شاڭخەي مىڭتيەن سارىيىنىڭ بىخەتەرلىك بەلگىلىمىسىدىكى "ئىرقىي ئامىللار" تەنقىدكە ئۇچۇرىدى

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئولىمپىك يىغىنى ئۇيغۇر ۋە تىبەت مۇستەقىلچىلىرىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچراۋاتقانلىقىغا دائىر بايانى ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنى نىشان قىلغان رادىكال تەدبىرلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا سەۋەب بولماقتا. يېقىندا شاڭخەيدىكى مىڭتيەن سارىيى بەلگىلىمە چىقىرىپ، ئۇيغۇر، تىبەت ۋە چىڭخەيلىك تۇڭگانلارنى سارايغا كىرگۈزمەسلىكنى تەكىتلىگەن.

0:00 / 0:00

بۇ بەلگىلىمە خىتاينىڭ مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا غۇلا - غۇلا قوزغىماقتا. بەزىلەر بۇ بەلگىلىمە "ئىرقىي كەمسىتىش " تۈسىگە ئىگە، دەپ تەنقىدلەندى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز ئەركىن مەلۇمات بېرىدۇ.

يېقىندا شاڭخەيدىكى دائىرىلەر ئۇيغۇر، تىبەت ۋە چىڭخەيلىك تۇڭگانلارنىڭ شاڭخەيدىكى ئەڭ ئىگىز بىنالارنىڭ بىرى بولغان مىڭتيەن سارىيىغا كىرىشىنى چەكلەيدىغان بىر بەلگىلىمە چىقىرىپ، بەلگىلىمىدە يۇقىرىقى مىللەتلەرنى مىڭتيەن سارىيىغا كىرگۈزمەسلىك، بۇ قىياپەتتىكى ئىنسانلار سارايغا يېقىنلاشسا بىخەتەرلىك خادىملىرىغا خەۋەر قىلىش، بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ ئۇلارنى سارايدىن يىراقلاشتۇرۇشى تەلەپ قىلىنغان ئىدى. 10‏ - ئاينىڭ 31‏ - كۈنىگە قەدەر يولغا قويۇلىدىغان مەزكۇر بەلگىلىمە يېقىندا بۇ ساراينى زىيارەت قىلغان بىر يولۇچىنىڭ دىققىتىنى تارتقان بولۇپ، ئۇ مەزكۇر بەلگىلىمىنى "شاڭخەيلىكلەر" دېگەن نامدىكى بىر تور بېكىتىدە ئېلان قىلىدۇ. بەلگىلىمىنىڭ ئەڭ سەزگۈر بۆلۈمى ئۇنىڭ 10 ‏ - ماددىسى بولۇپ، بۇ ماددىدا ئۇيغۇر، تىبەت ۋە چىڭخەيلىك تۇڭگانلارنى بىناغا كىرگۈزمەسلىك تەكىتلەنگەن. مەزكۇر ماددىدا مۇنداق دېيىلگەن ":سىياقىدىن تىبەتلىك، شىنجاڭلىق ئۇيغۇر ياكى چىڭخەي خۇئالوڭلۇق تۇڭگان ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان كىشىلەر بىناغا كىرسە، دەرھال بىخەتەرلىك بۆلۈمىگە خەۋەر قىلىنىشى كېرەك. بىخەتەرلىك خادىملىرى بۇ كىشىلەرنى دەرھال بىنادىن يىراقلاشتۇرۇش، ئۇلار بىنادىن يىراقلاشقانغا قەدەر كۈزىتىپ تۇرۇشى لازىم."

بەلگىلىمىدە يەنە 3 ‏ - ئاينىڭ 14 - كۈنى لخاسادا يۈز بەرگەن ئىسيان، 5 ‏ - ئاينىڭ 5 ‏ - كۈنى شاڭخەيدە يۈز بەرگەن ئاپتوبۇس پارتلاش، 1 ‏ - ئىيۇلدىكى ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى شۇنداقلا بىر قىسىم جايلارغا "ئەكسىلئىنقىلابىي" لوزۇنكىلارنىڭ چاپلانغانلىقى، شۇنىڭ ئۈچۈن مىڭتيەن سارىيىنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. مىڭتيەن سارىيىنىڭ ۋەنخاۋ مېھمانخانىسىدىكى خادىملار " ئەگەر سىز سەزگۈر كىشىلەر كاتوگورىيىسىدىكى ئۇنسۇر بولماي، كىملىكىڭىز بىلەن كەلسىڭىز ئۇيغۇرلارغا ياتاقخانا بېرىلىدىغانلىقى"نى بىلدۈرمەكتە. مېھمانخانىنىڭ كۈتىۋېلىش مۇلازىمىتىدىكى بىر خادىم بۇ سۆزلەرنى مۇخبىرىمىز مېھمانخانىغا تېلېفون قىلىپ، مىڭتيەن سارىيىنىڭ ئۇيغۇرلارنى كىرگۈزمەسلىك توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى ياتاقخانا زاكاس قىلغۇچى ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ياكى ئالمايدىغانلىقىنى سورىغاندا تەكىتلىگەن.

خېرىدار قىياپىتىدىكى مۇخبىرىمىزغا "مېھمانخانىمىزدا بوش ياتاقلار بار، ئەگەر خالىسىڭىز ھازىرلا تىزىملاپ قوياي " دەپ تەكىتلىگەن مېھمانخانا خادىمى قارشىسىدىكى خېرىدارنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى بايقاپ،" سىز ئۇيغۇر ئوخشىمامسىز ؟ بىر ئاز تەخىر قىلىپ تۇرۇڭ، مەن سوراپ بېقىشىم كېرەك " دەپ خىتاب قىلدى. كۈتكۈچى ئۇزۇن ئۆتمەي مۇخبىرىمىزغا سەزگۈر كاتوگورىيىدىكى كىشىلەر بولماي، كىملىكى بىلەن كەلگەن ئۇيغۇرلارغا ياتاقخانا بېرىلىدىغانلىقى، لېكىن مېھمانخانىدا ياتقان يولۇچىلارنىڭ سالاھىيىتى شاڭخەي شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىغا مەلۇم قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە" بۇ بەلكى بىزنىڭ بەزى تۇڭگانلار بولسۇن ياكى ئۇيغۇرلار بولسۇن ئومۇمەن شىنجاڭلىقلاردىن بىر ئاز جىددىيلىشىدىغانلىقىمىزدىن بولسا كېرەك. چۈنكى ھازىر ئولىمپىك مەزگىلى،" دەيدۇ.

مىڭتيەن سارىيىنىڭ بىخەتەرلىك بەلگىلىمىسىدە ئۇيغۇر، تىبەت ۋە بىر قىسىم تۇڭگانلارنى سارايغا كىرگۈزمەسلىكنىڭ سەۋەبلىرىنى چۈشەندۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا " نۆۋەتتىكى خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە ئىچكى ۋەزىيەت ناھايىتى جىددىي. جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر ئەسەبىيلىشىۋاتىدۇ. تىبەت ۋە ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرى مەقسىتىگە زورلۇق كۈچ بىلەن يېتىدىغانلىقىنى جار سالماقتا" دەپ تەكىتلەنگەن.

مىڭتيەن سارىيىدىكى مېھمانخانىنىڭ، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر مەسئۇلى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ مەسىلىدىكى ئەندىشىلىرىنى چۈشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ": مەن سىزگە شۇنى ئېنىق ئەسكەرتمەكچى، مەن سىزنىڭ بىر ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن بەزى ئەندىشىلىرىڭىز بارلىقىنى چۈشىنىمەن. لېكىن بىزنىڭ ئۆز ئالدىمىزغا بەلگىلىمىمىز بار. ھازىرغا قەدەر بىزنىڭ سىلەرنى قارشى ئالمايدىغان ھەر قانداق بىر تەدبىرىمىز بولۇپ باقمىدى. ئەلۋەتتە سىزنىڭ ئۆزىڭىز سەلبىي خاتىرىڭىز بولمىغان كىشىلەردىن بولۇش شەرتى ئاستىدا. ئەگەر سىز مېھمانخانىمىزدا ياتماقچى بولسىڭىز، كىملىكىڭىز راست بولۇشى، ھەقىقىي كىملىكىڭىز بىلەن كېلىشىڭىز شۇنداقلا ياخشى بولمىغان ئەھۋالدا بولماسلىقىڭىز كېرەك. يەنە بىر ئىش بىزنىڭ مېھمانخانىمىزدا ياتقان يولۇچىلارنىڭ كىملىكى يېرىم سائەت ئىچىدە ج خ ئىدارىسىغا يوللىنىدۇ."

يۇقىرىقى شەرتلەرنى ھازىرلىغان ھەر قانداق ئۇيغۇرنىڭ مەزكۇر مېھمانخانىدا قارشى ئېلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن مېھمانخانا مەسئۇلى " ئەگەر مېنىڭ دېگەنلىرىم بەلگىلىمىگە توغرا كەلمىسە، ئۇ ھالدا بەلگىلىمە ئاساس قىلىنىدۇ، دەپ ئويلايمەن " دەيدۇ.

لېكىن بۇ بەلگىلىمە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ نارازىلىقى ۋە تەنقىدىگە ئۇچراپلا قالماي، بۇ يەنە ئۆكتىچى پىكىردىكى خىتاي تور بېكەت ۋە چەتئەلدىكى ئۆكتىچى خىتاي زىيالىلىرىنىڭ ئارىسىدا غۇلا - غۇلا قوزغاپ، مەزكۇر بەلگىلىمە "ئىرقىي كەمسىتىش" دەپ تەنقىدلەنمەكتە. بۇ قاراشتىكى خىتاي زىيالىلىرىنىڭ بىرى ئامېرىكىدىكى خىتاي تىلىدا چىقىدىغان "كۈزىتىش" ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى چېن كۇيدﯤ ئەپەندىدۇر. چېن كۇيدﯤ،" بۇ بەلگىلىمىنىڭ ئىرقىي كەمسىتىش سىياسىتى ئىكەنلىكى ناھايىتى روشەن. ئۇلار بىخەتەرلىكنى باھانە قىلىپ، ئىرقىي كەمسىتىشنى يولغا قويۇۋاتىدۇ. بۇ بىر قانۇنسىز ھەرىكەت. بۇ خەلقئارا نىزامنامىلەرگە خىلاپ بولۇپلا قالماي، بۇ يەنە جۇڭگونىڭ ئىچكى قانۇن ۋە ئاساسىي قانۇنىغا خىلاپ قىلمىش. بۇ مىللەتلەر باراۋەرلىكىگە خىلاپ مىللىي كەمسىتىشتۇر. بۇ سىياسەت تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان. بۇنىڭغا جىددىي مۇئامىلە قىلىش لازىم. ب د ت ياكى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا ئەرز قىلىش كېرەك. بۇ تۈردىكى ئىرقىي كەمسىتىشلەرنىڭ 21 ‏ - ئەسىردىكى جۇڭگودا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى بىر ھاقارەتتۇر" دېدى.

چېن كۇيدى يەنە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئولىمپىك مەزگىلىدىكى بىخەتەرلىك سىياسىتىنى ئەيىبلەپ، خىتاينى ئۇرۇش ھالىتىگە كەلتۈرۈپ قويۇش بىلەن ئەيىبلىدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ": بىخەتەرلىك مەسىلىسى ھەممە دۆلەتتە بار نەرسە. ئولىمپىك مەزگىلىدە كېلىپ ‏ - كېتىدىغانلار بىر ئاز كۆپ بولۇشى مۇمكىن. لېكىن بۇ دېگەنلىك ئاساسى كىشىلىك ھوقۇقنى قىسىش كېرەك دېگەنلىك ئەمەس. جۇڭگودا ھازىر ئوتتۇرىغا چىققان مەسىلە بىخەتەرلىكنى باھانە قىلىپ، جەمئىيەتنى ئۇرۇش ھالىتىگە كەلتۈرۈپ قويدى. خۇددى ھەربىي ھالەت ئېلان قىلىنغاندەك بىر ئەھۋالدا. بۇ ئەھۋالغا يول قويۇلماسلىقى كېرەك. بۇ جۇڭگو خەلقىنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىغا ئېغىر دەرىجىدە تاجاۋۇز قىلغانلىقتۇر... بىخەتەرلىك يولىدىكى تۈرلۈك تەدبىرلەر چوقۇم قانۇنلار ئاساسىدا يولغا قويۇلۇشى لازىم...."

بېيجىڭ ئولىمپىك تەشكىلى كومىتېتى يەكشەنبە كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ، تېررورلۇق ھۇجۇملار ئولىمپىك يىغىنى دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ زور تەھدىت، دەپ تەكىتلىگەن شۇنداقلا دائىرىلەرنىڭ تېررورچىلىققا قارشى ھەر تەرەپلىمىلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.