د ئۇ ق 'شاۋگۇەن ۋەقەسى'نىڭ بىر يىللىقىدا دوكلات ئېلان قىلدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى "شاۋگۇەن ۋەقەسى"نىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن دوكلات ئېلان قىلدى. دوكلاتتا شاۋگۇەن ۋەقەسىنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى ھەم بۇ ۋەقەنىڭ "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"نىڭ پارتلىشىغا سەۋەب بولغان ئامىللار ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

0:00 / 0:00

2009 - يىلى 6 - ئاينىڭ 26 - كۈنى يۈز بەرگەن "شاۋگۇەن ۋەقەسى"، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان بۇ 60 يىلدىن بۇيانقى زور ۋەقەلەرنىڭ بىرى دەپ قارالماقتا. "شاۋگۇەن ۋەقەسى" يەنە خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا، 2009 - يىلى دۇنيادا يۈز بەرگەن " 10 چوڭ خەلقئارالىق ۋەقەنىڭ بىرى"دەپ ئەنگە ئېلىنىپ، " 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" نىڭ، پارتلىشىغا سەۋەب بولغان ۋەقە دەپ قارالماقتا.

دوكلاتتا مۇنداق كۆرسىتىلگەن: "شاۋگۇەن ساقچى ئىدارىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2009 - يىلى 6 - ئاينىڭ 26 - كۈنى سەھەر 2 دە باشلىنىپ، 4 كە قەدەر داۋام قىلغان ئىرقىي ھۇجۇم جەريانىدا ھاشىمجان ئەمەت ۋە سادىقجان غازى ئىسىملىك ئىككى ئۇيغۇر ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى قەشقەر توققۇزاقلىق دېھقان. 120 كىشى يارىلانغان، يارىلانغانلارنىڭ 81 نەپىرى ئوخشاشلا قەشقەر توققۇزاقلىق ئۇيغۇر دېھقانلىرى دەپ كۆرسىتىلدى.

دوكلاتتا كۆرسىتىشىچە، شاۋگۇەن شەھەرلىك ھۆكۈمەت بۇ قېتىمقى ئىرقىي ھۇجۇمنىڭ كېلىپ چىقىشىغا، جۇڭ فامىلىلىك بىر خەنزۇنىڭ، 6 - ئاينىڭ 16 - كۈنىدىن ئېتىبارەن شاۋگۇەن شەھىرىدىكى تور بەتلىرىدە، "6 نەپەر شىنجاڭلىق ئۇيغۇر 2 نەپەر بىگۇناھ خىتاي قىزىغا باسقۇنچىلىق قىلدى" دېگەن مەزمۇندىكى يالغان خەۋەر ۋە پىتنە - پاساتنى تارقىتىشى سەۋەبچى بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: "10 - ئاينىڭ 10 - كۈنى شاۋگۇەندە ئۆتكۈزۈلگەن سوتتا پاكىتلار بۇرمىلانغان، يالغان دەلىل - ئىسپاتلار ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان، ھەقىقىي قاتىل ۋە زوراۋانلار قانۇن تورىنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلۇپ، ۋەقەدە بىۋاسىتە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان بىگۇناھ ئۇيغۇرلار جازالاندى. بۇ ئارقىلىق، فاشىست ۋە ئىرقچى خىتايلارغا جاسارەت ۋە مەدەت بېرىلدى."

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت، شاۋگۇەن ۋەقەسىنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي سىياسىتىدىكى باراۋەرسىزلىكنى تەنقىدلىدى.

دوكلاتتا يەنە يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلارغا ئەرزان ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە يۆتكىلىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ سانى ھەققىدىمۇ مەلۇمات بېرىلگەن. دوكلاتتا قەشقەر توققۇزاق ناھىيىسىدىن يۆتكەلگەن ئۇيغۇرلار مىسالغا ئېلىنىپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى خەلق تۇرمۇشىنىڭ نامراتلىقى ھەم رايوندىكى يەرلىك خەلقنىڭ ئەرزان ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە خىتاي ئۆلكىلىرىگە تۈركۈملەپ يۆتكىلىۋاتقانلىقى تەنقىدلەندى.

دوكلاتتا خىتاي ئۆزى ئېلان قىلغان مەلۇماتلاردىن نەقىل ئېلىنغان. دوكلاتتا كۆرسىتىشىچە، قەشقەر كوناشەھەر ( توققۇزاق) ناھىيىسىنىڭ ھاكىمى ئەھەت ياسىن، 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شاۋگۇەن شەھىرىدە خىتاي ئاخباراتلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئىچكى ئۆلكىلەردە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى بەرگەن. ئۇ، قەشقەر كوناشەھەر ناھىيىسىنىڭ ئومۇمى نوپۇسى 320 مىڭ نەپەر، ھەر يىلى بۇ ناھىيىدىن باشقا يۇرتلارغا "ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى" دېگەن نامدا ئىشلەمچىلىككە ئەۋەتىلىۋاتقانلار سانى 75 مىڭ ئادەم قېتىم" دەپ كۆرسەتكەن.

دىلشات رىشىت ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ياش ئۇيغۇر قىز- ئوغۇللىرىنى ئەرزان ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە، خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەشنى توختىتىشقا چاقىردى.

بۇلتۇر يازدا ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"نىڭ كېلىپ چىقىشىغا مانا مۇشۇ "شاۋگۇەن ۋەقەسى" سەۋەبچى بولغان. بۇ كۈنى ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ نامراتلىقى، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئەرزان ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە يۆتكىلىشى، رايوندىكى خىزمەت پۇرسەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بېرىلمەسلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش قىلغان ئىدى.

ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي سىياسىتىدىكى باراۋەرسىزلىك ۋە مىللىي كەمسىتىشكە قارىتا ئېلىپ بارغان بۇ نارازىلىق نامايىشى"، قانلىق باستۇرۇلغاندىن كېيىن، نامايىش تەرەققىياتى يەرلىك ئۇيغۇرلار ھەم كۆچمەن خىتايلار ئارىسىدىكى مىللىي توقۇنۇشقا ئايلانغان ئىدى.

خىتاي دائىرىلىرى ۋەقەدە 200 دەك ئادەم ئۆلۈپ نۇرغۇن ئادەم يارىلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بۇ ۋەقە يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە قاراتقان مىللىي سىياسىتىدىكى تەڭسىزلىكنى دۇنياغا ئاشكارىلىغان ئىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.