بۇ كۈنى قازاقىستان، رۇسىيە، تاجىكىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان پرېزىدېنتلىرى بېيجىڭدا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئىككى تەرەپلىمىلىك مۇزاكىرىلەرنى ئېلىپ بارغان. مەلۇمكى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغاندىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرى بولۇپمۇ، ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە چېگرا، ئىقتىساد، ئېنېرگىيە ۋە سىياسىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ئىنتىلىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ قېتىمدا ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى تولۇق كەلگەن.
سابىق سوۋېت ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ئىچىدىن ئۆزىنىڭ بۇ رايوندىكى تەسىر دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى ھەم خەلقئارا مىقياستىكى ئورنى بىلەن پەرقلىنىپ تۇرغان قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف «ئوتتۇرا ئاسىيا يېڭىلىقلىرى» ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 6-ئىيۇن كۈنى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئۇچراشقان.
مۇزاكىرە داۋامىدا بىر قاتار مەسىلىلەر، شۇ جۈملىدىن ئىككى تەرەپلىمىلىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئىشتىك سۈرەتتە راۋاجلىنىۋاتقانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. خىتاي ۋەكىلى قازاقىستاننىڭ مەركىزىي ئاسىيا رايونىنىڭ لىدىرى دەرىجىسىگە يەتكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ، ئىككى مەملىكەتنىڭ ئېنېرگىيە ۋە يېزا ئىگىلىكى ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىقىغا كۆپرەك دىققەت ئاغدۇرغان.
قازاقىستان پرېزىدېنتى بولسا ئۆز نۆۋىتىدە ترانسپورت، چېگرا ھەمكارلىقىغا ئەھمىيەت بەرگەن. مۇزاكىرە داۋامىدا ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنى يەنىمۇ ئاكتىپلاشتۇرۇش، شۇنداقلا مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ساھەلىرىدىمۇ ئالاقىلىرىنى مۇستەھكەملەش ھەققىدە كېلىشىلدى.
قازاقىستان رەھبىرى شۇنداقلا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەنمۇ كۆرۈشكەن. «قازاقاخبارات» ئاگېنتلىقى مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ئۇلار قازاقىستان ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق توغرىسىدىكى ھۆججەتكە قول قويغان. بۇنىڭدىن تاشقىرى ئىككى مەملىكەت ھۆكۈمەتلىرى دۆلەت چېگراسىدىن ئۆتۈش پونكىتلىرى ھەققىدە كېلىشىم تۈزگەن.
ئەمدى قىرغىزىستاننىڭ «كابار» ئاگېنتلىقى مەملىكەت پرېزىدېنتى ئالماسبېك ئاتامبايېفنىڭ خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن بولغان ئۇچرىشىشى داۋامىدا ئافغانىستاندىكى ۋەزىيەتكە، شۇنداقلا يېقىن شەرق، شىمالىي ئافرىقا ۋە ئىران ئەتراپىدىكى ئەھۋاللارغا دىققەت قىلغانلىقىنى، بۇ مەسىلىلەرنىڭ تىنچلىق يولى بىلەن ھەل قىلىنىشى زۆرۈرىيىتىگە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان.
بۇنىڭدىن تاشقىرى ئۇ زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكىگە قارشى كۈرەشتە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى، خىتاي ۋە قازاقىستاننىڭ ئېنېرگىيە ھەم بىخەتەرلىك ئوزۇق-تۈلۈك ساھەلىرىدىكى تەكلىپلىرىنى، شۇنداقلا تۈركىيە ۋە ئافغانىستاننىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ كىرىش نىيىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاينىڭ «چاينا دېيلى» ئاگېنتلىقى ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموفنىڭ خىتاي رەھبىرى خۇ جىنتاۋ بىلەن بولغان ئۇچرىشىشى داۋامىدا بەش ھۆججەتكە، شۇ جۈملىدىن ئىككى مەملىكەت ئوتتۇرىسىدا ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىقنى ئورنىتىش توغرىلىق بىرلەشكەن ھۆججەتكە، ئىقتىساد ۋە تېخنولوگىيە ساھەلىرى بويىچە ھۆججەتكە، بىرلەشكەن سانائەت باغچىسى، ئۆسۈملۈكلەر كارانتىنى ۋە مال تېبابەتچىلىكى ھەققىدىكى ھۆججەتلەرگە قول قويغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.
«رۇس تىلى» تور بېتى تاجىكىستان ۋە خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ بېيجىڭدىكى ئۇچرىشىشى ھەققىدە خەۋەر قىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي رەھبىرى خۇ جىنتاۋ ئىككى مەملىكەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش بويىچە تۆت تەكلىپىنى، يەنى ئىككى تەرەپنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئالاقىلىرىنى يەنىمۇ ساقلاپ قېلىش ھەم بۇ ئالاقىلەر يۆنىلىشلىرىنى ئۆز ۋاقتىدا نازارەت قىلىش، خەلقئارىلىق ۋە رايون خاراكتېرىدىكى «ئۈچ خىل خەۋپكە» بىرلەشكەن ھالدا قارشى تۇرۇش، ئېنېرگىيە، يېزا ساھەسى، شۇنداقلا بىخەتەرلىك ۋە ئىجتىمائىي ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. تاجىكىستان پرېزىدېنتى ئىمومالى راخمونوف بۇنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەپ، قوشۇمچە تۈردە رايوندىكى تىنچلىقنى ساقلاش مەقسىتىدە زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى ۋە باشقىمۇ جىنايەت تۈرلىرىگە قارشى تۇرۇش تەكلىپىنى بەرگەن.
6-ئىيۇننىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا ئۆتكەن تەشكىلاتنىڭ 12-مەجلىسىدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى پائالىيىتىنى ياخشىلاش ھەم قويۇلغان ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداش بويىچە بىر قاتار مەسىلىلەر قارالغان.