شايار ناھىيىسىدە دىنىي پائالىيەتلەرنى چەكلەشتە يېڭى بەلگىلىمىلەر چىقىرىلدى

يېقىندا شايار ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ناھىيە تەۋەسىدىكى دىنىي پائالىيەتلەرگە قارىتا يېڭى بەلگىلىمىلەر چىقارغان. بەلگىلىمىدە، بۇندىن كېيىن ناھىيە تەۋەسىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ھەرقانداق شەكىلدىكى دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ ناھىيىلىك ۋە يېزىلىق ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ھەمدە كەنت ۋە مەھەللە كومىتېتلىرىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈلۈشى تەلەپ قىلىنغان.

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر سىياسىي ۋە دىنىي پائالىيەتچىلەر

شايار ناھىيىلىك ھۆكۈمەت چىقارغان بۇ بەلگىلىمىنىڭOpens in new window ]

خەلقئارالىق ئىنسان ھەقلىرى قانۇنلىرىغا خىلاپ بولۇپلا قالماستىن، بەلكى خىتاي ئاساسى قانۇنىغىمۇ خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

شايار ناھىيىلىك ھۆكۈمەت پۇقرالارنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرىنى چەكلەشكە قارىتا چىقارغان يېڭى بەلگىلىمە 10 ماددىدىن تەركىب تاپقان. بەلگىلىمىنىڭ 7 - ماددىسىدا، جۈمە نامىزىدا كادىرلار نازارەت قىلىش، ئىمام سۆزلەيدىغان جۈمەلىك دىنىي تەبلىغ مەزمۇنىنى، ئالدى بىلەن كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىملىرىغا تەستىقلىتىش تەلەپ قىلىنغان. شۇنداقلا جۈمە نامىزىدا بۇ مەسچىت تەۋەسىدە بولمىغان ھەرقانداق كىشىنىڭ دىنىي تەبلىغ سۆزلىشى چەكلەنگەن. كەنت كادىرلىرىدىن سىرتتىن كەلگەن ھەرقانداق "ناتونۇش ئاخۇن"لارنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش تەلەپ قىلىنغان.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەلۇم يېزىسىدىكى بىر دېھقاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلارنىڭ يېزىسىدىمۇ ئىماملار ئاساسەن ھۆكۈمەت بەلگىلەپ بەرگەن سۆزلەرنى سۆزلەيدىكەن. بۇ دېھقان، ئۆز يېزىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل ئەھۋاللارغا نارازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بەلگىلىمىنىڭ 1 - 2 - 3 - ۋە 4 - ماددىلىرىدا، ناھىيە تەۋەسىدىكى دىنىي پائالىيەتلەرنى بىر تۇتاش باشقۇرۇش، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەر ۋە مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە قارشى تۇرۇش، "3 خىل كۈچلەر" ۋە "دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر"نىڭ ئىدىيە جەھەتتىن سىڭىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، دىنىي پائالىيەتلەرنى باشقۇرۇشتا ھۆددىگەرلىك تۈزۈمىنى يولغا قويۇش قاتارلىقلار بەلگىلەنگەن.

بەلگىلىمىنىڭ 5 - ماددىسىدىن باشلاپ، دىنىي پائالىيەتلەرنى باشقۇرۇشتىكى ئەمەلىي بەلگىلىمىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ناھىيە تەۋەسىدىكى كادىرلاردىن شۇ بەلگىلىمىلەر بويىچە ئەمەلىي ئىجرا قىلىش تەلەپ قىلىنغان.

مەسىلەن، 5 - ماددىدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە سادىق بولغان، "ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار" دەپ ئاتىلىدىغان بىر تۈركۈم دىنىي ساۋاتى بار كىشىلەرنىڭ ئارخىپىنى تۇرغۇزۇپ، ئۇلارغا سىياسىي جەھەتتىن تەربىيىلەش ئېلىپ بېرىش، ۋە ھەر قېتىملىق يىغىلىشتا (خىتاينىڭ) دۆلەت بايرىقىنى چىقىرىش بەلگىلەنگەن.

بەلگىلىمىنىڭ 6 - ماددىسىدا، ھۆكۈمەت بەلگىلىگەن دىنىي زاتلارنىڭ تالىپ تەربىيىلەشتە يەرلىك دائىرىلەرنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىش ۋە كەنت كادىرلىرى بۇ تالىپلارغا سىياسىي تەلىم - تەربىيە ئېلىپ بېرىشى بەلگىلەنگەن.

بەلگىلىمىنىڭ 8 - 9 - ماددىلىرىدا، پۇقرالار ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىنىۋاتقان ئەنئەنىۋى ئۆرۈپ - ئادەت پائالىيەتلىرىنىمۇ ئىلتىماس سۇنۇپ تەستىقلىتىش ۋە پائالىيەت جەريانىنى نازارەت قىلىش تەلەپ قىلىنغان. بەلگىلىمىنىڭ ئاخىرقى يەنى 10 - ماددىسىدا ھەر پەسىلدە بىر قېتىم ھەرقايسى كەنتلەرنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرىنى نازارەت قىلىش ئەھۋالى ئۈستىدىن باھالاش ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى ھەم ئۇدا 3 قېتىم لاياقەتسىز بولغانلارنىڭ مەمۇرى جازاغا تارتىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئىگىلىشىمىزچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ باشقا ۋىلايەت ناھىيىلىرىدىمۇ شايار ناھىيىلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن چىقىرىلغان يۇقىرىقى بەلگىلىمىگە ئوخشاش بەلگىلىمىلەر ئېلان قىلىنغان. ئەمما بىز ھازىرچە باشقا ۋىلايەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت تور بەتلىرىدىن بۇنىڭغا ئوخشاش بەلگىلىمىنى ئۇچراتمىدۇق.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان يۇقىرىقى دېھقاننىڭ بىلدۈرۈشىچە يەنە، ھازىر ئۇلارنىڭ يېزىسىدىكى مەسچىتلەردە، جۈمە نامىزىدا يېزا كادىرلىرى ۋە ساقچىلارنىڭ نامازنى نازارەت قىلىشى ئومۇميۈزلۈك ئەھۋال ئىكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، شايار ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ئېلان قىلغان بۇ بەلگىلىمىنىڭ، خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى قانۇنىغىلا خىلاپ بولۇپلا قالماستىن، بەلكى خىتاي ئاساسى قانۇنىدا بەلگىلەنگەن " پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگىمۇ خىلاپ" ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى بوغۇش بىلەن ئەيىبلىدى.

تۈركىيە مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىلاھىيەتشۇناسلىق بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان، دىنىي ئۆلىما ئاتاۋۇللا شايار ھاجىم، شاياردا يولغا قويۇلۇۋاتقان بۇ بەلگىلىمىگە قارىتا شۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ "خىتاي ئاساسى قانۇنىدا بەلگىلەنگەن قانۇنلارغا ئاساسەن، ھۆكۈمەتكە ئىنكاس قايتۇرۇشىنىڭ تولىمۇ مۇھىملىقىنى، ئۇنداق قىلمىغاندا بۇندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ توي - تۆكۈن، نەزىر - چىراغقا ئوخشاش باشقا پائالىيەتلىرىنىڭمۇ ئاشۇنداق "يەرلىك بەلگىلىمىلەر" سەۋەبىدىن توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خىتايدا دەپسەندە قىلىنىۋاتقان دىنىي - ئېتىقاد ئەركىنلىكى مەسىلىسى، نۆۋەتتە خەلقئارا جەمئىيەت جىددىي دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئاراغا بەرگەن ۋەدىسىدە "خىتايدا پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ خىتاي قانۇنى دائىرىسىدە قوغدىلىۋاتقانلىقى"نى تەشۋىق قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، خىتايدا چىقىرىلىدىغان مۇشۇنداق يەرلىك قائىدە - تۈزۈملەر سەۋەبىدىن پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئۈزلۈكسىز ھالدا چەكلىمىگە ئۇچراپ كەلمەكتە ئىكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.