شايار ناھىيىسى يېڭىمەھەللە يېزىسىدىكى بىر ئۇيغۇر تىجارەتچى ئۈستىدىن ئوچۇق سوت ئېچىلدى

مۇشۇ ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، شايار ناھىيىسى يېڭىمەھەللە يېزىسىدا تارقاق ھەج قىلىش پائالىيىتى تەشكىللەش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن بىر ئۇيغۇر تىجارەتچى ئۈستىدىن ئوچۇق سوت ئېچىلىپ، ھۆكۈم ئېلان قىلىنغان ھەمدە ئۇنىڭغا 7 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەن.

0:00 / 0:00

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەمىنلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ ئۇيغۇر تىجارەتچى ئاقسۇ ۋىلايىتى شايار ناھىيىسى يېڭى مەھەللە يېزىسى ياقا بۇلاق كەنتىدىن بولۇپ، ئۇ كىشى ھۆكۈمەت بەلگىلىگەن ھەج قىلغۇچىلار سانى تەگمىگەن، ئەمما ھەج قىلىش ئارزۇسىدىكى بىر نەچچە ئۇيغۇرنىڭ پۇلىنى ئېلىپ، ئىش بېجىرىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە چىققان بولسىمۇ، ئەمما ئىشى پۈتمەستىن ساقچىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان.

يەرلىك ھۆكۈمەت: " تارقاق ھەج قىلىشىنى چەكلەش ھەمدە جەمئىيەت ئامانلىقىنى قوغداش"

ئىگىلىشىمىزچە، يېڭىمەھەللە يېزىسىدا ئېچىلغان ئوچۇق سوتقا، مەزكۇر يېزا تەۋەسىدىكى دىنىي زاتلار ئاساسلىق ھالدا چاقىرتىلىپ قاتناشتۇرۇلغان بولۇپ، ئوچۇق سوتقا يەرلىك دىنىي زاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كادىر ۋە خەلق ئاممىسى بولۇپ جەمئىي 300 گە يېقىن كىشى قاتناشقان.

بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان يېڭىمەھەللە يېزىسى 5 - كەنتلىك بىر دېھقاندىن ئىگىلىشىمىزچە، يىغىنغا قاتناشقان دىنىي زاتلارغا بۇ يىغىن روھىنى يەتكۈزۈش تاپىلانغان بولسا كېرەك، كەنت مەسچىتىنىڭ ئىمامى مەسچىت جامائىتىگە بۇ ئىشنىڭ تەپسىلاتىنى ئۇقتۇرغان.

شايار ناھىيىسى ھۆكۈمەت تورىدا بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئوچۇق سوت 13 - ئىيۇن ئېچىلغان بولۇپ، بۇنىڭدىن مەقسەت "دىنغا ئىشەنگۈچى ئاممىنىڭ ھەج قىلىش پائالىيىتىنى قانۇن ئارقىلىق قېلىپلاشتۇرۇش، تارقاق ھەج قىلىشىنى چەكلەش ھەمدە جەمئىيەت ئامانلىقىنى قوغداش" ئىكەن.

يېڭىمەھەللە يېزىلىق ساقچىخانىسى: " بۇ بىز بېجىرىدىغان دېلو ئەمەس"

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە يەنە، مەزكۇر ئۇيغۇر تىجارەتچىگە " ئالدامچىلىق جىنايىتى" ئارتىلغان، ئۇنىڭغا يەتتە يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەندىن باشقا يەنە 10 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلغان.

ھالبۇكى، يېڭىمەھەللە ساقچى خانىسى ۋە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى شۇنداق بىر ئوچۇق سوت ئېچىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ ھەقتە تەپسىلىي توختىلىشنى رەت قىلدى.

يېڭىمەھەللە يېزىلىق ساقچىخانىدىكى مەسئۇل خادىمنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ دېلونى ساقچى ئورۇنلىرى بېجىرمىگەن ئىكەن.

دىلشات رىشىت:" ئوچۇق سوت ئېچىشتىمۇ يەنىلا تەشۋىقات يۇقىرى سالماقنى ئىگىلىگەن"

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر ئۇيغۇر تىجارەتچى ئىلگىرىمۇ تارقاق ھەج پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇش ئىشلىرىغا قاتناشقان بولۇپ، بۇ نۆۋەت ئۈرۈمچىدىكى ئىشلىرىنى بېجىرىپ بولۇشتىن ئىلگىرى يەرلىك ساقچى دائىرىلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان بولغاچقا، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇنىڭغا "ئالدامچىلىق ۋە تارقاق ھەج پائالىيىتى تەشكىللەش" جىنايەتلىرىنى ئارتقان.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە ھازىر، دىنىي چەكلىمىلەرگە ئائىت ھەر خىل تەشۋىقاتلارنى ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئوچۇق سوت ئېچىشتىمۇ يەنىلا تەشۋىقات مەقسىتى يۇقىرى سالماقنى ئىگىلىگەن.

ئۇيغۇر ئېلىدە ھەج پائالىيىتى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بىر تۇتاش تەشكىللىنىپ ئېلىپ بېرىلىدۇ ھەمدە تارقاق ھەج قىلىش ۋە تارقاق ھەج پائالىيىتىگە تەشكىللەش قاتارلىقلار قانۇنسىزلىق ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، ئالدىنقى يىلى يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تارقاق ھەج قىلىشنىڭ ئالدىنقى ئېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ پاسپورتلىرىنى يىغىۋالغان ئىدى.