغداپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدىغانلىقى"نى ئىزھار قىلغان. ئېمام ئەلى راخمانمۇ تاجىكىستاننىڭ " ئۈچ خىل كۈچكە تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئورتاق زەربە بېرىشنى خالايدىغانلىقى"نى تەكىتلىگەن.

ۋېن جياباۋ يەنە تاجىكىستان باش مىنىستىرى ئاقىل ئاقىلوف بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىش ۋە سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئاخىرىدا ئىككى دۆلەت ھۆكۈمىتىنىڭ بىرلەشمە باياناتىنى ئىمزالىغان. 12 ماددىدىن تەركىپ تاپقان مەزكۇر باياناتتا خىتاينىڭ تاجىكىستان بىلەن بولغان سىياسىي ، سودا-ئىقتىساد، سانائەت، پەن-تېخنىكا، مائارىپ ۋە باشقا ھەر ساھەلەرگە ئائىت شۇنىڭدەك رايون خاراكتېرلىق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەرگە ئائىت ئورتاق مەيدانى ئىپادىلەنگەن .

مەزكۇر بىرلەشمە باياناتتا يەنە خىتاي بىلەن تاجىكىستاننىڭ بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى ھەمكارلىقى، بولۇپمۇ 'ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى ئورتاق كۈرەش قىلىش مەيدانى مەخسۇس بىر ماددا بويىچە ئىپادىلەنگەن بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان ھەرىكىتىگە ئورتاق زەربە بېرىش ئېنىق تەكىتلىنىپ، " شەرقىي تۇركىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق تېررورچىلىق شەكىللىرىگە ئورتاق زەربە بېرىپ، ئىككى دۆلەت ۋە رايوننىڭ تىنچلىقى ھەم ئەمىنلىكىنى قوغداش لازىم" دەپ كۆرسىتىلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، تاجىكىستان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھوقۇقلىرىنى نىشان قىلغان ھەرىكەتلىرىگە ئورتاق زەربە بېرىش تەشەببۇسىنى قوبۇل قىلىپ، بۇنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرىنىڭ بىرىدۇر.
25- نويابىر كۈنى دۈشەنبە شەھىرىدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باش مىنىستىرلىرىنىڭ 9-قېتىملىق قەرەللىك يىغىنى بولۇپ ئۆتكەن. تاجىكىستاننىڭ ساھىبخانلىقىدىكى مەزكۇر يىغىنغا رۇسىيە باش مىنىستىرى ۋلادىمىر پۇتىن، خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ، قازاقىستان باش مىنىستىرى كەرىم مەسۈموۋ، تاجىكىستان باش مىنىستىرى ئاقىل ئاقىلوف ھەم قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستان باش مىنىستىرلىرى ئىشتىراك قىلغان. شۇنىڭدەك يەنە كۆزەتكۈچى دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتناشقان.

رۇسىيىنىڭ "ماياك رادىئوسى"نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دۈشەنبە يىغىننىڭ ئاساسلىق تېمىسى شاڭخەي گۇرۇھىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىغا قارىتىلغان، شۇنىڭدەك بۇ يىل 6-ئايدا بۇ تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرىنىڭ تاشكەنتتە ئېچىلغان يىغىنىنىڭ قارارىنى ئەمەلىيلەشتۇرۇش تەشەببۇس قىلىنغان. رۇسىيە باش مىنىستىرى پۇتىن بولسا، شاڭخەي گۇرۇھىنىڭ ئورتاق قاتناش، توشۇش يولى بولۇشى كېرەكلىكىنى ، شۇنىڭ ئۈچۈن شاڭخەي گۇرۇھىنىڭ "ئورتاق يول خەرىتىسى"گە ئىگە بولۇشى لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. پۇتىننىڭ سۆزى بۇ قېتىملىق يىغىندىكى ئەڭ ئۆزگىچە پىكىر بولۇپ ھېسابلانغان.