5-ئىيۇل شېھىتلىرىنى ئەسلەش ۋە ئۇلارنىڭ روھىغا ئاتاپ قۇرئان تىلاۋەت قىلىش پائالىيىتىنى گېرمانىيە چوڭلار مەشرىپى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، پائالىيەتكە كۆپلىگەن ئەر-ئاياللار ۋە بالىلار قاتناشتى. بۇ پائالىيەت « بىر دۇنيا ئۆيى » ناملىق خەلقئارا تەشكىلاتلار مەركىزىنىڭ پائالىيەت زالىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى. شېھىتلەر روھىغا ئاتاپ 30 پارە قۇرئاننى تولۇق ئوقۇپ تاماملىغان دىنىي زىيالىيلار بۇ ئەسلەش مۇراسىمىنىڭ مۇقەددىمىسىنى خەتمە بىلەن باشلىدى.
خەتمە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، د ئۇ ق دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ھاجىم شېھىتلەر روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلدى. دۇئادىن كېيىن بۇ مۇراسىمغا رىياسەتچىلىك قىلغان گېرمانىيە چوڭلار مەشرىپىنىڭ ئەزاسى، ئۇيغۇر زىيالىيسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ قېتىمقى پائالىيەت ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىپ ئۆتكەندىن كېيىن، د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندىنى سۆزگە تەكلىپ قىلدى. ئەسقەرجان ئەپەندى 5-ئىيۇل قانلىق قىرغىنچىلىقى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىپ، ئاخىرىدا بۇ سورۇننى ئۇيۇشتۇرغان چوڭلار مەشرىپى ئەھلىگە بولغان تەشەككۈرلىرىنى بىلدۈردى.
بۇ قېتىمقى مۇراسىمدا يەنە د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆز ئېلىپ، 5-ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ جەريانىنى ۋە خىتاينىڭ ۋەتەن ئىچى-سىرتىدا بۇ ۋەقەنى قارىلاش يولىدا ئوينىغان ئويۇنلىرىنى، 7-ئىيۇل ئاياللار نامايىشىنىڭ خىتاينىڭ ھىلە-مىكىرلىرىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىپ تاشلىغانلىقىنى چۈشەندۈردى. سابىق شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان مىللىي قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى، گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاقساقاللىرىدىن ئەنۋەرجان ئەپەندى سۆز نۆۋىتىدە ۋەتەندىكى خەلقنىڭ جاسارەتلىرىگە بولغان قايىللىقى ۋە ھۆرمىتىنى بىلدۈردى. گېرمانىيە ياشلار مەشرىپى خادىمى ئابدۇجېلىل قارىھاجىم ئاخىرىدا سۆز ئېلىپ، شېھىتلىكنىڭ ئاللانىڭ ھوزۇرىدىكى مەرتىۋىسى ۋە ئۇنىڭ ۋەتەن-مىللەت ئىستىقلالىيىتى يولىدىكى رولى توغرىسىدا قىسقىچە تەپسىر قىلىپ ئۆتتى. بۇ مۇراسىمدا يەنە 5-ئىيۇل ۋە 7-ئىيۇل كۈنلىرى گېرمانىيىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان نامايىشلارغا سەپەرۋەرلىك قىلىش چاقىرىقلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.