'شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن تۈركىيىنىڭ قولىدىكى يېڭى پۇرسەت'

يېقىندا تۈركىيىدە چىقىدىغان "يېڭى چاغ گېزىتىدە"، "شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن تۈركىيىنىڭ قولىدىكى يېڭى پۇرسەت " ناملىق بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى. بۇ ماقالىنى مەزكۇر گېزىتنىڭ يازغۇچىسى كۇرشاد زورلۇ يازغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺭﯨﺴﻼﻥ
2010-03-04
Share
Turkiyining-yengi-pursiti-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، "ﻳﯧﯖﻰ ﭼﺎﻍ ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ"ﺩﻩ، ﻛﯘﺭﺷﺎﺩ ﺯﻭﺭﻟﯘ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ "ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﯧﯖﻰ ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ " ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺗﻮﺭﺩﯨﻜﻰ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
www.yenicaggazetesi.com.tr ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

ماقالىدا ئاساسلىقى "تۈركىيە-ئاسىيا ھەمكارلىق ۋە خەۋپسىزلىك قۇرۇلتىيى"نىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندا، بۇ تەشكىلات ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ھەل بولۇشى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ھەققىدە بۇ تەشكىلات ئارقىلىق خىتايغا بېسىم قىلىش ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈلگەن.

ماقالە مۇنداق باشلانغان: "كېلىڭ، ئوتتۇرا شەرقتە يۈز بەرگەنلەرگە قارشى كۆرسەتكەن مەيدانىمىزنى، شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىزدىن ئايىمايلى. زورلۇق - زومبۇلۇقلار، زالىملار، زوراۋانلار ۋە ئاتالمىش دوست دەپ بىلگەنلەرگە بۇ ئىشنى تاشلاپ قويمايلى."

ماقالىدا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: "تۈركىيە ‏- ئاسىيا ئىستراتېگىيىلىك تەتقىقات مەركىزى" بىلەن تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە قاراشلىق ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 'ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىدىغان تەدبىرلەر ۋە ئاسىيا ھەمكارلىق ۋە خەۋپسىزلىك قۇرۇلتىيى' ناملىق يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. تۈركىيە ‏- ئاسىيا ئىستراتېگىيىلىك تەتقىقات مەركىزىنىڭ رەئىسى سۇلايمان شەنسوي باشچىلىقىدا كۆپ ساندا كىشى قاتناشقان بۇ يىغىندا، تۈركىيىنىڭ بۇ جەرياندا قانداق ئىستراتېگىيە يۈرگۈزىدىغانلىقىغا ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ئاڭلىدۇق. يىغىننى ئۇيۇشتۇرۇشتا ئالاھىدە كۈچ چىقارغان ۋە بۇ يىغىننى پىلانلىغان دوكتۇر ئۈلماگۈل ئىسىنا، تۈركىيە قاتارلىق ئاسىيا دۆلەتلەرنىڭ مەسىلىلىرىنى ئەڭ ياخشى بىلىدىغان مۇتەخەسسىسلەردىن بىرى. ئالماگۈل ئىسىنا، ئوخشاش ۋاقىتتا قازاقىستانغا ۋەكىللىك قىلىدۇ ۋە نەتىجە بېرىدىغان ئىشلارنى قىلىدۇ. بۇ قېتىمقى 'ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە خەۋپسىزلىك قۇرۇلتىيى'نىڭ يىغىنىمۇ ئۇنىڭ پىلانلىرىدىن بىرى ئىدى. ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە خەۋپسىزلىك قۇرۇلتىيى ئىلگىرى كىچىك بىر مۇنبەر شەكىلدە قۇرۇلغان بولۇپ، قازاقىستاننىڭ تىرىشچانلىق قىلىشى بىلەن بۈگۈنكى كۈندە 20 ئەزا ۋە 10 كۆزەتچى دۆلەت سانى بىلەن ياۋروپا‏- ئاسىيا دۆلەتلىرىنى بىر يەرگە توپلىغان چوڭ بىر تەشكىلاتقا ئايلاندى. يېقىندا، خىتاي، رۇسىيە، ئىسرائىلىيە، ھىندىستان ۋە شىمالىي كورىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئەزا بولدى ۋە ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە بۇ تەشكىلاتنىڭ كۆزەتچى سالاھىيىتىگە ئېرىشتى. بۇ يىل 6 ‏- ئايدا بۇ تەشكىلاتنىڭ يىغىنى ئىستانبۇلدا ئېچىلماقچى بولۇپ، شۇ قېتىملىق يىغىندا تەشكىلاتنىڭ 2 يىللىق رەئىسلىك ۋەزىپىسىگە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تەيىنلىنىدىكەن."

جاۋاب بېرىلمىگەن سوئال

ماقالىدا يەنە ئاپتور، يىغىندا، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە سورىغان سوئالنىڭ جاۋابسىز قالغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق يازغان: "ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە خەۋپسىزلىك قۇرۇلتىيىغا تۈركىيە رەئىسلىك ۋەزىپە ئۆتەيدىغان دەۋردە، تەشكىلاتنىڭ بىرىنچى ۋەزىپىسى، بىخەتەرلىك، دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇقتا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش كۈتۈلمەكتە. ئەسلىدە بۇ دەۋرنى قەيەردىن باشلايدىغانلىقىمىزمۇ ئېنىق. ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە خەۋپسىزلىك قۇرۇلتىيىنىڭ ئۆزگەرگەن ۋە كۈچلەنگەن ئاساسىي نۇقتا بولسا شەرقىي تۈركىستان ياكى ئۇلارنىڭ دېگىنى بويىچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بارغانسېرى ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ياشاۋاتقان ۋەزىيىتى ۋە كەلگۈسى ئۈچۈن مۇجادىلە قىلىشتا ھۆرىيەت مەيدانغا چىقىش ئېھتىمالى بار. بۇ جەرياندا يەنە تۈركىيە بىلەن ئۆزبېكىستان ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن سوغۇقچىلىق مۇناسىۋەتلەر ئىستانبۇلدا ئېچىلىدىغان يىغىندا خاتىمە بېرىشكە پۇرسەت چىقىدۇ. مەن بۇ يىغىندا سوئال سوراش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم ۋە بۇ ھەقتە تۈركىيە ۋەكىلى بۈلەنت تۇلۇنادىن، تۈركىيىنىڭ ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە خەۋپسىزلىك قۇرۇلتىيىغا ئەزا بولغان دەۋردە شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرى كۈنتەرتىپكە كېلەمدۇ؟ دەپ سوئال سورۇدۇم. ئەمما سوئالىم جاۋابسىز قالدى. بۇ جەھەتتە، خىتاي باش ئەلچىسى تۆۋەن دەرىجىدە ۋەكىل بولۇپ قاتناشقان بولۇپ شۇ سەۋەبتىن سوئالىم جاۋابسىز قالغان بولسا كېرەك. چۈنكى بۇ سوئال سورالمىغاندەك مۇئامىلىگە ئۇچرىدىم."

ياۋرۇ ‏- ئاسىيانىڭ كۆزى

ماقالىدە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: " ئاسىيا رايوندىكى سىياسىي تەڭپۇڭلۇق سەۋەبىدىن خىتاي بىلەن قارشىلىشايلى دېمەكچى ئەمەسمەن، بۇنى ئەقلى ‏- ھوشى جايىدا بولغان ھېچ كىم خالىمايدۇ، ئەمما ئۇ يەردە يۈز بېرىۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيىگە كۆز يۇمۇش. ئەڭ مۇھىم كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلەر قارشىسىدا، ئاتالمىش زىيارەتلەر بىلەن كۈندىلىك مەسىلىلەرنى ئىزدەش، پەلەستىندە بومباردىمان ئاستىدا قالغان كىچىك بالىلارنىڭ پەريادلىرىغا قۇلاق سالمىغانلىق بىلەن ئوخشاش دەپ قارىلىدۇ. تۈركىيىنىڭ ئاسىيادىكى ھەمكارلىق ۋە خەۋپسىزلىك قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە، بەك مۇھىم خىزمەتلەرنى قىلالايدۇ، تىنچلىققا تۆھپە قوشالايدۇ، ياۋروپا ‏- ئاسىيا رايونلىرىدىكى بىخەتەرلىكنى يېڭىلاش خىزمىتى ئېلىپ بارالايدۇ، ھەتتا تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى داۋۇت ئوغلۇنىڭ، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئوخشاش بىر بىرلىكنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئالاقىدار پىكىرلىرىنى قوللىغۇچىلارنىڭ سانىنى كۆپەيتەلەيدۇ. پەقەت، ئاسىيادىكى ھەمكارلىق ۋە خەۋپسىزلىك قۇرۇلتىيى شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمنى توختىتىش ئۈچۈن بۇ مەسىلىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ۋە ئىلگىرى سۈرۈلۈشى ئۈچۈن ئەڭ تەسىر دائىرىسى كۈچلۈك شارائىت يارىتىشقا مۇمكىن بولىدۇ. ئەمما رەئىسلەر نېمە ئۈچۈن بۇنىڭدىن ئېھتىيات قىلىدۇ؟ ياكى خىتاي دۆلىتىنىڭ بۇ مەسىلىگە قارىتا، تۈركىيىگە، 'سىزنىڭمۇ PKK مەسىلىڭىز بار، بۇ بىزنىڭ ئىچكى ئىشىمىز' پىكىرلىرىنى خاتىرىلىتىش كېرەكمۇ؟ ئوتتۇرا شەرقتە يۈز بەرگەنلەرگە قارشى كۆرسەتكەن مەيدانىمىزنى، شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىزدىن ئايىمايلى. زورلۇق قىلىۋاتقان زالىملارغا، زوراۋانلارغا ۋە ئاتالمىش ئېغىزدا دوست دەپ بىلگەنلەرگە بۇ ئىشنى تاشلاپ قويمايلى. بۇ ئىش ئۈچۈن كېرەك بولغاننى قىلايلى."

ئىگىلىنىشىچە، قازاقىستان، 6 ‏- ئايدا ئاسىيا ھەمكارلىق ۋە خەۋپسىزلىك قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى تۈركىيىگە تاپشۇرۇپ بېرىدىكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت