شايار ناھىيىسىنىڭ تارىم يېزىسىغا ئىشلەمچىلىك قىلىش ئۈچۈن كەلگەن 11 ئۇيغۇرنىڭ، ئۇلارنى كېۋەزلىكىدە ئىشلەتكەن خىتاي تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قاتتىق غۇلغۇلە قوزغىدى. گەرچە بۇنداق بىر قانلىق ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى شايار ناھىيىسىدىكى ئاھالە ئىچىدىلا ئەمەس، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا كەڭ تارقالغان بولۇپ، ھەتتا شاياردىكى كىچىك بالىلار ئۆزا ئارا سۆھبەتلىرىدە بۇ ۋەقە ھەققىدە سۆزلەپ يۈرگەن بولسىمۇ، خىتاي دائىرىلىرى ھازىرغىچە يا بۇنداق بىر ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكى ئىنكار قىلماقتا ياكى ۋەقە ھەققىدە ئېنىق بىر ئۇچۇر بېرىشتىن ئۆزلىرىنى قاچۇرماقتا.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ۋەقە ھەققىدە تەپسىلسى ۋە ئېنىق ئۇچۇر بېرىشىتىن ئۆزلىرىنى قاچۇرۇشى، ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىشى، ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جىنايەتنى ئىشلىگەن خىتايغا قوللانغان جازاسى ھەققىدە ھەم تۈرلۈك خەۋەرلەرنىڭ بىر-بىرىگە ئوخشىمىغان خەۋەرلەرنىڭ تارقىلىشىغا سەۋەب بولدى. بەزىلەر ۋەقەدە ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلار سانىنى 14 دەپ بىلدۈرسە، بەزىلەر 11 دەپ كۆرسەتمەكتە.
شايار ۋە تەنەن يېزىسىدىكى بەزى كىشىلەردىن ئىگىلىشىمىچە، 2006-يىلى 4-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئىشلەمچىلىك قىلىش ئۈچۈن خوتەندىن تانان يېزىسىغا كەلگەن 11 ئۇيغۇر، تانان يېزىسىدىكى ئەڭ باي يەر ئىگىلىرىدىن بېرى ھېسابلانغان يان كەي ئىسىملىك خىتاينىڭ كېۋەزلىكىدە ئىشلەشكە باشلىغان. يان كەي ياشلىرى 18 بىلەن 50 ئارىسىدىكى ئۇيغۇر ئىشلەنچىلەرگە ياخشى پۇل بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىپ ئىشلەتكەن. كېۋەز تىرىش ئىشى ئاياقلاشقاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئىشچىلار خوتەنگە قايتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، يان كەيدىن پۇلىنى سورىغان. خىتاي خوجايىن ئۇلارنىڭ پۇلىنى بېرىشنى كېچىكتۈرۈپ، ئاخىرى بەزى خەۋەرلەرگە قارىغاندا 11- ئاينىڭ 23- كۈنى يەنە بەزى خەۋەرلەرگە قارىغاندا 11- ئاينىڭ 25- كۈنى ئۇلارنى قوي سويۇپ مېھمان قىلىپ، ئاندىن پۇلىنى بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
قوينىڭ گۆشىنى يەپ، شورپىسىنى ئىچكەن 11 ئۇيغۇر ئىشچى شۇ ئاخشىمى زەھەرلىنىپ ئۆلگەن. يان كەي ئۆلگەن ئۇيغۇر ئىشلەمچىلەرنىڭ جەسىتىنى توپا ئىتتىرىش ماشنىسى بىلەن گەمىنىڭ ئاغزىنى يېپىپ، كۆمۈۋەتكەن. ۋەقەدىن ئون كۈن كېيىن جەسەتلەر باشقىلار تەرىپىدىن بايقالغان ۋە قانلىق ۋەقە پاش بولغان.
بۇنداق قانلىق بىر ۋەقەنىڭ يۈز بەگەنلىكى كىشىلەر ئارىسىدا ئېغىزدىن-ئېغىزغا تارقىلىپ يۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي دائىرىلىرى ۋەقە ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشنى رەت قىلماقتا ھەتتا بۇنداق بىر ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكىمۇ ئىنكار قىلماقتا.
شايار ساقچى ئىدارىسىنىڭ بىر خادىمى بۇنداق بۇر ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى رەت قىلىپ، بۇ ھەقتىكى سۇئالىمىزغا جاۋاب بېرىشنىن ئۆزىنى قاچۇردى. شايار ساقچى ئىدارىسىنىڭ يەنە بىر خادىمى بىلەن تېلېفون ئارقىلىق كۆرۈشكىنىمىز، ئۇ ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئىنكار قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ھەقتىكى سۇئالىمىزغا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى.
لېكىن يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكىنىمىزدەك، ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكى شاھاردىكى كىچىك بالىلار ئارىسىدىمۇ ئېغىزدىن -ئېغىزغا تارقىلىپ يۈرمەكتە. شايارددىكى كىچىك بىر بالا تانان يېزىسىدا يۈز بەرگەن ۋەقە ھەققىدىكى سۇئالىمىزنى مۇنداق جاۋابلاندۇردى.