ئۇيغۇرلار «ياشلار شېھىتلەرنىڭ ئىزىدا» ناملىق پائالىيەتتە

7-يانۋاردا ئۆتكۈزۈلگەن سارى قامىش شېھىتلىرىنى ئەسلەش پائالىيىتىگە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ياشلار ۋە تەنتەربىيە مىنىستىرى سۇئات قىلىچ ئەپەندى قاتارلىق مىنىستىر ۋە پارلامېنت ئەزالىرىمۇ قاتناشتى.

0:00 / 0:00

ئون مىڭدىن ئوشۇق كىشى شېھىتلەر ماڭغان يولنى بىللە مېڭىپ 90 نەچچە يىل بۇرۇن بۇ يەردە تۈركىيىنى قۇتقۇزۇش يولىدا سوغۇقتا توڭلاپ جېنىدىن ئايرىلغان شېھىتلەرگە بولغان ھۆرمىتىنى ھەم سۆيگۈسىنى ئىپادىلىدى.

ئاللاھەكبەر تېغىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ياشلار شېھىتلەرنىڭ ئىزىدا» ناملىق سارى قامىش شېھىتلىرىنى ئەسلەش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2013-يىلى 7-يانۋار، تۈركىيە.
ئاللاھەكبەر تېغىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ياشلار شېھىتلەرنىڭ ئىزىدا» ناملىق سارى قامىش شېھىتلىرىنى ئەسلەش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2013-يىلى 7-يانۋار، تۈركىيە. (RFA/Erkin Tarim)

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىمۇ باشقا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر ۋە رايونلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن بىر قاتاردا ياشلار ۋە تەنتەربىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئۇيغۇرلارغا ۋەكىل بولۇپ بۇ پائالىيەتكە قاتناشتى. بىز بۇ پائالىيەت ۋە سارى قامىش شېھىتلىرى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئاللاھەكبەر تېغىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ياشلار شېھىتلەرنىڭ ئىزىدا» ناملىق سارى قامىش شېھىتلىرىنى ئەسلەش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2013-يىلى 7-يانۋار، تۈركىيە.
ئاللاھەكبەر تېغىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ياشلار شېھىتلەرنىڭ ئىزىدا» ناملىق سارى قامىش شېھىتلىرىنى ئەسلەش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2013-يىلى 7-يانۋار، تۈركىيە. (RFA/Erkin Tarim)

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.