بۇرۇن تۈركىيىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار، ئۇنىۋېرسىتېتلار، تەتقىقات مەركەزلىرى ۋە بەزى ئىدارە-جەمئىيەتلەر شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە يىغىنلار چاقىرىپ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە مۇلاھىزىلەر ئېلىپ باراتتى. 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ھەرقايسى تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە ئىزدەنمەكتە.
4-ئاينىڭ 21-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئەنقەرە ياقاجىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى ئوقۇغۇچىلىرى «شەرقىي تۈركىستاندىن خەۋىرىڭ بارمۇ؟» ماۋزۇلۇق پائالىيەت ئۆتكۈزدى. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ 2-سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن ئەلىف تۇنچ ۋە كۈبرا ئاۋتان قاتارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرقانچە ئايلىق ئىزدىنىشى نەتىجىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىنغا، ئوقۇتقۇچى -ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇپ 500 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.

يىغىندا ئالدى بىلەن 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ۋە 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىنكى ۋەزىيەت بايان قىلىنغان ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلدى. ھۆججەتلىك فىلىمنى كۆرگەن ئوقۇغۇچىلار ئۆزىنى تۇتالماي يىغلىشىپ كەتتى.
كېيىن شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبىسى مەسئۇلى خەيرۇللا ئەفەندىگىل ئەپەندى «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە تۈركىيىنىڭ شەرقىي تۈركىستان سىياسىتى» تېمىسىدا سۆز قىلدى.
ئەنقەرە ياقاجىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئەرول قارتاق ئەپەندى قىلغان سۆزىدە بۇ خىل يىغىنلاردا ئوقۇغۇچىلارنىڭ دۇنيادا نېمىلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى ئۆگىنىشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز تارىخىنى، ئەجدادلىرىنى بىلىۋېلىشى ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ سۆزىدە يەنە بۈگۈن دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا مەيدانغا كېلىۋاتقان ھادىسىلەرنىڭ ئىنسانلارنىڭ كۆڭلىنى قاتتىق يېرىم قىلىۋاتقانلىقىنى، تۈركلەر بىلەن تىلى ۋە دىنى ئوخشاش ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىغا خىتاي سېلىۋاتقان بۇ زۇلۇمنىڭ تۈركلەرنىڭ كۆڭلىنى قاتتىق ئاغرىتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلار قېرىنداشلىرى بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئەمەس، ئىنسان بولغانلىقى ئۈچۈن، خىتاينىڭ ئىنسانلىققا قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقى ئۈچۈن خىتايغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ مەكتىپىدە شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە داۋاملىق ھالدا بۇ خىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
تارىخ مۇئەللىمى ئايخان ئەردوغان ئەپەندى بۇ يىغىندا ئوقۇغۇچىلارلا ئەمەس ئوقۇتقۇچىلارنىڭمۇ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە كۆپ مەلۇماتقا ئىگە بولغانلىقىنى ئاڭلىتىپ مۇنداق دېدى: بۇ يىغىندا پەقەتلا ئوقۇغۇچىلارلا ئەمەس، ئوقۇتقۇچىلارمۇ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە مەلۇمات ئىگىسى بولدى. چۈنكى شەرقىي تۈركىستان سىرتقا ئېتىۋېتىلگەن يەر بولغاچقا ئۇ يەردە بولۇۋاتقان ۋەقەلەرنى خىتاي يوشۇرۇپ كەلگەن ئىكەن.
يىغىندا نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار ئۇيغۇرلارغا ئىچى ئاغرىپ يىغلاپ كەتتى. ئوقۇغۇچىلار بۇ ۋەقەلەر راستىنىلا بولۇۋاتامدۇ؟ بىزنىڭ ھۆكۈمىتىمىز نەدە؟ تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى نەدە؟ نېمىشقا بۇ قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەم قولىنى ئۇزاتمايدۇ؟ دەپ يىغلاپ كەتتى. مېنىڭ بىلىشىمچە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى تۈركىيىدە كۆپرەك ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى يىغىنلاردا كۈنتەرتىپكە كېلەتتى، ئەمدى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردىمۇ يىغىن چاقىرىلىشقا باشلاندى.
شەرقىي تۈركىستاندا مەيدانغا كېلىۋاتقان بۇ ئېچىنىشلىق ۋەقەلەرنى تۈركىيىدە ھەممە ئىنسانغا ئاڭلىتىشىمىز كېرەك. بولۇپمۇ ياش-ئۆسمۈرلەرگە ياخشى ئاڭلىتىشىمىز كېرەك، چۈنكى ئۇلار دۆلىتىمىزنىڭ كېلەچىكى. تۈركىيە دۆلىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا چوقۇم ئىگە چىقىشى كېرەك.