شاڭخەي گۇرۇھىدىن كۆزلەنگەن مەقسەتلەر ھەر خىل
2012.12.17

ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر تەشكىلاتتىكى دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ كۆزلىگەن مەقسەتلىرى مەۋجۇت. رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا تەسىر كۈچىنى تالىشىش ئىختىلاپلىرى كۈچەيمەكتە.
رۇسىيە ئۇچۇر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىنغا قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى ساھىبخانىلىق قىلغان بولۇپ، يىغىن رىياسەتچىلىكىنى قىرغىزىستان باش مىنىستىرى جانتۆرە ساتىبالدىيېف ئاتقۇردى. 5-دېكابىر پەقەت بىر كۈن ئېچىلغان مەزكۇر يىغىندا ئالدى بىلەن قازاقىستان باش مىنىستىرى سېرك ئەخمەتوف سۆز قىلغاندىن كېيىن، خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقلىرىنى كېڭەيتىشى، يەرلىك بانكىلار ئارىسىدىكى ھەمكارلىقلارنى كېڭەيتىش شۇنىڭدەك تەرەققىيات بانكىسى قۇرۇش قاتارلىق تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويدى.
پەرغانە ئۇچۇر تورىنىڭ يېزىشىچە، يىغىندا ھەر قايسى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باش مىنىستىرلىرى ئۆزلىرى دىققەت قىلغان ۋە ياكى ئۆز دۆلەتلىرى ئېھتىياج ھېس قىلغان نۇقتىدىن پىكىر بايان قىلغان بولۇپ، رۇسىيە باش مىنىستىرى دمىترىي مېدۋېدېۋ خىتاي باش مىنىستىرى بىلەن ئوخشىمايدىغان نۇقتىدىن چىقىش قىلىپ، پىكىر بايان قىلغان. ئۇ، سۆز نۇقتىسىنى رايوندىكى خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرىگە قارىتىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغان چاغدا ئۆز ئالدىغا قويغان خەۋپسىزلىكنى قوغداشقا قارىتىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
ئۇ، «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى جىددىي بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە ھەمدە بۇ مەسىلە بويىچە ھەمكارلىشىشنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىغا دۇچ كەلمەكتە» دەپ تەكىتلىگەن.
مېدۋېدېۋ سۆزىدە ئافغانىستان مەسىلىسىنى ئەسكەرتكەن بولسا، تاجىكىستان باش مىنىستىرى ئاقىل ئاقىلوف شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ قاتناش ئالاقىلىرى ساھەسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، خەلقئارالىق ئاپتوموبىل ۋە تۆمۈر يول قاتنىشى ھەققىدىكى كېلىشىمگە تېزرەك قول قويۇشنى تەشەببۇس قىلدى.
تۈركىيىدىكى ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتىنىڭ خادىمى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ھازىر رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مەنپەئەت تالىشىشى كۈچىيىۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ ئىقتىسادنى باھانە قىلىپ، رايونغا سىڭىپ كىرىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى، ئەمما رۇسىيىنىڭ بولسا بىخەتەرلىك مەسىلىسىدىن پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى.
ئۇ، خىتاي مەركىزىي-ئاسىيا-ئافغانىستان ۋە ئىران تۆمۈر يول لىنىيىسى پىلانىنى تېز ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. ئەمما، ئۆزبېكىستان تەرەپ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى يىغىنغا ئەۋەتكەن بولۇپ، مۇئاۋىن باش مىنىستىر رۇستەم ئەزىموف ئۆز مەملىكىتىنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى ساناش ھەمدە چوڭ ۋە كىچىك كۆلەمدىكى تىجارەت ساھەلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن چەكلەنگەن. بىراق، رۇستەم ئەزىموفنىڭ سۇ مەسىلىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا خەلقئارالىق ئۆلچەملەرگە رىئايە قىلىشقا ئائىت پىكىرلىرى دىققەتكە ئېرىشكەن بولۇپ، مۇلاھىزىچىلەر ئۇنىڭ سۆزىنىڭ رۇسىيە تەرەپكە قارىتىلغانلىقى، چۈنكى رۇسىيىنىڭ قىرغىزىستان سۇ مەنبەلىرىنى قامال قىلىش ئۈچۈن 2 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىپ، سىر دەرياسىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىدا سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇشقا كىرىشكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا. رۇسىيىنىڭ سۇ مەنبەسىنى قامال قىلىشى ئۆزبېكىستان ۋە قازاقىستان ئۈچۈن زور جىددىيلىك پەيدا قىلغان.
قىرغىزىستان باش مىنىستىرى بولسا قىرغىزىستان-ئۆزبېكىستان-خىتاي تۆمۈر يولىنى قۇرۇشنىڭ زور ئەھمىيىتىنى تەكىتلەپ، دۆلەتلەرنى بۇ ساھەگە مەبلەغ سېلىشقا چاقىردى. بىراق، 15 يىللاردىن بۇيان مەزكۇر قۇرۇلۇش ئىشقا ئاشمىغان بولۇپ، ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، رۇسىيىنىڭ رازىلىقىسىز بۇ ئىش ئەمەلگە ئاشماسلىقى مۇمكىن ھەم خىتاي بىلەن رۇسىيە ئارىسىدا بۇ ھەقتە پۈتۈشۈم ھاسىل قىلىنىشى كېرەك.
يىغىن خۇلاسىسى سۈپىتىدە ئەزا دۆلەتلەر باش مىنىستىرلىرى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 2013-يىللىق خامچوتىنى ئىمزالىدى ھەمدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بىرلەشمە تەرەققىيات فوندى بىلەن تەرەققىيات بانكىسىنى قۇرۇش ھەققىدىكى قارارغا ئىمزا قويدى.
رۇسىيىنىڭ «ۋىزگىلاد.رۇ» تورىنىڭ يېزىشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىن جەريانىدا خىتاي تەرەپ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى دۆلەتلەرغە 10 مىليارد دوللار كرىدىت (قەرز) بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان شۇنىڭدەك خىتاي پەرغانە ۋادىسىدىكى ئوش-باتكەنت-ئىسفارا تاش يولىنى قۇرۇشقا 136 مىليون دوللار مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
رۇسىيە ئۇچۇر ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رۇسىيە تەرەپ قىرغىزىستانغا 25 مىليون دوللار ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش مىنىستىرلار يىغىنىنىڭ ئەسلى كۆزلىگەن مەقسەتكە يېتەلمىگەنلىكى ھەققىدىكى ئانالىزلارمۇ مەيدانغا چىقتى. بولۇپمۇ، رۇسىيە بۇ يىغىنغا ئانچە ئېتىبار بەرمىگەن. ئۇنىڭ ئەكسىچە، رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن يىغىن ئېچىلىشتىن بۇرۇن تۈركىيىنى زىيارەت قىلىپ، رۇسىيىنىڭ شاڭخەي گۇرۇھىدىكى دۆلەتلەرگە ئەمەس بەلكى تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە يۇقىرى دەرىجىدە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى نامايان قىلغان.
ئامېرىكا ئاۋازىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى ئىنكاستا بايان قىلىنىشىچە، رۇسىيە ئانالىزچىلىرى بۇ قېتىمقى يىغىننى نەتىجىسىز چىقتى دەپ خۇلاسە چىقارغان.
رۇسىيىلىك ئوتتۇرا ئاسىيا مۇتەخەسسىسى ۋلاسوۋ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى دۆلەتلەر ئارىسىدا ئۇزارا ئىشەنچىنىڭ كەملىكى، رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ئارىسىدىكى ئىشەنچىنىڭ كەملىكى شۇنىڭدەك ئۇلار ئارىسىدا ئوزارا گۇمان قىلىش ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانى تالىشىش ئىختىلاپى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.